دوستۇمنىڭ بايانى
(دىلخۇمار(شەبنەم))
مەن ئۇنى سۆيگەنتىم ،سۆيەتتىم يەنە ،
خۇددى ئانامنىڭ مۇھاببىتىدەك.
يالتىراپ تۇراتتى خۇددى يۈرۈگۈم،
كۆكتىكى ئاشۇ نۇرلۇق يولتۇزدەك .
شۇ تاپتا ئۈزۈمنى تولىمۇ بىچارە ھىس قىلماقتىمەن،قەلبىم ھەسرەتتىن ئۆرتۈنمەكتە، قەلبىمدىكى نىدالىرىم يىپ-يىپى بىلەن تۆكۈلمەكتەخۇددى مارجاندەك.
ئەسلى قىز ئىدىم نۇرلىنىپ تۇرغان ،
جىسمىمدىن زۇلقار تۆكۈلۈپ تۇرغان .
نازاكەت جىسمىمدىن جىلۋە قىلاتتى،
يۈرۈگۈم ئانام زوقلىنىپ قويغان.
نەدىن يولۇقۇپ قالدىم ئۇنىڭغا،
قەلبىم ۋە جىسمىمنى دەسمايە قىلىپ .
ئىرىشتىم ئاخىرى ئەزىزلىشىڭگە،
ساختاكۈلكىنى مۇھاببەت بىلىپ.
مارجاننىغۇ يەنە ئۇلاپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ،بىراقتوزىغان بىر گۈلنى ،قانداقمۇ ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولسۇن ،پۇچىلانغان بىر يۈرەكنىڭزىدىسىنى كىممۇ ساقايتالىسۇن؟؟
شۇندىن باشلاندى مەندىكى پاجىئە،
كۈنۈم ئۆتتى ھىجران ئىچىدە.
ئۈگەتتى ماڭا زەھەر چىكىشنى،
ئولتۇرۇ پقارڭغۇ زىندان ئىچىدە ،
شۇندىمۇ مەن ئۇنى ئەسكى دىمىدىم،
يۈرۈگۈم قانداقمۇ چىدىسۇن دىيسەن.
بۇنىمەن مۇھاببەت قۇددىتى دىدىم،
ياشىدىم شۇڭلاشقا ئېتتەك بىلەمسەن.
مەن شۇنداق ئازاپلىقدەقىقىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدۈم ،كۆزۈم كۆرمەيتى ئۇنىڭدىن باشقىنى،خۇددى ئۇ بولمىسامەن بۇ دۇنيادا ياشىيالمايدىغاندەك ،مېنى ھەتتا ئۇرسىمۇ ھىچ بىر ئاغرىق سەزمەيتىم
گاھىدائىزلىدى مېنى تىلفۇندا ،
خۇددى يالغاندىن كۆيۈنگەن بولۇپ.
خوش بولۇپ يىغلىدىم قىلىقلىرىدىن ،
يالغانلىقىنى بىلىپ بولساممۇ ،
ۋەلىكىن ھىچ بىر تۇيدۇرماس بولۇپ.
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى مەنمۇ ئايرىلدىم ،
تەسلىكتە ئىرىشكەن خىزمەت ئورنۇمدىن.
ئۇلار بىلگەنتى چەككەنلىكىمنى،
بىرقاراپلا مېنىڭ تۇرقۇمدىن.
شۇكۈنى يەنە ئىزلىدىم ئۇنى،
ھەممىدىن ئايرىلغان بىچارىلەردەك.
ئىتتىردى ئۇ مېنى مەسىتنىڭ ئالدىغا،
خۇددى كىرەكتىن چىققان كىشىدەك.
مانا شۇ كۈنىغورۇرۇمنىڭ پايخان بولغانلىقىنى ،ئۈزۈمنىڭ تولىمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم
يۈگرىدىم شامالغا ئەگىشىپ شۇندا،
نىشانىم يوق ئىدى مەن قاياي دىسەم .
توختاتتىم جانسىز قەدەملىرىمنى،
دوختۇردىدى بىرەيلەن ،كۆز يۇمدۇم ئاستا.
مەن ئۈزۈمنى تېپىشىمكىرەك ئىدى،يىقىلغان ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە ياشىشىم كىرەك ئىدى ،ئۈزۈم ئۈچۈن ئەمەس،بەلكىمەن ئۈچۈن كۈندىن -كۈنگە قېرىپ كېتىۋاتقان شۇ كۆزلەر ئۈچۈن ،ئەمدى نادانلىق،ئەخمەقلىق ،ساددىلىقىمنى تاشلىشىم ،يىڭى ھايات يولۇمنى تىپىشىم كىرەك .خەيرى بۇرۇنقى نازاكەت ،خەيرى مەن قوغلاشقان مۇھاببەت!
دوستۇمنىڭ ھالىنى كۆرۈپ تولىمۇ ئىچىندىم ،يۈرۈگۈم قاتتىق ئاغرىپ كىتىۋاتاتتى ،ئۇ ھازىر زەھەرتاشلاش ئورنىدا خۇددى ساراڭ ئادەمدەك بىر نۇختىغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى ،مەن ئۇنىڭ بايانلىرىنى سىلەرگە سۇندۇم ئازراق بولسىمۇ ئىبرەت بولسا مېنىڭ ۋە دوستۇمنىڭ شاتلىقى شۇ بولاتتى.
مەنبەسى-قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-16 12:02 AM