بوللىۋود بولسا ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى ھىندى تىلى كىنو سانائىتىنىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشى . ئۇ ھىندىستاندىكى باشقا ئاساسلىق كىنو بازىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستاننىڭ غايەت زور كىنوچىلىقىنى شەكىللەندۈرگەن . ھەر يىلى ئىشلەپچىقارغان كىنو مىقدارى ۋە سېتىلغان بېلەت سانى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . بوللىۋود ھىندىستان شۇنداقلا پۈتكۈل ھىندى قۇرۇقلۇقى ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئافېرىقا ۋە شەرقى-جەنۇبى ئاسىيانىڭ مەدەنىيىتىىڭ بىر قىسمىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن . ئۇنىڭ نەچچە مىلياردكۆرۈرمىنى بار . Bollywood دېگەن نام بولساBombay ۋە ئامېرىكا كىنو سانائەت مەركىزى بولغان Hollywood دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن كەلگەن . كىنو شەھىرىنىڭ نامىغا ھىندىستان كىنو ئاتىسى «فالكىي»نىڭ ئىسمى قويۇلغان .
بوللىۋود كىنولىرى كۆپىنچە ھىندىتىلىدىكى كىنولار ، ئوردۇ تىلىدىكى كىنولار ۋە ئېنگىلىز تىلىدىكى كىنولارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . 1913-يىلى 5-ئايدا ھىندىستان رىۋايىتى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن تۇنجى ھىكايە فىلىم «پادىشاھ خارىش چاندىرا » قويولدى . بۇ بوللىۋودكىنوچىلىقىنىڭ رەسمىي مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى . 100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بوللىۋود دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ ھوللىۋودتىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ كىنو پادىشاھلىقىغا ئايلاندى. 2012-يىلىدا ئىشلەنگەن كىنو سانى 1500 دىن ئارتۇق ،5 يىل ئىچىدە بۇ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئىككى مىليارد دوللاردىن ئۈچ مىلياردئالتە يۈز مىليۇن دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى . ئىقتىساد جانلانمىغان مەزگىللەردىمۇ يەنىلا %10لىك يىللىق ئېشىش نىسبىتىنى ساقلاپ قالدى .
تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى 1974-يىلى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن مىنبوپ.خان ، بىمار.روي ، شاكتى.سامانداقاتارلىقلار بوللىۋودتا 230 گىكتار كۆلەمدىكى يەرنى ئىگەللەپ كىنو بازىسى قۇرغان 1977-يىلى ماخاراشترائۆلىلىك ھۆكۈمەت 30 مىليۇن رۇپىيە مەبلەغ سېلىپ كىنو شەھەرچىسى قۇرغان ، بۇشەھەرچىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باشقۇرغان ، كىنو شېركەتلىرى بۇ يەردە كىنو ئىشلىسەئىجارە ھەققى تاپشۇرغان . بوللىۋود دېگەن بۇئىسىم 80- يىللاردىن تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان . كىنو ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھوللىۋودقا تەقلىد قىلىنغان بۇ ئىسىمدىن رازى بولماي بومباي كىنوچىلىقى ، ھىندىستان كىنوچىلىقى ياكى ھىندى تىلى كىنوچىلىقى دەپ ئاتاشنى ئۈمىد قىلغان . لېكىن بوللىۋود دېگەن بۇئىسىم دۇنيا مىقياسىدا تېزلا ئېتىراپ قىلىنىپ ئوكىسفورد ئېنگىلىزتىلى لوغىتىگەكىرگۈزۈلگەن ئىدى . كىنو ئۇسلۇبى 20-ئەسىرنىڭ30-40-يىللىرىدا ھىندىستان ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى، ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى،زوراۋانلىق ھەركەتلىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كۆپلىگەن بوللىۋوت كىنولىرى ناخشا-ئۇسۇل تىمىسى ئارقىلىق تىنىچلىق ئارزۇرسىنى ئىپادىلىدى.يەنە بەزى كىنوئىشلىگۈچىلەر جەمئىيەتتىكى قېيىنچىلىقلار ياكى ھىندىستان مۇستەقىللىقى ئارقاكۆرۈنۈش قىلغان كىنو تىمىللىرىنى تاللىدى. 20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا بوللىۋوت تۇنجى رەڭلىك كىنوسىنى تارقاتتى، 60-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كۆرىنىشلىرى ھەشەمەتلىك بولغان مۇھەببەت داستانلىرى ۋە ۋەقەلىك تىمىسى كۆپ ساننى ئىگەللىدى. بۇ خىل فىلىملەردىكى بىر قەدەر داڭلىق بولغان ئارتىسلاردىن دىلىپ كۇمار، راجى كاپۇر (سەرگەردان فىلىمىدىكى ئەر باش رولچى)ھەمئاتاقلىق ئايال
ئارتىس نارگىس (ئەسلىئىسمى فاتىمە رەشىد سەرگەردان فىلىمىدىكى رىتا).
سۈرەتتە: ‹سەرگەردان › فىلىمى 20-ئەسىرنىڭ60-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 70-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، رومانتىك مۇھەببەت فىلىملىرى ۋەھەركەتلىك فىلىملەر ئاساسى ئېقىم بولدى.داڭلىق ئارتىسلاردىن رىجاش خانا ۋەدارمىندىرا قاتارلىقىلار.
سۈرەتتە : دارمىندا 20-ئەسىرنىڭ70-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدا زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقفىلىملىرى ئاساس ئېقىمنى ئېگەللىدى ھەم ئىزچىل 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچەداۋاملىشىپ كەلدى.ئاتاقلىق ئايال ئارتىسلاردىن جايا باچچان ۋە رىھا قاتارلىقلار.
جايا باچچان ( ئامىنتاباچچاننىڭ ئايالى)ۋە ياش ۋاقتى
20-ئەسىرنىڭ90-يىللىرىنىڭئوتتۇرىدا كىنو ئۇسلۇبى ئائىلىنى مەركەز قىلغان مۇھەببەت فىلىملىرىگە قايتىپ كەلدى.ئۇتۇق قازانغان فىلىملەردىن «مۇھەببەتنىڭ چاقىرىقى»،«كىلىن يۆتكەش»قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى بىر ئەۋلات ئارتىسلارمۇ يىتىشىپ چىقتى.مەسلەن ئەر ئارتىسلاردىن ئامىرخان، سالمانخان ۋە شارۇھخان،ئايال ئارتىسلاردىنسىرىدىۋى قاتارلىقلار.بۇ دەۋىردە يەنە ھەركەتلىك ۋە كومىدىيىلىك فىلىملەرمۇتەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.
رەسىم : مۇھەببەتنىڭچاقىرىقى
رەسىم : كىلىن يۆتكەش 2000-يىلىدىن كىيىن بوللىۋود فىلىملىرى دۇنيا مىقياسىدا مودا بولۇشقا باشلىدى،ئەڭ چوڭ فىلىم شىركەتلىرىدىن ياش راج فىلىم شىركىتى ۋە دارما فىلىم شىركىتى دەل يېڭى دەۋرفىلىملىرىنىڭ ئىشلىگۈچىللىرى. چەت-ئەل بازارلىرىنىڭ ئېچىلىشى ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇتۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.مەشھۇرلىرىدىن«بوللىۋۇتتىكى ئوتلۇق مۇھەببەت»،«مۇھەببەتنىڭ ئەتىسى يوق»،«مۇھەببەتنىڭ چىگرىسى يوق2»قاتارلىقلار.
رەسىم :بوللىۋوتتكى ئوتلۇق مۇھەببەت
دۇنيادىكى تەسىرى : ئاسىيا : كۆپ قىسىم پاكىستانلىقلار بوللىۋود فىلىمىنى بەك ياقتۇرىدۇ ، چۈنكى ھىندى ۋە ئوردۇ تىللىرى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە يېقىن . گەرچە ھىندىستان فىلىملىرى پاكىستاندا چەكلەنگەن بولسىمۇ ، بەزى بوللىۋود فىلىملىرى پاكىستاندا قانۇنلۇق تارقىتىلىدۇ ، ھەم شۇيەردىكى ئۈن سىن دۇكانلىرىدا ئىنتايىن چوڭ بازىرى بار .جەنۇبى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە ، مەسىلەن : بىنگال ۋە نىپالدىكىلەرمۇ ھىندىستان فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ . ئافغانىستانلىقلارمۇبوللىۋود فىلىمىنى ياقتۇرىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ھەم مەدەنىيىتى يېقىن ، ھەتتا بەزى بوللىۋۇد چولپانلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئافغانىستان. بەزى فىلىملىرى ئافغانىستاندا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ . ئىسرائىلىيەنىڭمۇ مەخسۇس ھىندىستان فىلىملىرىنى قويىدىغان تېلىۋىزىيەقانىلى بار . ( ئۇلار بىزئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھىندىستان فىلىملىرىگە ئوتتەك قىزغىنلىقى بارلىقىنى ئۇقمامدىكىنە ؟ـ تەرجىماندىن ) ھىندىستان فىلىملىرى ئەرەب دۆلەتلىرىدە بەك مودا . ئافرىقا : نىگىرىيە ۋە موروككو دىكىلەرمۇ ھىندىستان فىلىمىنى ياقتۇرىدۇ . ھەم ئۇ يەرلەردىمۇ زور بىلەت كىرىمىگە ئېرىشتى . روسىيە : بوللىۋود فىلىملىرى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئىنتايىن مودا ئىدى . كۆپىنچە روسچە ئاۋاز بىرىلىپ موسكۇۋاۋە لېنىنگىرادتىكى چوڭ كىنوخانىلاردا قويۇلاتتى . سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن ، ۋوللىۋود فىلىملىرى روس تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ بازىرىنى ئىگەللىدى . ياۋرۇپا – ئامېرىكا : بوللىۋود فىلىملىرى شىمالى ئامېرىكىدا ئىنتايىن مودا . ئامېرىكا بازىرىدىكى قىزغىنلىقىمۇ بارغانچەئېشىپ بېرىۋاتىدۇ ، بوللىۋود فىلىملىرى ئامېرىكىدا كىنوخانىدا قويۇلۇش ۋەم پىلاستىنكىلىرىنى سېتىش يوللىرى ئارقىلىق ھەر يىلى 100 مىليون دوللار ئەتراپىدا كىرىم قىلىپ ، باشقاھەر قانداق دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتتى . نىيويورك ، لوس-ئانجىلىس ، تورۇنتو ۋەۋانكوۋىر قاتارلىق شەھەرلەردە بوللىۋود فىلىملىرى كۆپلەپ قويۇلىدۇ .
بوللىۋود فىلىملىرى جەنۇبى ئامېرىكىدا ئانچە مودا ئەمەس ، لېكىن گۇيانا ، كاسپىدىكى تىرىنداد ۋەتوباگو جۇمھۇرىيىتىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادى . بوللىۋودفىلىملىرىنىڭ بۇ يەرلەردە خېلى بازىرى بار . 2006-يىلى ‹ئۇچقۇر ئوغرى 2 › فىلىمىبىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانىرو شەھرىدە سۈرەتكە ئېلىنغان .
مەنبەسى:ئۇيغۇر تەرجىمە سالونى تەرجىمەئۈندىدار سالونىمىزغا ئىسلامى مەزمۇنلار، قىززىق نۇقتا خەۋەرلەر، كىنو خەۋەرلىرى،جەمئىيەت خەۋەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ.ۋە پارولنىڭ ئىجادىي يۇمۇرلىرى يوللىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرۈڭ.سالونىمىزتەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ياخشى مەزمۇنلاردىن بەھىرلىنىشى ئۈچۈن سالونىمىزنى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ ۋە مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ.ئىزدەش نومۇرى : uytarjima
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udun123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-16 01:39 AM
|