مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2693|ئىنكاس: 27

تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3441
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1051 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 10:03:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەۋبە مۇسۇلمان ھاياتىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولۇپ،مۇسۇلمان داۋاملىق تەۋبىگە ئالدىرىشى لازىم.تەۋبە بەندە بىلەن ياراتقۇچىسى ئوتتۇرسىدا بولىدىغان بۈيۈك ئىبادەتتۇر. بىز ئاللاھتىن تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلىپ،گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشنى سورايمىز،
*تەۋبىنىڭ لۇغەت مەنىسى<<قايتىش>> دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
*تەۋبە شەرىئەت ئاتالغۇسىدا:قەستەن ۋە سەۋەنلىك بىلەن سادىر بولغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىش،تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە شۇ گۇناھلارنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ئىرادە باغلاشتىن ئىبارەت.
ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزى مۇنداق دەيدۇ:"تەۋبە ئىرادە ۋە قەستنى كۈچلەندۈردىغان پۇشايمان.پۇشايماننىڭ ئالامىتى سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىش،كىلەچىكىنى ئىسلاھ قىلىش دىمەكلىكتۇر".
ساھابىلاردىن ئەمرۇ ۋە ئەبۇ مۇئاز (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) لار مۇنداق دىگەن:ھەقىقى تەۋبە،سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئىككىنچى قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن يىنىشتۇر، بۇنىڭ مىسالى خۇددى سىغىلغان سۈت ئەمچەككە قايتمىغاندەك گۇناھقا قايتماسلىقتىن ئىبارەت.
ئالىملاردىن بىرى تەۋبىنى چۈشەندۈرۈپ: تەۋبە تىلدا ئىستىغپار ئىيتىش،دىلدا پۇشايمان قىلىش، جىسمىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت دەيدۇ. تەۋبە ھەققىدە كۆپلەپ ئايەت،ھەدىسلەر كەلگەن.ئىنسان گۇناھتىن خالى بولالمايدۇ،
بىراق ئىنسان گۇناھ قىلىپ سالغاندا بىپەرۋالىق قىلماستىن تەۋبە قىلىشى،قىلىپ سالغان گۇناھلىرىنى قايتا سادىر قىلماسلىقى لازىم.
قۇرئان كەرىمدە تەۋببە ھەققىدە كەلگەن بەزى ئايەتلەر: <<ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوسىت تۇتىدۇ.(ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن)پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوسىت تۇتىدۇ>> (بەقەرە سۈرىسى 222-ئايەت)
ئى مۆمىنلەر ئاللاھقا سەمىمى تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدىكى پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئىقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈندە(يەنى قىيامەت كۈنىدە)ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ،ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرپىدە يۈرىيدۇ،ئۇلار:ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەللەشتۈرۈپ بەرگىن،بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن>>دەيدۇ. (تەھرىم سۈرىسى 66-ئايەت)
<<پەقەت(ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چىغىدا)  تەۋبە قىلغان،ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ،ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر>> (فۇرقان سۈرىسى70-ئايەت)
ئى مۆمىنلەر! بەخىتكە ئىرىشىش ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاغا تەۋبە قىلىڭلار>>(نۇر سۈرىسى 31-ئايەت)
تەۋبە ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن بىزگە كەلگەن ھەدىسلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ تۆۋەندە بەزىلىرنى كەلتۈرىمىز:
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دىگەن:<<ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن ئاللاھتىن بىر كۈندە 70 قىتىمدىن كۆپ تۆۋبە-ئىستىغپار تىلەيمەن "يەنە بىر رىۋايەتتە "نىر كۈندە يۈز قىتىمدىن كۆپ تەۋبە-ئىستىغپار تىلەيمەن دىگەن>>.
يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلىللاھ ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:<<قۇياش غەرىپتىن چىقىشتىن بۇرۇن كىمكى تەۋبە قىلىدىكەن،ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبسىنى قوبۇل قىلىدۇ>>. ئىبنى مەسئۇد(ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلغان مەشھۇر ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:<<ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن،سۇ-گىياھسىز چۆل باياۋاندا توختاپ ئۇخلاپ ئويغىنىپ قارىسا تۆگىسى يىمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن يوقاپ كەتكەندىن كىيىن تۆگىسىنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالماي ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ،ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرسا توساتتىن تۆگىسى يىنىدا پەيدا بولۇپ قالغاندىن كىيىن سۇ ئىچىپ، قورسىقىنى تويغۇزغان ئادەم قايسى دەرىجىدە خۇشال بولسا ئاللاھمۇ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ>> (بۇخارى،مۇسلىم)
*قىرىندىشىم بىلىڭكى، ئاللاھ پۇشايمان ۋە ئىستىغپار بىلەن قىلىنغان ھەققى تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ. تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى ھەر قانداق گۇناھكارغا ئوچۇقتۇر. گۇناھ-مەئىسىيەت ھەر قانچە كۆپ،ئىغىر بولسىمۇ تەۋبە قىلغۇچىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭدۇر. سىز ھەرگىز ئۈمۈتسىز بولماڭ، ئۈمۈتسىزلىككە يولمۇ قويماڭ. ئىنساننىڭ گۇناھلىرى ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتى كەڭدۇر. گۇناھتىن قايتىپ،تامامەن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلغان كىشى گۇناھسىز كىشىگە ئوخشاش پاكلىنىدۇ. بۇنىڭ دەللى تۆۋەندىكى ھەدىستۇر:
ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايىتىدە جۇھەينە ئايمىقىغا مەنسۇپ بىر ئايال رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ قىشىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ زىنادىن ھامىلە ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ،ئۆزىگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دۇئا قىلغاندىن كىيىن ئايالنىڭ كىيمىنى جىسمىغا تىڭىپ ئاندىن رەجىم(تاش ئىتىپ ئۆلتۈرۈش) قىلىشقا بۇيرىغان. رەجىم قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆزى ئۇ ئايالنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن، ئۇمەر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئايال زىنا قىلغان تۇرسا نامىزىنى چۈشۈرەملا؟! دىگەندە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:بۇ ئايال شۇنداق تەۋبە قىلغانكى،مەدىنە ئەھلىدىن 70كىشىگە تارقىتىلسا يىتىپ ئاشىدۇ،ئۆز جىنىنى ئاللاھ يولىدا قۇربان قىلغان كىشىدىن ياخشىراق كىشىنى كۆردىڭمۇ؟!>>دەيدۇ. (بۇخارى مۇسلىم).

تۆۋەندە تەۋبىنىڭ شەرتىنى بايان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
1-ئىخلاسنى ئاللاھقا قىلىش، تەۋبىنى ئاللاھقا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساۋاپ ئۈمۈت قىلغان ھالدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنى تىلەش.
2-سادىر قىلغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىش بىلەن قاتتىق ئىچىنىش.
3-گۇناھدىن تىزلىكتە قول ئۈزۈش. ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ ھەققىدە بولسا ئىككىنجى قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن قول ئۈزۈش.بەندە ھەققىدە ببولسا قول ئۈزۈش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىدىن كەچۈرۈم سوراش ۋە ھەققىنى ئادا قىلىش.
4-چوڭ-كىچىك ھەر قانداق گۇناھ قىلماسلىققا ئىرادە باغلاش.
5-تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش.

قىرىنداشلىرىم! ئەجەل توشۇپ قالغان تەقدىردە، كۈن مەغرىپتىن چىقىپ قالسا تەۋبە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ ئاللاھنىڭ ئەلەملىك ئازاپلىرىغا دۇچار بولۇپ قالىدۇ.
ئاللاھتائالا ھەممىمىزنى گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسە قىلسۇن.
ئاللاھتائالادىن گۇناھ-مەئىسىيەت قىلىۋاتقان ھالىتىمىزدە ئەمەس، بەلكى تائەت-ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالىتىمىزدە قەبزى روھ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىدىكەنمىز، ھەر ۋاقىت تەۋبە قىلىشتىن غاپىل ببولماسلىقىمىز كىرەك.

مەنبە:KS 0998  ئۈندىدار سالونى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-16 10:16 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
KURAX.JAN + 111 اللاھ رەھمەت قىلسۇن .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4147
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31606
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9094 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 10:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقۇم ئوقۇڭ، ئوقۇمىسڭىز بولمايدۇ دەپ ماۋزۇغا گەپ قىستۇرۇپ تەۋسىيە قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ مۇسۇلمان بەندە ماۋزۇغا قاراپلا ئوقۇش كېرەكلىكىنى بىلىۋالىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مافىيە + 10 ماقۇل !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3441
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1051 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 10:21:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qabiljan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 10:18 PM
چوقۇم ئوقۇڭ، ئوقۇمىسڭىز بولمايدۇ دەپ ماۋزۇغا گەپ قىست ...

ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. مىنىڭچە مەن خاتا قىلمىدىم

مافىيە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 10:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5460
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 10:36:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن رەھمەت

دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102862
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1333
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 10:45:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم. قەلەملىرىڭىزگە بەركەت بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100780
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 10:47:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن،ياخشى تېما يوللاپسىز~~~~~

ئانا بىر دۇنيا،ئاتا بىر دۇنيا،ئىككىسى ھەقىقىي بىرلەشكەندىلا بالىلارنى گۈزەل دۇنيا قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98027
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2013-9-20
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 10:48:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تېيما يوللاپسىز.

ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن بىزمۇ قورقمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 11:16:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا ئىسلامى تىمىلار ئۇزۇلمىگەي

ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1790
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6021
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5711 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 11:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم . ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش