كېرىيەدىكى قەدىمقى زامان ۋە ھازىرقى زامان كارۋان يوللىرى
ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسسى-ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل
ئەجداتلىرىمىز ئۇزاقتارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، تۈرلۈك بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىدىكى ئويۇنلارنى ئىجاتقىلىپ، تۈرلۈك مۇراسىم، ھېيت- بايرام ۋە ئارىسالدى ۋاقىتلاردا مۇسابىقە شەكلىدە ئويناپ،چېنىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ كەلگەن. بۇ خىل تەنھەرىكەتپائالىيىتىنىڭ بىرى چۇماق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى ھەرقايسى رايۇنلاردا كەڭكۆلەمدە ئومۇملاشقان.
بۇ مۇسابىقە يىپتىن ياسالغان ئادەم مۇشتىمىسىدىن كىچىكرەك توپنى چۇماق بىلەن ئۇرۇپ ئوينالغاچقا،«چۇماق» دەپ ئاتالغان. بىر قىسىم رايۇنلاردا «چۆگەن» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نام بۇپائالىيەتنىڭ قەدىمىي نامى بولۇپ، توغرا ئېتىلىشى شۇدۇر. مەخمۇت قەشقىرى ئۆزىنىڭ«تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە «چۆگەن» سۆزىگە: ”چۆگەن، چۆگەن ئويۇنى“ دەپتەبىر بەرگەن. («تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىل ئۇيغۇرچەنەشرى، 1- جىلىد 523- بەت). قەدىمىي تىلىمىزدا توپنى ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇچى ئەگرىتاياق – چوماق «چۆگەن» دەپ ئاتالغان. مەخمۇت قەشقىرى «ئەگىشدى» سۆزىگە ”ئول ماڭاچۆگەن ئەگىشتى“ (ئۇ ماڭا چوماق ئېگىشىپ بەردى) دېگەن جۈملىنى مىسال ئېلىپچۈشەندۈرگەن. («دىۋان» 1- جىلىد 252- بەت). بۇ ئويۇن كېرىيە ناھىيىسىدىكىپىسقەدەملەر تىلىدا «توپىق ئويۇنى»، «توپۇق ئويۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇمۇ قەدىمكىنام بولۇپ، «توپىق»، «توپۇق» سۆزى توپنىڭ نامىدۇر. مەخمۇت قەشقىرى «توپىق» سۆزىگە:”توپۇق، چۆگەن بىلەن ئۇرۇپ ئوينايدىغان توپۇق توپ“ دەپ تەبىر بەرگەن («دىۋان»، 1-جىلىد 474- بەت). «چىپ» سۆزىگە: ”چىۋىق، ئىنچىكە ياش نوتا. بۇ سۆز «چىبىق» سۆزىدىنقىسقارتىلغان. خۇددى «توپ» سۆزى «توپېق» سۆزىدىن قىسقارتىلغانغا ئوخشاش“ دەپ تەبىربەرگەن. («دىۋان» 1- جىلىد 418- بەت). بۇ ئويۇن قەدىمىي دەۋىرلەردە ئەجداتلىرىمىزئارىسىدا خېلىلا مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، مەيداننىڭ چېكى بەلگىلىنىپ ئوينالغان.مەخمۇت قەشقىرى «تالاس» سۆزىگە: ”ئات بەيگىسىدە ۋە چۆگەن ئويۇنىدا مەيداننىڭچېكىگە تارتىلغان ئارغامچا“ دەپ («دىۋان»1- جىلىد 492- بەت)؛ «تاسال» سۆزىگە: ”چۆگەن ئويۇنىدامەيدان دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن سىزىلغان سىزىق“ دەپ تەبىر بەرگەن («دىۋان» 1-جىلىد 510- بەت). «تۇلدى» سۆزىنى: ”ئۇردى.ئادەم توپنى ئارا (ئاچا تاياق) بېلەن ئۇردى. بۇ تۈرۈكلەرگە خاس بىر خىل ئويۇنبولۇپ، ئويۇن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئۆزى ئويۇننى باشلاپ بېرىشنى خالىسا، توپنىئارا (ئاچا تاياق) بېلەن ئۇرىدۇ. كىم توپنى قاتتىق ئورالىسا، شۇ كىشى ئويۇننىباشلىغۇچى بولىدۇ. توقماق ئويۇنىدىكى ئۇرۇشمۇ «تۇلدى» دېيىلىدۇ“ دەپ ئىزاھلىغان(«دىۋان» 2- جىلىد 30- بەت). يوقارقىمەلۇماتلاردىن قەدىمقى دەۋىرلەردە بۇ ئۇيۇننىڭ ئەجداتلىرىمىز ئارىسىدا كەڭئومۇملاشقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
بۇ ئويۇن ئۇيغۇرلارئارىسىدا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، بۇ ئويۇننىڭ يەنە كەچقۇرۇندا قۇرۇتۇلغان سۈگەت پوقىقىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ، توپ ئورنىدا ئۇرۇپ ئويناش شەكلىمۇ باربولۇپ، «مەرە»، «مەرە توپ» دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. «مەرە» سۆزى
مۇسابىقىدەئىشلىتىلىدىغان چۇماقنىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىنىڭ بەدەن ساپاسىغائاساسەن بىر مېتىردىن بىر يېرىم مېتىرغىچە بولىدۇ. توم- ئىنچىكىلىكىمۇ ئوخشاشبولمايدۇ. توپ ئۇرىدىغان ئۇچى 7 شەكىللىك ياكى ئەگمە بولىدۇ. چۇماقنى ماھىرلارئۆزلىرى ياساپ تەييارلايدۇ. توپ – پاختا ياكى يۇڭنى لاتىغا چىڭ ئوراپ دۈگۈلەكشەكىلگە كەلتۈرگەندىن كېيىن تىكىپ، ئۈستىگە يىپ (بۆز يىپ ياكى يۇڭ يىپ بولسىمۇبولىۋېرىدۇ) يۆگەپ، چىڭلىقى ۋە چىداشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ياسىلىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىئالاھىدە بولمايدۇ، پەقەت يېرىم مودىن ئارتۇق ئاق يەر بولسىلا بولىدۇ. مەيداننىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنىڭمۇ مۇنتىزىم ئۆلچىمى ياكى چېكى يوق. مەيدان قىلىنغان يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، پاسىل بەلگىلىنىپ، مەلۇم نەرسىنى نىشان قىلىپ قويسىلابولىدۇ. مەيداننىڭ قارمۇ قارشى ئىككى تەرىپى توپ يەتكۈزۈش پەللىسى قىلىنىدۇ. بەزى رايۇنلاردا مەلۇم كەڭلىك بېكىتىپ، ئىككى جايغا تاش ياكى باشقا نەرسىنى نىشان قىلىپۋارتا ھاسىل قىلىپ، توپنى ۋارتاغا سولاشنى مەقسەت قىلىپ ئوينىسا، بەزى رايۇنلاردا ۋارتاشەكىللەندۈرمەي ئوينىلىدۇ. يەنە بەزى رايۇنلاردا بىرلا نىشان بەلگىلەپ قويۇپ،توپنى شۇ نىشاننىڭ يېنىغا يەتكۈزۈش ياكى ئاشۇرۇۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ ئوينايدۇ. توپنىچوقۇم چۇماق بىلەن ئۇرۇپ نىشانغا يەتكۈزۈش كېرەك، پۇت بېلەن تېپىشكە، قول بىلەنتۇتۇشقا بولمايدۇ.
سۆگەت ياكى قاپاقتېرەكنىڭ پوقىقىنى قومۇرىۋېلىپ قۇرۇتۇپ قويۇپ، ئاخشمى ياكى كېچىسى ئوينىغاندا ئۇنىڭغائوت تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ توپ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. پوقاقنى چوماق بىلەن ئۇرغاندا، چوغيالقۇنجاپ ئوت شارى (ئوت توپ) بولۇپ ئۇچۇپ، بىر جەھەتتىن ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلسا، يەنەبىر تەرەپتىن ماھىرلار توپنى ئېنىق كۆرۈپ ئوينىيالايدۇ. پوقاقا ئاساسەن كۆيۈپبولۇپ چوغقا ئايلانغاندا، چوماق بېلەن قاتتىق ئۇرسا، پارچىلىنىپ كېتىدۇ، بۇ «مەرەبولدى» دەپ ئاتىلىدۇ. بىر پوقاق مەرە بولسا، بىر مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقان بولىدۇ. شۇڭا بەزى رايۇنلاردا چوماق توپ ئويۇنى «مەرە توپ»، چوماق توپ ئويناش«مەرە ئويناش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانماھىرلار ئەمەلىي ئادەم سانىغا قاراپ بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر گۇرۇپپىدا 20دىنماھىر بولىدۇ. ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككىلا ئادەم ئوينىسىمۇ بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا 10ماھىر بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئوينايدۇ. ۋارتا قويسىمۇ، قويمىسىمۇ بولىدۇ. 1~2 ئادەم تېرىنېر بولۇپ، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
بۇ ھازىرقى خەلقارالىق مۇسابىقە تۈرى – مۇز توپ ۋە گولىك توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى بولۇپ،ئويناش ئۇسۇلى ۋە قائىدىسى مۇز توپ بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يېرى: مۇزتوپ – مۇز ئۈستىدە ئوينىلىدۇ، چۇماق – ئاق يەردە ئوينىلىدۇ.
بۇ مۇسابىقىنىڭ ئوينىلىش شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئاتلىق ئويناش، يەنە بىرى پىيادە ئويناش. بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئاتلىق ئويناش – باي- ئەمەلدارلار ئارىسىدا بولاتتى، پىيادە ئويناش –ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا بولاتتى. نورۇز بايرىمىدا كۆپ ئوينالغاندىن باشقا،دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا كۆپ ئوينىلاتتى. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى يەرلەرئاق، دېھقانلارنىڭ قولى بوش بولغاچقا، ھەر كۈنى دىگۈدەك مەھەللىلەر بويىچەمۇسابىقىلىشىپ ئوينىلاتتى. ھەتتا بەزى مەھەللىنىڭ داڭدار ماھىرلىرى باشقا يېزىدىكى ماھىرلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، يېزىلار بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقەدەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئوينايتتى. بۇنداق چوڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلارنى يۇرت كاتتىلىرى تارتۇقلايتتى. مۇسابىقە چوڭلار، يىگىتلەر ۋە بالىلار ئارىسىدا ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ خىل مۇسابىقە چوڭلار ئارىسىدا 20- ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان بولسا، بالىلار ۋە يىگىتلەر ئارىسىدا 20- ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان. ھازىر ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ھازىر كېرىيە ناھىيىسىنىڭ شىۋول،قارقى، ئارىش، ئويتوغراق قاتارلىق يېزىلىرىدا بۇ ئويۇننى ئويناشنى بىلىدىغان بوۋايلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرى 50 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىكلەر بۇ مۇسابىقىنى ئويناشنى بىلمەيدۇ.
بۇرۇنقى دەۋىرلەردە بۇمۇسابىقە خەلق تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ كوماندا تەشكىللەپ، مەھەللە بېلەن مەھەللە ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقىلىشىپ ئوينىلاتتى.ھەتتا يېزا بېلەن يېزا ئارىسىدىمۇ چوڭ كۆلەمدە مۇسابىقە ئويۇشتۇرۇپ ئوينىلاتتى.ئۇتۇپ چىققانلارنى يۇرت كاتتىلىرى تارتۇقلايتتى. زاراخەتمە (نورۇز)پائالىيەتلىرىدە چوماق مۇسابىقىسى زادى كەم بولمايتتى. ھەتتا بەزى چىگىش تالاش تارتىشلار بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلارتالاش تارتىشتا ئۇتقان سانىلاتتى. بالىلار رامىزان كۈنلىرى رامىزان ئېيتىپ توپلىغان نان ۋە باشقا نەرسىلەرنى غەلىبە ئولجىسى قاتارىدا تىكىپ چۇماق ئويناپ،غەلىبە قىلغۇچىلار ئولجىنى ئېلىپ كېتەتتى. كونىلارنىڭ «كۆزگە ئىلمىغان چوماق قاڭشارنى يارار» دېگەن تەمسىلى مۇشۇ مۇسابىقىدىن چىققان بولۇپ، كۆزگەئىلىنمايدىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقىغا تەمسىل قىلىنىدۇ.
بۇ خىل تەنھەرىكەت پائالىيىتى قەدىمقى دەۋىردىلا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئات بىلەن ئويناش ئەجداتلىرىمىزئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ۋە «چۆگەن» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ«تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە «چوماق» سۆزىگە «چوماق، توقماق» دەپ تەبىربېرىلگەنلىكى («دىۋان» 1- جىلىد 495- بەت) ۋە بۇ ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىك باشقامەلۇماتلاردىن بۇ نوقتىنى چۈشۈنىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشقا ۋەتەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراسىمىزدۇر.
ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيەئىدارىسىدا.
تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.COM
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-16 09:15 PM