|
|
|
|
كېرىيەلىك ھەممىمىز بۈگۈن!
(كېرىيەدە يەرتەۋرەشكە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن)
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
ياخشىلارنى سىنامدۇ قىسمەت،
قىلماق بىلەن بەخىتنى سۈرگۈن.
بىز ئۇيۇشقاق،چىدامچان ئۈممەت،
كېرىيەلىك ھەممىمىز بۈگۈن!
يەر كۆكسىدە چارۋا،ئىمارەت،
يەنە تېپىلار تاپقان تۈگۈن.
دۈشمەن كۈلسە،دوستتۇر جامائەت،
كېرىيەلىك ھەممىمىز بۈگۈن.
يەرگە كەلگەن يەرگە ئامانەت،
جان تەندە بار مورىدا تۈتۈن.
دوق قىلمىغىن مىننەتلىك«ھىممەت»،
كېرىيەلىك ھەممىمىز بۈگۈن!
ئىنسان ئۇلۇغ،رەھىمسىز ئاپەت،
مىليۇن غېمى كېرىيە ئۈچۈن.
كۆڭۈل بۆلدى مەركەز-ھۆكۈمەت،
كېرىيەلىك ھەممىمىز بۈگۈن...
2014-يىلى2-ئاينىڭ14-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-16 12:18 AM
|
|
|
|
|
|