ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئاپەتكە ئۇچۇرغان رايونلارغا ئېئانە توپلاش ئورۇنلىرىنىڭ تەپسىلىي تېزىملىكى
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، كەچلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن !
كېرىيە ناھىيسىدە يەر تەۋرگىنىدىن ھەممىڭلارنىڭ خەۋرى بار ، بۇ بالاقازادا قازاقىلغانلارنىڭ ، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئېنىق سىتاستىكا قىلىپ بولالمىغان بولسىمۇ بىراق بىر ناھىيەگە نىسپەتەن بۇنداق ئېغىر دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قېلالايمىز ئەلىۋەتتە . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر جاي ، ھەر ساھەلەردىن ئېئانە توپلاشمۇ باشلىنىپ كەتتى ، پۇلى بارلار پۇل چىقاردى ، پۇلى يوقلار كۈچ چىقاردى . ئەمدى ئاساسلىق مەزمۇنغا كەلسەك سالونىمىز ئۈندىدار ، چىچى توپ ۋە مېكىرو بىلوگلاردىكى ھەر شەھەرلەردىكى ئېئانە يېغىش ( ماددىي بويۇم بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ ) ئورۇنلىرىنى رەتلەپ چىقىپ مۇنبەرگە يوللىدۇق ، مەقسىتىمىز بۇنى كۆرگەن ،تومۇرىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېنى ئىقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ( ئېئانە سوممىسى ، ماددىي بويۇملارنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسى يوق ، قولىڭىزدىن كەلگۈنچە قىلسىڭىز بولىدۇ ) ياردەمىنى ئايېمىسا ، يىراقتىكى قېرىنداشلىرىمىز جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى رۇسلىۋالسا ، ئۆزىنى يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىنىڭ قوللاپ مەدەت بېرىۋاتقىنىنى ھېس قېلسا دېگەن ئۈمۈتتە بىز . شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى توغرا تاپتۇقكى ، بۇ تېمىنى ھەرقانداق مۇنبەر ، چىچى توپى ، مىكىرو بىلوگى ، ئۈندىدار ، دوسلۇق چەمبىركىگە خالىغانچە كۆچۈرسىڭىز بولىۋىرىدۇ . ئىشىنىمىزكى ئاللاھ ئۆز قەۋمىڭىز ئۈچۈن كۆتۈرگەن قوللىرىڭىزنى ھەرگۈز قۇرۇق ياندۇرمايدۇ . نەچچە ئونمىڭ ، يۈزمىڭلىغان كېشىلەرنىڭ دۇئاىنى ئېلىش - ئالالماسلىقىڭىز ئەمدى ئۆزىڭىزگە قالدى !
ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئاپەتكە ئۇچۇرغان رايونلارغا ئېئانە توپلاش ئورۇنلىرىنىڭ تەپسىلىي تېزىملىكى
ئۈرۈمچى
2-ئاينىڭ14、15、16、17-كۈنى ، داۋان يولى 1- ئەتىرەت ، خېڭچاڭ ئولتۇراق رايونى 2 - قاراردا
جىنكۈن ئولتۇراق رايونى C رايون 6 - بېنانىڭ ئۇدۇلىدا
ئوغۇز چوڭ تەخسىلىك توخو گۆشى قورۇمىسى ئاشخانىسىدا
داۋان يولى ئۆزگۈ تەم توخو قورۇمىلىرى دۇككىنىدا ئالاقىلىشىش نۇمۇرى : 13369697490
2- ئاينىڭ 16- كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 5 (شىنجاڭ ۋاختى )بىلەن پارلاق مىھمان سارىيى 4 - قەۋەت "مەشئەل تېخى" ئايرىمخانسىدا
مايتاغ
خالمۇرات ، ئامىنە
ئالاقىلىشى نۇمۇرى :
18935870177
غۇلجا
2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ،قازانچى ساقچىخانىسى ئارقىسىدىكى ( 17 - يول ئاپتىبوسنىڭ كوچىسىدىكى ) ئاتا مىراس توخو كاۋاپلىرى دۇككىنى
ئالاقىلىشىش نۇمۇرى :
زۇلمىرە 13319748507
ھەبىبە 13899766070
قەشقەر
2-ئاينىڭ14、15、16كۈنى قەشقەر 2-ئولتۇراق رايوندا
14-ئوتتۇرا مەكتەپ
تۇرپان
2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتە شىنجاڭ ۋاختى 1 دە ، تۇرپان يېڭى بىكەت ئالدىدا .
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى : 18609026494
15309959123
كورلا
2 - ئاينىڭ 14 、 15 -كۈنى ، كورلا چوڭ بازا "نىسا" كېيىم دۇككىنىدا .
چەت ئەلدىكى دوستلىرىمىزمۇ قاراپ تۇرماپتۇ قېرىنداشلار
تۈركىيە
2014- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 17:00 گىچە
ئالاقىلىشىش نۇمۇرى : 05344047723 ئېزىزجان
Wechat : 393061713
بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ يولدا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئىيتىمىز ، ئاللاھ ماڭغان يوللىرىڭلاردىن گۈل ئۈندۈرگەي ، ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق ، تېنىڭلارنى سالامەت ، دۆلىتىڭلارنى زىيادە قىلغاي ( ئامىن )
سالونىمىزدا كۈندە ئاپەت رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ، ئېئانە يىغىش ئەھۋاللىرى يوللىنىلىدۇ ، ئەگەر قىزىقسىڭىز قاچىلىۋىلىڭ .
ئىزدەش ئادىرسىمىز : kulubim