|
|
|
|
مەن يەنە ئۈنسىز ياش تۆكتۈم (نەسىر)
دېكابىرنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى، قار لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان تېمتاس كېچە، مىسكىنلىككە مەھكۇم روھىمنى سەگىتمەك بولۇپ، غېرىبلىقتا يالغۇز قالغان دەريا ساھىلىدىكى تېرەك تۈۋىدە بىرساداغا زارىقىپ تۇرماقتىمەن، سەن بىلەن دىدارلىشىش مەڭگۈگە نىسىپ بولمىسىمۇ يۈرۈكۈم يەنىلا ساڭا تەلپۈنمەكتە. كېچە قارا پەردىسىنى يايغان مۇشۇ پەيتتە مەن يەنىلا خىياللار ئالقىنىدا سېقىلماقتىمەن ، گېلىمگە قانداقتۇر بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەكلا ئارامسىزلىق، يۈرەك باغرىمنى ئەزمەكتە ئىدى. مانا مۇشۇ تېرەك تۈۋىدە شېرىن سۆزلىرىمىز تۈگىمەيتتى،بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالغانلىقىمىز قەلب ئېكرانىمدا قايتا نامايان بولدى. ھەر بىر ئادەم ئۆز تەغدىرىنىڭ تومۇرچىسى بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما رىئالىقتا تەغدىرنىڭ ھۆكۈمىگە كۆنمەيمۇ ئامال يوق، ئارزۇ–ئارمانلىرىمىز شۇنچە يارقىن، تېنىقلىرىمىزمۇ ئۆز-ئارا سېڭىشىپ كەتكەن بۇ قىسمەتلەر ھەقىقىي سۆيگىنى ئاتا قىلالىدىمۇ؟ ئەپسۇس تۇلۇمۇ ئەپسۇس ...ئارمانلىرىمىز ۋاقىتنىڭ سېنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، مەزگىلسىز تۆكۈلگەن غازاڭدەك ئاچچىق–تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، غايىپ بولدى.
بەخىتىمىزگە كاج تەغدىرنىڭ كۆزى قىزارغانمىدۇ؟
خىىيالىمغىمۇ كەلمىگەن رەھىمسىز ھايات تۇرمۇشۇمغا تۆمۈر تىرنىقىنى پاتۇرۇشقا باشلىدى. سەن ماڭا پات- پات چاقچاق قىلىپ يالغان سۆزلەپ قويۇشۇڭنىڭ ئەمەلىيەت بولۇپ قېلىشىنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن ئىدىم،« بېشىڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ مىڭەمدە ئۆسمە بار ئىكەن »دىگىنىڭنىڭ راست بولۇپ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.دوختۇرنىڭ دىئاگىنوزىنى ئاڭلاپ ئۆز قولۇقۇمغا ئىشەنگۈم كەلمىدى، ئېتىقانلىرىڭنىڭ چاقچاق بولۇپ قېلىشىنى قانچە ئارزۇ قىلاتتىم ھە؟بىراق، بۇ رىئاللىق ئارزۇيۇمغا مەڭگۈ باقمايتتى. سىرتقا چېقىپ قاتتىق ۋاقىرىۋەتتىم، شۇ تاپتا ماڭا ئاسمان كۆمۈلۈپ، يەر پىقىراتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بۇ نىجىس كېسەل ئۆلۈم ئوقلىرىنىڭ بىۋاستە نىشانگاھى ئىكەن.مەن ئۆز -ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ ساڭا چاندۇرماستىن ئاخىرقى تېنىقلىرىڭغىچە مېھرىمنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېرىشتىم، سەن مەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدىغىنىڭنى سەزگەندەك چوڭقۇر مېھرىڭ بىلەن قۇچاقلىدىڭ ، مەن ئاشۇ چوڭقۇرلۇقتا سېغىنىش بىلەن قالدىم.رەھىمسز تەغدىر ئاخىرى مېنى سەندىن ئايرىدى، تۇنجى قار ياغقان تۇندىكى مەھكەم باغاشلىشىڭ رويۇمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. سوغۇقنىڭ جان جېنىمدىن ئۆتكىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن،شۇ تاپتا ئەتراپىم سېنى ئەسلىشىمگە دەخلى قېلماسلىققا پۈتۈشىۋالغاندەكلا جىمجىت ئىدى.پۇتۇمنى ئاستا يۆتكىدىم،غاراسلاپ چېقىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىمدىن باشقا ھېچقانداق سادا يوق ئىدى. ۋۇجۇدۇمدا غەلىيان قىلغان چەكسىز سېغىنىش مېنى سەنسىز چۆلدەرەپ قالغان سوغۇق ھوجرىغا سۆرەپ كېتىۋاتاتتى.مېنىڭ ئىشىكتىن قىزغىنلىق بىلەن كېرىپ قازان بېشى تەرەپكە ئۆتمىگىنىمگە قانچىلىك ۋاقىت بولغاندۇ ھە؟ئەتكەن تاماقلىرىمدىن ھوزۇرلىنىپ، مېنى چارچاپ ھاردىڭ دېگىنىڭچە خۇشاللىق بىلەن ياردەمدە بولۇشلىرىڭ خىيال ئىكرانىمدا يەنە گەۋدىلەندى. ئۆز ئارزۇيۇڭغا خىلاپ ھالدا پانىي بىلەن خوشلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ھەممە نەرسە ئۆز مەناسىنى يوقاتقاندەكلا سېزىلىدىغان بولدى. سەن قېشىمغا ئەبەدىي قايتىپ كېلەلمەيسەن ، ئەمما سېغىنىشىم بىلەن روھىي دۇنيارىمدىكى سىمايىڭنى ھېچكىممۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. تىۋىشسىز تېلىنىۋاتقان يۈرىكىم سېغىنىشنىڭ ئوتلىرىدا پۇچىلىنىپ نالە قىلماقتا ... مەن يۈگۈرۈپ بارغىنىمچە ئۆزۈمنى باسالماي تامغا ئېسىقلىق سۈرىتىڭنى ئالدىمدا باغرىمغا باستىم. مەن يەنە ئېغىر ئۇھ تارتقىنىمچە ئۈنسىز ياش تۆكتۈم.. بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇلاقتەك كۆز ياشلىرىم كۆزۈمدىن ئەمەس، يۈرۈكۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئېتىلىپ چىقماقتا ئىدى.
2014- يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى بورتالا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sayramkizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-17 07:12 PM
|
|
|
|
|
|