|
|
|
|
غۇلجىدىن كىرىيەگە سالام
يىقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدە كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان تىما ۋە پائالىيەتيەنىلا كىرىيەدىكى ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئاپەت رايوندىكى خەلقلەرگە پۇل ۋە ماددى بۇيۇملارنى ئىئانە قىلىش ھەركىتى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ، مەيلى دۇكان رەستە ئوچۇق بازارلاردا بولسۇن، مەيلى ئىدارە جەمىيەتلەردە بولسۇن ھەتتا مەيلى ھاراقكەشلىنىڭ سورىنىدا بولسۇن غۇلجا خەلقىنىڭ يۈرۈگى كىرىيە كىرىيە دەپ سوقۇپ ھەر ساھەدىن ئاز بولمىغان پۇل ۋە ماددى ئەشيالار توپلىنىپ يولغا سىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كىلىۋاتقان ئەل ئابىدە ، بىلىپ، ئېھسان قاتارلىق ساخاۋەت ئورۇنلىنىڭ غۇلجىدىكى تارماقلىرى ئالاھىدە ئاكتىپ كۈچ كۆرسىتىپ كەلمەكتە، ھەممەيلەنگە ئاپەت رايونىدىكى خەلقلەر نامىدىن چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز،
بازار رەستىلەردىكى ئىئانە توپلاش
بۇ ئوماق قىزچاقلار قاتتىق سوغۇقتا غۇلجا شەھىرىنى قويماي ئايلىنىپ تەشۋىقات ئىلىپ بارماقتا، سىلىنى رەسىمگە تارتىپ قوياي ئۇكىلىرىم دىسەم خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى
بۇ سىڭىللىرىمىز بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن ئاپەت رايونىغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى قېرىنداشلار دىگەن سۆزنى بىرە مىليون قىتىم تەكرارلاپ بولدىغۇ دەيمەن، ئاۋازىغا دەرت بەرمىسۇن
پۇخرالار يىغىۋاتقان قارغا قارىماي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قاتناشقا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە
|
|
|
|
|
|