مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4990|ئىنكاس: 90

رازۋېدكا خاتىرىسى— بىنادىن تاشلىنىش دېلوسى (7) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 11:23:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فاسەي تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى. گەرچە ئۇ بايا كارىدور ئېغىزىدا كۆزگە چېلىقىدىغان بىر دانە تاماكا چەكلەش بەلگىسىنى كۆرگەن بولسىمۇ، تامامەن پىسەنت قىلمايۋاتاتتى.
چىن چىمىڭنىڭ كولىغان بۇ چوڭ ئورىكىگە قارىتا، فاسەي ئالدىراپ ئىنكاس قايتۇرماستىن، تامامەن پىسەنت قىلمىغان قىياپەتتە تۇراتتى. بۇ ئەھۋال چىن چىمىڭنى سەل تېرىكتۈردى.
فاسەي تاماكىسىنى چېكىپ 1/4 قىسمى قالغان چاغدا، ئاندىن ئالدىرىماي : «قىلچىلىك خاتالىق يوق— ئۇ دەپ بولۇپ  تاماكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىۋىتىپ، جى لىڭ گې غا قاراپ ئەستايىدىللىق بىلەن  داۋاملىق دېدى—  چىن جوڭ يۈەننىڭ ئۇنداق ئادىمىدىن ئىككىسى باركەن»

جى لىڭ گې چۆچۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇ فاسەينىڭ ئالدىدىكى بۇ چوڭ ئورەككە قارىتا چىقارغان تەدبىرىنى، يەنى— ئۆلگۈچى لومەن بىلەن چىن چىمىڭ كۆرگەن ھېلىقى ئايالنى ئىككى ئادەم قىلىۋەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى .مۇنداق بولغاندا، لومەن دېگىنى كۆپچىلىك ھەممىسى تونۇيدىغان، چىن چىمىڭنىڭ كۆرگىنى بولسا يەنە باشقا بىر مەخپىي ئادىمى بولىدۇ.

فاسەي ئېغىر بىرنى تىنىپ قويۇپ سورىدى: «چىن چىمىڭ، سەن كۆرگەن ھېلىقى ئايال لومەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىرى. ئۇنداقتا سەن بىزگە سەن كۆرگەن ھېلىقى ئايالنىڭ تەقى - تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ »

چىن چىمىڭ دۇدۇقلاپ قالدى. ئۇ مۇشتلىرىنى تۈگۈپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، مۇۋاپىق جاۋاپ ئىزلەۋاتاتتى. چۈنكى بۇ يەردىكى ھېچكىم فاسەينىڭ مۇشۇنداق ئاسانلا ئۇ كولىغان ئورەكتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن سىرت، ئۇنىڭدىن داۋاملىق سوئال سورىيالايدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى.
چىن چىمىڭ ئۇزاققىچە دۇدۇقلىدى - يۇ، تۈزۈك بىر ئېغىز گەپ قىلالمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بايا دېگەنلىرى پۈتۈنلەي يالغان گەپ تۇرسا! ئۇ ئەزەلدىن دادىسىنىڭ ھېچقانداق ئايال بىلەن بىللە تۇرغىنىنى ئەسلا كۆرمىگەن تۇرسا!

«سەن راستتىنلا ئۇنداق ئىشنى كۆرگەنمۇ؟ »دېدى فاسەي ئاغزىدىكى ئىسنى پۈۋلەپ چىقارغاچ. چىن چىمىڭ بېشىنى لىڭشىتتى. فاسەي بىرنى سوغۇق كۈلگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ جى لىڭ گې غا قاراپ «بولدىلا، ئۇ دادىسىنىڭ ئۇنداق ئادىمىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن» دېدى.
«بىراق ئۇ...بايا دېگەنلىرى ...»جى لىڭ گې يەنىلا ئۇنىڭدىن ئېغىز ئىسپاتى ئېلىشنى ئۈمۈد قىلاتتى.
«ئەگەر ئۇ دادىسىنىڭ ئۇنداق ئادىمىنىڭ بارلىقىنى بىلسە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئورا كولاشقا پېتىنمىغان بولاتتى. ئەگەر كولاپلا قالسا، ئاخىرى ئورەككە ئۆزى دەسسەپ، بىلگەنلىرىنى ياۋاشلىق بىلەن باشتىن ئاخىرى تولۇق ئىقرار قىلغان بولاتتى. »

