مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 2

بەخىت ئۇچقۇنلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98156
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 09:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جىنىم بىلسىڭىز بۈگۈن قەلەم ئۆزلىگىدىن قولۇمغا چىقتى،قوللىرىم قەلەمنى ئالدى،قەلبىم قوللىرىمغا ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى شۇنچە بەخت ئىچىدە ئىيتىپ بىرىۋاتاتتى    قەلەم قولۇمنىڭ بۇيرىقى بىلەن قەلبىمدىكى بۇ بەخىت ۋىسال شادلىقىغا تولغان تۇيغۇنى يىزىۋاتىدۇ،يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى شۇ قەلەم يازغان قۇرلارغا قاراپ شۇنچە تىز سوقۇۋاتىدۇ، بىردەمدىلا قەلبىم كۆڭلىدىكىنى قەلەم ئارقىلىق يىزىپ بولۇپتۇ، جىنىم سىز قەلبىمنىڭ نىمىلەرنى يازغىنى بىلەمسىز؟ بۇلارنى كۆرگىنىڭىزدە بەلكىم سىزمۇ ماڭا ئوخشاش بەخىت ئىچىدە چوڭقۇر نەپەس ئېلۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن..جىنىم ئەمسە مەن بىلەن بىرگە قەلبىمنىڭ ساداسىغا قولاق سىلىڭ،بۇ قۇرلارغاقاراڭ ..

<بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈن چۈنكى ھاياتىمنىڭ سۇلتانى،يىگانەم بولغان سىردىشىم رانۇ ماڭا قەلبىدىكىنى ئىيتى ،ئۇ ئۆزىنىڭ مىنى ئاستا-ئاستا  ياخشى كۆرۈپ قىلۋاتقانلىقىنى ئىيتى، مەن بۇنى ئاڭلىغىنىمدا رەببىمگە مىليونلىغان شۈكۈرلەرنى ئىيتقۇم كەلدى، ئۆزئۆزۈمگە پىچىرلاپ تۇرۇپ: ھەركۈنى سەبىر ۋە ئۈمۈد ئىچىدە ھەر نامىزىمدا ئاللاھتىن بەختىمىزنى تىلىگەن ئىدىم،ئۈمۈدسىزلىككە تولغان چاغلىرىمدا يەنە ئىشەنچىم بىلەن رەببىمدىن تىلىدىگەن ئىدىم، يارەببىم ئۇنى بۇ دۇنيالىق بەختىملا ئەمەس ئىككى دۇنيالىق بەختىم ئەزىزىمدىن قىلغىن،ئۇنىڭغا بولغان بۇ چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ چۈشىنىپ يىتىشىگە نىسىپ قىلغىن ،سىنىڭ تائىتىڭگە لايىق ھالال جۈپتىلەردىن بولۇشىمىزغا نىسىپ قىلغىن دەپ تىلىدىم، لېكىن مەن رەببىمدىن تىلەشتىن باشقا ئۆزۈممۇ تىرىشتىم، سىز ياقتۇرمىغان بارلىق يىتەرسىزلىك جايلىرىمنى ،كەمچىلىككىمنى بارچە ئۇسۇللار بىلەن تۈزەتمەكچى بولدۇم، ئاخىرىدا قولۇمغا قۇرئان ئالدىم،چۈنكى پەقەت دىنىمىزنىڭ قانۇنىي بولغان قۇرئانىملا قەلبىمنى پاكلاپ،نۇقسانلىرىمنى تۈزۈتۈشكە ياردەم بىرەتتى،شۇ تەرىقىدە مەن كۆپلىگەن كىتابلارنى ئوقۇدۇم،شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمدىكى بەزى يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزەتتىم،ھەم بەزى گۈدەكلەرچە مىجەزىمنى ئۆزگەرتىپ سىزنى خوش قىلىشنى ئويلىدىم، چۈنكى مەلۇم بىر كۈنلەردە سىزنىڭ دۇنيارىڭىزغا سىڭىپ كىرسەم سىزگە ئىتائەت قىلشىم،سىزنى ئائىلەمنىڭ تۆۋرۈكى دەپ ھۆرمەتلىشىپ كىرەك ئىدى،شۇڭا مەن ھازىردىن باشلاپ سىزگە ئىشەنچ،سۆيگۈ،ئۈمۈد بېرىشكە تىرىشتىم، ھەم سزنىڭ قەلبىڭىزدە ئۆچەي دىگەن ئوتنى قايتا ياندۇردۇم، سىزگە ئىلگىرى قوپال دىگەتتىم  لېكىن ھازىر سىز نىمە دىسىڭىز ئاڭلايدىغان بولدۇم،سىزگە يول قويىدىغان،تاكاللاشمايدىغان بولدۇم،چۈنكى سىزمۇ ئەلۋەتتە ماڭا ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق  قىلىسىزدە، جىنىم ئاللاھ ماڭا ئاسانلىق بىرىۋاتامدۇ بۇنسى ماڭا قاراڭغۇ،لېكىن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ماڭا ئامراق بولۇشى ،مىنى سىزگە ئېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن چىغىمدا قانچىلىك خوش بولغىنىمنى بىلەمسىز؟  ياق،سىز بۇ چاغدىكى خوشاللىقىمنى ھېس قىلالمايسىز، جىنىم كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلساڭ شۇنداق مۇئامىلىگە ئېرىشسەن دىگەن سۆزگە ئەمدى ئىشەندىم ،مەن ئاتا-ئانىڭىزنى ئۆز ئاتا-ئانامدەك، يىقىنلىرىڭىزنى،تۇققانلىرىڭىزنى، دوسلىرىڭىزنى ئۆز يىقىنلىرىمدەك كۆرۈپ قولۇمدىن كىلىشچە ياخشى مۇئامىلە قىلدىم،چۈنكى مەن كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلى قىلسام ئۇلاردىنمۇ ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشەتتىم، بۇنداق قىلسام ھەم كىيىن سىزنىڭ يۈزىڭىزمۇ يورۇق بولاتتى، جىنىم سىزگە قىلغانلىرىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلمايمەن، چۈنكى مەن سىزنىڭ مىنى ئازابلىمايدىغىنىڭىزغا ،مىنى قەدىرلەپ مىنى بەخىتلىك قىلالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن ،جىنىم  مىنىڭ يازغان بۇ خەتلىرىمنى كۆرگىنىڭىزدە بەلكىم خوشال بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئىنشائاللاھ مەن قانچىلىك جاپا تارتساممۇ،قىينالساممۇ، ئازابلانساممۇ سىزنى بارچە ئاماللار بىلەن خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن، چۈنكى سىز شۇ قەدەر جاپا تارتىپ ئىشلەۋاتىسىز، مىنىڭ بىلىدىغىنىم چەكلىك سىزگە كۆپ جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە ئاجىزمەن، شۇڭا كۈچۈمنىڭ يىتىشچە قولۇمدىن كىلىشىچە تىرىشىمەن جىنىم، ئىنشائاللاھ ئاللاھ بەختىمىزنى بەرسۇن، سىزنىڭ ھەم بارچە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن، بەلكىم كۆپلەر مىنى ئەخمەق دىيىشى مۇمكىن،لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئۇنداق دەپ قارىمايمەن، چۈنكى مۇھەببەت كۆپلىگەن قۇربانلىقلارنى بىرىش نەتىجىسىدە قولغا كىلىدۇ، ئىنسان ھاياتىدا  قانداقلىكى نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بەدەنلەرنى تۆلەيدۇ، شۇندىلا كىشى ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشەلەيدۇ،ئەجىر-مىھنەتسىز ئېرىشكەن نەرسە ۋاقىتلىق بولىدۇ،ئۇ كىشىگە مەڭگۈلۈك بەخىتنى بىرەلمەيدۇ، شۇڭا مەنمۇ بەختىم ئۈچۈن تېرىشىمەن،جىنىم مەن سىزدىن كۆپنى تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت مىنى قەدىرلىسىڭىزكەن، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ مىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىكەن دەيمەن، چۈنكى مەلۇم نەرسىلەر ۋاقىتلىق بولۇپ، ھامان ئاخىرلىشىدۇ، پەقەت بىر جۈپلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئەقىدىسى،چىن مۇھەبىتى ئۆمۈرلۈك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ ئۇچراشتۇرغان بىر جۈپلەر ئىدى .>

جىنىم مانا بۇ قەلبىمنىڭ سىزگە دىمەكچى بولغانلىرى، قەلەم يەنە كۆپ نەرسىلەرنى يىزىشقا ئاجىز كەلدى، شۇڭا قەلبىم ئۇنى چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ساقلاپ قويدى.

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 10:49:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، مەن بەك ياقتۇردۇم .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98156
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 11:12:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yultuzay0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 10:49 AM
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، مەن بەك ياقتۇردۇم .

رەھمەت ،ياقتۇرغىنىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش