سۆيسەڭ ئەگەر شامالدەك سۆيگىن!
نۇر مۇھەممەد شۈكران
سۆيسەڭ ئەگەر شامالدەك سۆيگىن،
ھەر بەرگىمنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ.
ۋىسال كۈتكەن يۈرەك شادلانسۇن!
ئېرغاڭشىتقىن باغرىڭنى ئۇرۇپ.
شەبنەملەرنى چاچىرىتىپ تۇرۇپ،
سۆيسەڭ ئەگەر شامالدەك سۆيگىن!
تاڭدا چۇمسۇن ھايات باھارغا،
باھار ئۈچۈن باغرىمدا ئۆلگىن!
قوياش سۆيمەك بولغان چېغىدا،
نەپەسلىرى سىقىلسۇن شۇ دەم.
سۆيسەڭ ئەگەر شامالدەك سۆيگىن،
قوياش يۈزىگە ئېتىلسۇن ئەلەم.
كەچكى شەپەق قىزارغان مەھەل،
مەڭزىڭ يېقىپ مەڭزىمدە كۆيگىن!
مەن ئىشقىڭدا ئېچىلغان بىر گۈل،
سۆيسەڭ ئەگەر شامالدەك سۆيگىن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YuqunAdam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-15 08:28 PM