قەلبىمنىڭ بايانى
دىلخۇمار (شەبنەم)
كۆڭلۈمدىنبىر نىدا كەلدى ،قەلىبلىرىمنى يىرىپ، قۇلاقسالدىم مەنمۇ بارچە زېھنىمنى شۇ نىداغا يىغىپ، ئەسرا بولدۇم ئۇنىڭ يىقىملىق پېچىرلاشلىرىغا ،يېنىك –يېنىك تېنىشلىرىغا، بۇ نىدا تولىمۇ يىقىملىق بىر تېۋىشنى ماڭا سايىۋەنبەخىش ئەتكەن ئىدى، خۇددى يامغۇردىكىكۈنلۈكتەك ياق مەن يامغۇردا كۈنلۈككۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرمەيمەن ، شۇڭائوخشىتاي بۇ نىدانى پىژغىرىم ئاپتاپتىكى راھەت بەخىش ئەتكەن شامالغا،،،،،
مەن بۇنىداغا ئەگەشتىم ،بارغانسىرى ئىنىقلاپ ،يىقىنلاپ كىلىۋاتقاندەك،،،،
ھوجۇدۇمتىترىدى، ئاۋازىم بوغۇلدى خۇددى گىلىگەبىر نەرسە قاپلىشىپ قېلىپ چىقىرالمايۋاتقان كىچىك بالىدەك،،،
بۇ نىدا مېنىسەگىتىپ قويدى ،دىلىمدىكى تەشۋىشنى چۆرىۋەتتى ،خۇددى يەلكەمنى بىسىپ تۇرغان بىرئىغىر تاشنى ئىلىۋەتكەندەك،،،
مەن ئاخىرىئۆزۈمنى تاپتىم ،مەن ئاخىرى ئۈزۈمگە قايتىپ كەلدىم ،بۇ نىدامۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىتولۇق ئادا قىلىپ بولغاندەك يىراقلاشتى مېنىڭدىن خۇددى ئەسلىمگە كەلگىنىمنى كۆرۈپخوش بولغان ئانامدەك،،،،
قەلبىمسۆزلىمەكتە ،بايىتىن بىرى سۈكۈتتە تۇرۇپ مېنىڭ ئۆزۈمگە كېلىشىمنى ساقلاپتۇرغاندەك ھىسلىرىم تىڭشىماختابايانلىرىمنى خۇددى ئىلگىرى ئاڭلاپباقمىغاندەك ،،،،
قەلبىمسۆزلىمەكتە ؛« سەن ئىلگىرى مۇھابەتكە ئەسىر بولغان بىر قۇل ئىدىڭ» دەپ ،ھىسلىرىمكۈلۈشمەكتە مىنى زاڭلىق قىلىپ،
قەلبىمسۆزلىمەكتە؛« سەن ئىلگىرى بىر سىنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈپ ،دۇنيا قاراشلىرىڭنى،كىشىلىك قەدىر قىممىتىڭنى يوقاتقانتىڭ دەپ »،ھىسلىرىم بولسا تېخىمۇ كۈچەپكۈلۈشمەكتە ،مەن بولسام يىغلىماقتىمەن خۇددى گۇنايىنى تونۇپ ئانىسىنىڭ ئالدىدايىغلامسىراپ تۇرغان كىچىك بالىدەك،،،
قەلبىم يەنەسۆزلىمەكتە؛« سەن ئىلگىرى شۇ مۇھاببەتشاتلىقى ئۈچۈن تالاي كىشىلەرنى ئالدىدىڭ ،ئۆز ئەزىزلىرىڭنى يىغلاتتىڭ» دەپ ،،،،
بەس ! بولدى بەس !
مەن ،،،،،
مەن ئۈزۈمنىتاپتىم ،يۈتۈرۈپ قويغان ئەڭ ئالى قەدرىمنى تاپتىم ،خۇددى بالىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغانئانا بالىسىنى تىپىۋالغاندەك ،مەن ئەمدى كۈلۈپ ياشايمەن قەلبىمدىكى نىدا ماڭاقالدۇرغان يىڭى كۈچ بىلەن ،خۇددى باھاردىكى بىخلانغان مايسىدەك قايتىدىن كۆكلەپ.......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-15 09:53 PM