بۇ يەردىن ئەسقاتقىدەك ئىسپات تاپالمىغاچقا، ئۇلار ئىككىسى بۇ جايدىن ئايرىلىپ، باشقا ئىسپات بولغىدەك ئادەم ئىزلەش قارارىغا كەلدى. كېتىشتىن ئىلگىرى جى لىڭ گې چىن چىمىڭ دىن سورىۋالدى«ئالدىنقى شەنبە كۈنى كەچ سائەت 23 دە سىز نەدە ئىدىڭىز؟ »
چىن چىمىڭ بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن جاۋاپ بەردى «ئۇچاغدا ...مەن ئۆيدىغۇ دەيمەن»
«ئۆيدىغۇ دەيمەن؟ »
«كۈندۈزى ئوينىغىلى چىققان ئىدىم، شۇڭا ئۆيگە بەك كەچ قايتقان. ئەسلى ئۆيگە تېلفون قىلغان ئىدىم، ئەمما ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. ھەممىسى ساياھەتكە كېتىپتۇ. شۇڭا ئۇ چاغدا مەن ئۆيدە يالغۇز ئىدىم...»
جى لىڭ گې خاتىرىلىۋالدى. فاسەي ئۇنىڭ جىنايەتچىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، يەنە بۇنى سوراپ نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى، جى لىڭ گې تەكىتلەپ دېدى: بۇ دېگەن خىزمەت!
ئاندىن كېيىن فاسەي ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئەگەر يەنە كۆڭلۈڭنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىش قىلىدىغان بولساڭ، تەپتىش بولىمەن دەپ خام خىيال قىلما! »
فاسەي ئۆزىنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىنىڭ، شۇ تاپتا چىن چىمىڭنىڭ كۆڭلىگە چوڭقۇر ئويىلىپ قالغىنىنى ئەسلا بىلمەيتتى.

ۋاقىت ھازىر بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، جى لىڭ گې فاسەينى ئەتە سەھەررەك ئورنىدىن تۇرۇپ، بىۋاستە مىڭ شا دېڭىز ساھىلىغا بېرىشنى، ئۇ يەردىكىلەردىن ھېلىقى نەق مەيداندا يوقلۇق ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشنى تاپىلىدى. بىراق ئىككىنچى كۈنى جى لىڭ گې تۇيۇقسىزلا پىلانىنى ئۆزگەرتتى. يەنى ئاۋۋال دېڭىز ساھىلىغا بارماي، جىنايەت نەق مەيدانىغا بېرىپ، چىن جوڭ يۈەن بىلەن لومەننىڭ بىللە لومەننىڭ بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بار - يوقلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قاتتىق ئويلىنىپ، دېڭىز ساھىلىدا گۇۋاھچى ئىزلىگەندىن بۇ  يەردىن گۇۋاھچى ئىزدىسە ئاسان توختايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپتىمىش.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىۋاستە شەھەر مەركىزىدىكى گۈيخەي گۈللۈكىگە باردى.

ئۆلگۈچى لومەنمۇ بىر ئادەم. ئۇنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرىشى مۈمكىن ئەمەس. چوقۇم بىكار ۋاقتىدا سىرتقا چىقىپ بىرنەرسە ئالىدۇ ياكى بازار چۆرگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ چىرايىمۇ چىرايلىق. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئاسان ئېسىدە قالىدۇ .شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ بۇ يەردىكى كىشىلەردىن سورىسا، چوقۇم ئۇنى كۆرگەنلەر چىقىدۇ.

ئۇلار شۇنداق قىلىپ بۇ ئەتراپتىكى كۆكتات بازىرى، تاللا ماگىزىنى، سودا بازىرى، سۈرەتخانا، كىتاپخانا ...قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىنى كېزىپ چىقتى .دەرۋەقە، بەزى كىشىلەر ئۇنى بۇرۇن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىشتى. بىراق ئۇلارنىڭ كۆرگىنى ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر ئەركىشى بىلەن تۇرغىنى ئەمەس، يالغۇز تۇرغىنى ئىدى.
ئۇلار يەنە شۇنى ئېنىقلىدىكى، لومەننىڭ بىر نەرسە ئالسا ئەڭ قىممىتىنى تاللاپ ئالىدىغان، باي خېنىم ئىكەن .

«غەلىتىغۇ بۇ ...»دېدى جى لىڭ گې سەل قايمۇقۇپ. بىراق فاسەي ھېچ غەلىتىلىك ھېس قىلغاندەك ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇنىڭ بۇ پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى چىن جوڭ يۈەن بەرگەن .شۇڭا غەلىتە ئەمەس.
ئەمما جى لىڭ گې ئېيتتى «ئەگەر چىن جوڭ يۈەن راستلا بىر پاك ئەمەلدار بولسا، قانداقسىگە ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ پۇل بېرەلەيدۇ؟ ئۆي ئىجارىسىنى دېمەي تۇرايلى. ئۇنىڭ بۇ خىل نەرسە - كېرەك ئېلىش ئۇسۇلىنىمۇ چىن جوڭ يۈەن كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ! »

فاسەي ئۇنىڭدىن ئەمەلدارلارنىڭ مائاشىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سورىۋىدى، جى لىڭ گې ئۇنىڭغا سۆيۈنچىنى قاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا تولىمۇ ئازلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدەك ئېلىكتىرونلۇق مۇسابىقە ئويناپ تاپقان پۇلغا ئەسلا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇلاردىن تەھلىل قىلىپ ئېيتقان ۋاقىتتا، چىن جوڭ يۈەن بىلەن لومەننەڭ راستتىنلا ئالاقىسى بولسا، ئۇ چاغدا چىن جوڭ يۈەننىڭ پاك ئەمەلدار ئەمەسلىكىنى ئاسانلا بىلىۋاغىلى بولىدۇ.

ئۇلار ئەمدى لومەننىڭ تۇرالغۇسى ئاستىدىكى بىر قاۋاقخانىغا كىردى.
قاۋاقخانىغا ئادەتتە كۈندۈزى خېرىدار كەلمىگەچكە ...(بىزنىڭ يۇرتلاردا نېمىشقا خەقلىرىمىز كېچە - كۈندۈز مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغاندۇ  شۇنداق يەردىن؟ ) ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

جى لىڭ گې ئۆزىنى خوجايىنغا مۇخبىر دەي دەپ تۇرىشىغا، ئويلىمىغان يەردىن بىر چەتتە تۇرغان فاسەي ئاۋۋال ئېغىز ئاچتى: «بىز ساقچى، ئىككى ئىستاكان، قانچە پۇل؟ »
جى لىڭ گې ھەيران قالدى. بۇ قېتىم ئۇ ئەجەپ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدىغۇ؟
ئاقىۋەتتە قاۋاقخانا خوجايىنى مۇنداق دېدى: «مەن ...مەن...مەن مېھمان قىلاي! »

«مەن ئادەتتە قاۋاقخانىدا ئىزچىل ساقچى سىياقىدا ياسىنىۋالىمەن» دېدى فاسەي جى لىڭ گې غا چۈشەندۈرۈپ.

ئۇزاق ئۆتمەي قاۋاقخانا خوجايىنى ئىككى ئىستاكان ھاراق ئېلىپ چىقتى. بۇ چاغدا جى لىڭ گې ئۇنى پاراڭلىشىش باھانىسى بىلەن قايتا توۋلاپ، ھېلىقى كۈندىكى بىنادىن تاشلىنىش دېلوسىنى سورىدى. قاۋاقخانا خوجايىنى بىردىنلا ھاياجانلاندى: «ئۇ كۈنى بىز قاتتىق توپ مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتقان. ئۇ نەدىن چۈشتى، ئىشقىلىپ بىر چۈشۈپتى، مېنىڭ بىر ئوبدان تىجارىتىمنىمۇ كاسات قىلدى!   ئەنە ئەنە، ئىشىگە چۈشكەن» .
ئۇ جەسەتنىڭ چۈشكەن جايىنى كۆرسەتتى. جى لىڭ گې ئۇ ئورۇننى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆزى نەق مەيدانغا كېلىپ باققان ئىدى.
«ئۆلگۈچىنى تونۇمسىز؟ »
«تونۇيمەن!  چۆپقىتىم ئۇ! دائىم بۇ يەرگە كېلىپ ئىككى رومكا قېقىۋېتىدىغان» .
«ئىم ...ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭ بىر قىرىق  -ئەللىك ياشلا چامىسىدىكى ئادەم بىلەن بىللە تۇرغىنىنى كۆرگەنمۇ؟ »
«مەن ئېنىق بىرنېمە دېيەلمەيمەن...مەن ئۇ باشلاپ كەلگەن كىشىلەرنى كۆرگەن، ھەرقېتىم بىللە كەلگىنى ئوخشىمايتتى  .ئېنىق قانداقلىقى ئېسىمدە قالماپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە نەچچە ياشلىقىمۇ، ئوتتۇز نەچچە ياشلىقىمۇ، قىرىق نەچچە ياشلىقىمۇ بار ئىدى. ».

بۇ جاۋاپ فاسەي بىلەن جى لىڭ گې نىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى .

لومەن بۇ يەرگە دائىم ئەرلەر بىلەن بىللە كېلەتتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىم ئوخشىمىغان ئەرلەر بىلەن؟!

جى لىڭ گې دەرھال لومەننىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، سورىدى: «سىز جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ ئۇ شۇمۇ؟ »
خوجايىن بىر قاراپلا تونۇۋالدى: «ھەئە! دەل ئۆزى!  دەل ئاشۇ شۇ! »

بۇ لومەننى قوغلايدىغانلار شۇنچىلىك جىقما؟!  ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەرلەر پۇل بەرسە ...ئۇنداقتا چىن جوڭ يۈەننىڭ لومەننىڭكى ئىقتىسادى بىلەن ئالاقىسى قالمىغان بولمامدۇ؟!

«ياق، ھامىنى بولىدۇ—  دېدى فاسەي— يىگىرمە، ئوتتۇز ياشلىق يىگىتلەر قىز كەلتۈرمەكچى بولسا قىزلارغا نېمە سوۋغا قىلىدۇ؟ ھەرقانچە بولسىمۇ بېشى ئىششىپ پۇل سوۋغا قىلمايدۇ. قىز كەلتۈرۈشتە پۇل سوۋغا قىلىش دېگەن قىرىق ياشتىن ئاشقان دىۋەڭلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ..»
«ئۇنداقتا سىزچە بولغاندا ..؟»
«باشقا ياشلارنىڭ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانلىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھېلىقى ھېلىقى ئىلغار، ئېسىل بۇيۇملار. »

بۇ دىئالوگنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىگە بىر كىرىشنى توغرا تاپتى. ئەمما باياتىن بېرى ئۇلارنىڭ بۇ تەھلىللىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان قاۋاقخانا خوجايىنى بۇ گەپلەرنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى بولغاي، ئۇلاردىن سورىدى: «سىلەرنىڭ دەۋاتقىنىڭلار ...ئۇنىڭ سۆيگىنىنى ئىزلەۋاتامسىلەر؟ »
فاسەي بىلەن جى لىڭ گې شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان خوجايىن دەرھال بېشىنى لىڭشىتتى: «مەنچە بولغاندا، ئۇ باشلاپ كەلگەن ئۇ كىشىلەر ئۇنىڭ سۆيگىنىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىنلا ئۇنداق ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرىدۇ»
«مۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ بەلكىم ئۇنى قوغلىشىۋاتقان يەنە باشقىلار بار بولغىيتتى. »
خوجايىن يەنە بېشىنى لىڭشىتتى: «توغرا ئەمەس. ئۇنداق بولمايدۇ»
ئۇلار خوجايىندىن نېمىشقا شۇنچە جەزىملەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى سورىدى. خوجايىن جاۋابەن دېدى: «چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىدىغىنى پەقەت ئەرلەرلا ئەمەس. يەنە تېخى نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار! »

بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟!

باشتا جى لىڭ گې خوجايىنىنى يالغان سۆزلەۋاتامدىكىن دەپمۇ ئويلىغان ئىدى. ئەمما ئۇمۇ ئويلاپ يەتتى. بىر ئايال كىشى شۇنچە بەك چىرايلىق بوپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بىرلا ۋاقىتتا مۇنچە كۆپ ئەرلەرنى ئوينىتالماس؟

ئۇنداق بولغاندا ...بۇ لومەننىڭكى كىشىلىك ئالاقە تورى شۇنچىلىك چوڭما؟! ھەممىسى ئۇنىڭ دوستى؟  ياكى  خىزمەتدىشى؟
قارىماققا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قايتا بىر تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغان ئوخشايدۇ.

ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش، لومەننىڭ ئۆيىدە كۈندىلىك ئائىلە بۇيۇملىرى ۋە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى تىزىقلىق تۇرغاندىن سىرت، يەنە تېخى بىر مۇنچە تاللا بۇيۇملىرى بار ئىدى. مەيلى قانداقلا تەكشۈرۈشتىن قەتئىينەزەر، بىرەر يىپ ئۇچى تېپىلىدىغاندەك ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، جى لىڭ گې نىڭ بۇ چاغدىكى قىياسى، ساراڭلىق دەرىجىسىگە يەتكەنىدى: «لومەنگە قىزلارنىڭمۇ قىزىقىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ »دەپ سورىدى ئۇ فاسەيدىن.
«ۋاي قاپاق، سەن تېخى بايىلا ئۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مۇنچە كۆپ ئادەمنى ئوينىتالىشى مۈمكىن ئەمەس دېگەنتىڭغۇ؟! »دېدى فاسەي لومەننىڭ كارىۋېتىدا تاماكا چېكىپ ئولتۇرغاچ، كارىۋات بېشىدىكى ئۈستەلگە تىزىقلىق تۇرغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تەكشۈرىۋېتىپ .

«ئەمىسە ئۇنى باشقىلار قوغلاشمىسا، نېمىشقا بىكاردىن بىرنەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ؟ ئەجىبا ئۇ بىر كەسپىي ئالدامچىمۇ - يە؟ »

فاسەي بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرمىدى. ئۇ پەقەت جى لىڭ گې دىن ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سورىدى، جى لىڭ گې جاۋابەن ئېيتتى: قىممەت باھالىق، ئاياللار بۇيۇملىرى بىر دۆۋە، ئۇششاق يېمەكلىك بىر دۆۋە، گىرىم بۇيۇملىرى بىر دۆۋە، ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىر دۆۋە ....
«توختاڭ!—فاسەي ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى—ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىر دۆۋە؟ »
«ئىم، توغرا ئەمەس يېرى باما؟ »
«ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە قىزىقىدىغان ئايال؟ »
«ۋاي ئۇنداقلار كۆپقۇ؟ »

فاسەي بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، جى لىڭ گې دىن ئۇ ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نەدىلىكىنى سوراپ تاپتى ۋە ھەممىسىنى ئۈستەل ئۈستىگە تۆكۈپ، تىزدى.
جى لىڭ گې ئۇنىڭغا بۇنى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ بولغانلىقىنى، گۇمانلانغىدەك بىرەر يېرىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئاقىۋەتتە فاسەي بىر دانە ئېسىل مۇزىكا قويغۇچنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: «بۇ نەرسە، سىزدە بارمۇ؟ »

جى لىڭ گې ئۇنداق نەرسىلەرگە قىزىقمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا يوقلىقىنى، ئەمما بىر خىزمەتدىشىدە بارلىقىنى ئېيتتى.

«قانچىسى بار؟ »
«ئەلۋەتتە بىرسى بار دە! »
«ئوۋ...ھېچكىم ئىككى تالدىن ئارتۇق سېتىۋالمايدىغۇ دەيمەن. »
«ھە؟! »

جى لىڭ گې دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى شۇ تىپلىق  بارلىق مۇزىكا قويغۇچلارنى بىر بىرلەپ ئايرىپ چىقتى.
جەمىي...  تۆت تال!؟

«قانداقسىگە؟ ...»
«ئەگەر گىرىم بۇيۇملىرى شۇنچە كۆپ بولغان بولسا بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. چۈنكى ئۇ نەرسىلەر ئىشلىتىپ بولسىلا تۈگەيدۇ. لېكىن ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىرەسى بىرسىگە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سوۋغا قىلماقچى بولسا، ئاۋۋال قارشى تەرەپنىڭ موھتاج ياكى موھتاج ئەمەسلىكىنى سورىۋىلىپ ئاندىن قىلىدۇ. ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ھازىر بارغانسىرى ئىلغارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن مۇنداق نەرسىلەرنى قالايمىقان جايلىغىلى بولمايدۇ»

جى لىڭ گې بارلىق ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاختۇرۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەكرارلانغانلىرى ھەقىقەتەن ئاز ساننى ئىگەللىمەيتتى.  ئۇ بۇ چاغدا تولىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە فاسەيدىن سورىدى: «ئۇنداقتا ئۇ راستتىنلا بىر قويمىچى ئىكەن - دە! »
مۇنداق بولغاندا، ئۇ ئاز بولمىغان ئوغۇل - قىزلارنى قويغاندىن سىرت، يەنە تېخى چىن جوڭ يۈەننىمۇ قويغان بولۇشى مۈمكىن!

«ھىم! »
فاسەي دەماللىققا كۈلدان تاپالماي، قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى بىۋاستە دېرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ياۋۇز + 300 غەيرەت قىلىڭ........

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 11:25:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتىل توشۇپ، نورمال ئوقۇش باشلانغاچقا، بەلكىم كېيىنكى قىسىملىرىنى مۇنچە تېز يوللىيالماسلىقىم مۈمكىن، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىگە تىلەكداشمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101927
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 11:53:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەن بەك قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن، قاچان ئايىغى چىقا بۇ دىلونىڭ ،، رەھمەت سىزگە ،، يارايسىز !! !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2638 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 11:57:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاخىر چىقتى ..ھەي بۇنىڭدىن كىيىن بەك ساقلاپ كەتكۈدەكمىزدە ...  ئاۋۇل بىر ئوقۇۋېتەي ..رەھمەت قىرىندىىشم

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:05:17 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
joda☠ يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 11:57 PM
ئاخىر چىقتى ..ھەي بۇنىڭدىن كىيىن بەك ساقلاپ كەتكۈدەكم ...

مېنىمۇ مۇشۇنداق ساقلاتقۇسى بار دەمسىز ..
مېنىڭمۇ شۇنچە ساقلاتمايلا ھەممىنى بىراقلا بېسىپ ئەۋەتكۈم بار. لېكىن ...شۇ...ئالايىتەن ئوقۇيمەن دەپ يۇرتتىن ئايرىلىپ كەلگەندىكىن، ئوقۇشنى تاشلاپ قويسام ئۆزۈمگە يۈز كېلەلەمدىم؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
joda☠ + 10 تىرشىڭ بۇرادەر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:11:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئوقۇپ بولدۇم دىسە بىردەمدە  .  بوپتۇ ئوقشىڭىزنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ!  لىكىن مانىڭ ئاخىرىنى قاچان يوللايسىز ۋاقتىنى دەۋەتسىڭىز. ئۇدۇل شۇچاغدىلا كىرىپ ئوقۇيلى  . نەچچە رەت قاراپ كېتىدىكەنمىز بولمىسا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4040
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8442
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:20:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ   ياتاي  دەپ   مۇنبەرگە  بىر قارىۋېتەي  ئاخىرى  چىقتىمىكىن دەپ  قارىسام  7جى  بۇلىكى  چىقىپتۇ  ئۇقۇپ  بولدۇم  ئەمدى  ئاستا   كۆرپىنى  ئاستىمغا  يوتقاننى  ئستىمگە  تاشلاپ   ئۇخخە...گودبەي   .....

بۇيەردە نىمە بادۇ.....Www.TizULnix.Com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:40:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
g520 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 11:53 PM
ھەي مەن بەك قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن، قاچان ئايىغى چىقا بۇ  ...

قوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر.
بۇ دېلو ئاىىرلىشىشقىمۇ ئۇزاق قالمىدى

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:41:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەللى يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 12:11 AM
يەنە ئوقۇپ بولدۇم دىسە بىردەمدە  .  بوپتۇ ئوقشىڭىزنى ئا ...

ئېنىق ۋاقتىنى بىر نېمە دېيەلمەيمەن. لېكىن ئىككى ياكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يوللايمەن. بەك ئۇزاققا سوزىۋېتىشنى ئۆزۈممۇ خالىمايمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 12:42:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altun_anqar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 12:20 AM
مەنمۇ   ياتاي  دەپ   مۇنبەرگە  بىر قارىۋېتەي  ئاخىرى  چىق ...

ئىنگىلىزتىلى دېگەننى سويىۋېتەمسىز نېمە ...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش