ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى توغرىسىدا يەنە ئىككى كەلىمە
ئابدۇرازاق تۆمۈر
مەدەنىيەت تەرەققياتنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ئىلغار تۈزۈم، ئىلغار ئىدىيە ۋە پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە. بىز تىلغا ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىلغار مەدەنىيەتكە مايىل مەدەنىيەت.
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەتتىن ئۆزگەرگەن، بىر قەدەر بالدۇر ئولتۇراقلاشقان ھەم يېزا ئىگىلىكى ۋە شەھەر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان مىللەت، ئۇلار يېزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىغا ماھىر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا شىنجاڭنىڭ قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە بوستانلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ماددىي ئالماشتۇرۇش، ئېنېرگىيە ئۆزگەرتىشنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بوشاشماي تىرىشىپ، كارىز قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلار تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبتا تېرىقچىلىق، شىمالدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتەك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە شۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ياراتتى. بۇنىڭغا ماسلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇغداي، شال، شەرىقى شىنجاڭدىكى تۇرپان، پىچان، توقسۇندا ئاققوناق، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشتىن ئىبارەت تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى. باغۋەنچىلىك جەھەتتە، تۇرپاندا ئۈزۈم، قۇمۇلدا قوغۇن، كورلىدا نەشپۈت، قەشقەردە ئانار، بادام ۋە ئەنجۈر، خوتەندە قەغەز ياڭاق ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت خاس باغۋەنچىلىك قۇرۇلمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. چارۋىچىلىقتا، ئاساسلىقى مەكىت قويى، كۇچا قارا قويى، خوتەن كىچىك قۇيرۇقلۇق قويى قاتارلىق ئىسىل نەسىللىك چارۋىلارنى يېتىشتۈردى. سودا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى، مەسىلەن: ئاتۇش، قەشقەر، قاراقاشنىڭ سودا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىياتى دۇنياغا داڭلىق، خوتەننىڭ يىپەك توقۇمىچىلىقى ۋە گىلەمچىلىكى قەدىمدىلا گۈللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىمارچىلىقى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەسىلەن: قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ۋە كوزىچى يار بېشى، چەۋەنداز رېستورانى، قەيسەر رېستورانى، ئاتۇش ئىشتاچى مەسچىتى، ئۈرۈمچى ئاققوۋۇق خەلق تىياتىرخانىسى، ئەسلىدىكى شەھەرلىك خەلق بانكىسى، تۇرپان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مىمارچىلىق سەنئىتى نامايان قىلىنغان، بۇ قۇرۇلۇشلار زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ياخشى ئاساس سالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىسىل نەتىجىسى، شۇنداقلا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەشكىلىي قىسمىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىلمىي تەرەققىياتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇرلار ئىلىم – پەننى سۆيىدۇ، ئىلىم – پەننى قەدىرلەيدۇ، خۇراپاتلىق، نادانلىق ۋە بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرىدۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى. ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى داۋامىدا، ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، ئىلىم – پەننى ھۆرمەتلەپ، پەن – تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتنى پائال ئۆگىنىپ، نۇرغۇن ئىلىم – پەن نەتىجىلىرىنى ياراتتى. مەسىلەن: ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاتارلىق زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئەسەرلەر. ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت – سەنئەتنى سۆيىدۇ، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدا ئۈزلۈكسىز توپلاش، يەكۈنلەش، تاۋلاش، يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئون ئىككى مۇقام ۋە مەشرەپ قاتارلىق چوڭ تىپتىكى بەدىئىي سەنئەتنى ئىجاد قىلىپ، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىك، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، دوستلۇق باش تېمىسىنى مەدھىيەلەپ، قالاق، مەدەنىيەتسىز، ئىجتىمائىي ئېقىمغا قارشى مەدەنىيەت مەزمۇنلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يۆلەك بولدى. بۇ دەۋر كومراجىۋا، مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، لۇڭ مىڭشەن، ليەن شىشيەن، گۇەن يۈنشى، ئاماننىساخان قاتارلىق ئالىم ۋە سەنئەت ئۇستازلىرىنى ئاپىرىدە قىلدى. يېقىنقى زامانغا كىرگەندىن كېيىن، يەنە جيەن بوزەن، ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلار مەيدانغا كەلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، يەنە ئۇيغۇر سايرامى، ئىبراھىم مۇتئىي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، غازى ئەمەت قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىس، ئالىملار بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسمائىل مەمەت، داۋۇت ھاشىم، ھەنىپە ئالىمئاخۇن، ئالىمجان خالىق قاتارلىق قەھرىمانلار ۋە ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن›› مۇنەۋۋەر شەخسلەر بارلىققا كەلدى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار پەخىرلىنىدۇ ۋە شەرەپ ھىس قىلىدۇ. بۇ ئالىم، مۇتەخەسسىس ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىدا دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەسىرى ئاستىدا، ئۇيغۇرلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، زامانىۋى تۇرمۇش شەكلىگە ماسلىشىپ، زامانىۋى مەدەنىي جەمئىيەتكە تىرىشىپ قەدەم قويدى.
ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، رەڭگا – رەڭ، شانلىق، ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەيلى ماددىي مەدەنىيەت ياكى مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، ئىسىل مەدەنىيەت بايلىقىنى ياراتتى. ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىز، مىللىي مەدەنىيىتىمىزدە ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمى بىلەن ماسلاشمايدىغان، زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە دەۋر ئېقىمىغا قارشى، ياكى قالاق، نادان، مۇتەئەسسىپ، ھەتتا ساغلام بولمىغان مەدەنىيەت مەزمۇنلىرىمۇ مەۋجۇت، ئەلۋەتتە. مەسىلەن: ھازىر بىر قىسىم جايلاردا زامانىۋى كىيىم – كېچەك، زامانىۋى قاتناش قوراللىرىنىڭ ھەممىسى ‹‹ھارام›› (مۇسۇلمانچە ئەمەس) دەپ تەرغىب قىلىنىۋاتىدۇ؛ بەزى جايلاردا تاماكا – ھاراق سېتىۋېلىش بىراقلا چەكلەندى؛ بەزى جايلاردا توي مۇراسىملىرىنى مەسچىتتە ئۆتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىندى، ۋەھاكازالار؛ بۇلار ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، پۈتۈنلەي بىمەنە سەپسەتە. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. زامانىۋى جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە چوقۇم ماسلىشىشىمىز، دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، زامانىۋى تۇرمۇش شەكلىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىشىمىز كېرەك. شۇندىلا، باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئىناق بىللە ئۆتەلەيمىز، ئورتاق تەرەققىي قىلالايمىز.
ئۆتمۈشتىكى شانلىق نەتىجىلىرىمىزنى ئەسىلىگىنىمىزدە چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز، كەلگۈسى تەرەققىياتقا نەزەر سالغىنىمىزدا ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە تولىمىز. ئىلغار مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قالاق، مۇتەئەسسىپ مەدەنىيەت تەركىبلىرىنى تەنقىدلەپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى دەۋر تەرەققىياتى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ئىلغار مەدەنىيەت، مائارىپ ھەم ئاممىنى يېتەكلەش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئومۇمىيەت ئېڭىمىز، سىياسىي ئېڭىمىز ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ئىنتايىن ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش مەقسىتىگە يېتىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك. كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، سىغدۇرۇشچان، كۆپ خىل، ئىناق بولغان، ئىلگىرىلەۋاتقان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېقىمىغا بويسۇنۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، مەدەنىيەت ئورتاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق، مۇقىم، بەختىيار، گۈللەنگەن شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.
(ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى)
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى