مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4760|ئىنكاس: 88

رازۋېدكا خاتىرىسى— بىنادىن تاشلىنىش دېلوسى (6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:25:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئۇ بۇرۇندىن مۇشۇنداق—  دېدى جى لىڭ گې ئەستايىدىللىق بىلەن— بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىزدىكى ئاساسلىق مەقسەت، سىزدىن بىر ياردەم سورىماقچى ئىدۇق» .
«قېنى ئېيتىڭ»
«سىزنىڭ دادىڭىز سودا - سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغۇ؟ بىزنىڭ مەكتەپ ...»
«توختاپ تۇرۇڭ!— دېدى چىن چىمىڭ— سىز مەندىن ياردەم سورىماقچىمۇ ياكى دادامدىن ياردەم سورىماقچىمۇ؟؟ ئەگەر دادامدىن ياردەم سورىماقچى بولسىڭىز بىۋاستە ئۇنى ئىزلەڭ. كەچۈرۈڭ، ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم»
ئۇ دەپ بولۇپلا ئورنىدىن تۇردى  «ھەي، توختاپ تۇرۇڭ!— جى لىڭ گې دەرھال ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرۇپ دېدى— ئەسلى مۇنداق. بىز سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج. بىز سىزنىڭ دادىڭىزنى تونۇمايمىز. بىز پەقەت سىزنى ...»
«بىھاجەت— دېدى چىن چىمىڭ— سىلەرنىڭ قىلىدىغان ياخشى ئىشىڭلار بولمىسا، ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلمايدۇ. »
«دەپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ، بىز قانداقسىگە ..»
«دادام ئەزەلدىن بۇ يولدا ماڭمايدۇ .سىلەر مەن ئارقىلىق ئارقا ئىشىك قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار ».
جى لىڭ گې دەرھال ئويلىدى. ئۇنىڭ ئوغلىمۇ شۇنداق دەۋاتقان يەردە، ئۇ راستتىنلا بىر پاك ئەمەلدارمۇ قانداق؟ ياق! مۇنچە بېكىتىشكە بولمايدۇ.
«كەچۈرۈڭ، سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. بىز پەقەت قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى. »
تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى؟  نېمە تەكشۈرۈش؟
جى لىڭ گې نىڭمۇ ئەسلى مۇنداق دېگۈسى يوق ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بايا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى يېرىم يولدا ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئامالنى ئويلاپ تاپقان ئىدى.
«نېمە تەكشۈرۈش؟ »
«ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش.يېقىندىن بۇيان مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇپ ئۆيىگە قايتمايدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ.مەكتەپمۇ بۇنىڭغا لايىق تەدبىر كۆرۈشى كېرەك.ھازىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر سىزدىن سوئال سورىماقچىمىز .—دېدى جى لىڭ گې— سىزدىن باشقا بىز يەنە 1 ـ 2 ـ بىنادىكى تاللىغان ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپ بولدۇق. بۇ يەردە تېخى سوراق خاتېرىسىمۇ بار. شۇڭا سىزنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز. »
مۇشۇمۇ سوئال بولدىمۇ؟ بۇنىڭ سورىغىدەك نېمىسى بار؟
چىن چىمىڭنىڭ قارىماققا  ماسلاشقۇسى يوقتەكلا قىلاتتى. چۈنكى ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇنىڭ ئالدىدىكى بۇ ئىككەيلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئادەملىرىگە ئەسلا ئوخشىمايتتى. چۈنكى، بىرىنچىدىن،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، مۇشۇ ۋاقىتنى تاللامدۇ؟ ئىككىنچىدىن،ئۆيگە قايتىش ياكى قايتماسلىقنى تەكشۈرسە، مۇشۇ بىرنەچچەيلەندىنلا تەكشۈرەمدۇ؟ سىتاتىستىكىلاش ئۇسۇلى توغرا ئەمەسقۇ؟ بىراق جى لىڭ گې نىڭ گەپلىرىمۇ بىر بىرى بىلەن زىددىيەتلىك ئەمەس. شۇڭا چىن چىمىڭنىڭ ئۇلار بىلەن بىلەن ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى جىننى بىلىپ باققۇسى كەلدى.
«رەھمەت سىزگە—  دېدى جى لىڭ گې تولىمۇ ئوخشاتقان ھالدا— سىز ئادەتتە ئارام ئېلىش كۈنلىرىدە ئۆيگە قايتامسىز؟ »
«ھەئە، مەن ئەتىلا كېتىمەن. »
«ھېلىمۇ بۈگۈن كەپتىمىز - - دەپ ئويلىدى جى لىڭ گې ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەشىق قەغىزىگە خاتېرىلىگەچ «سىزنىڭ ئۆيىڭىز مىڭخەي شەھىرىدىغۇ دەيمەن, ئۇنداقتا سىز ئارام ئېلىش كۈنلىرى ۋە تەتىل كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆيىڭىزگە قايتامسىز؟ »
«ھەئە»
«ئەگەر سىز ئۆيىڭىزگە قايتمىسىڭىز نېمە سەۋەبدىن قايتمايسىز؟ »
چىن چىمىڭ ئويلىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ تولىمۇ بىر مۈجمەل سوئال ئىدى.چۈنكى ئۇ بايا «تولۇق قايتىمەن» دېگەن تۇرسا، نېمىشقا يەنە «ناۋادا قايتمىسىڭىز؟ »دەپ سورايدۇ؟ ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇنىڭ مۇنداق سورىشىدا چوقۇم بىر مەسىلە بار.ئۇنىڭ بايىقى ئىپادىسى ۋە دادىسىنى تىلغا ئېلىشىنى قوشۇپ تەھلىل قىلغاندا— ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسىنى تەكشۈرمەكچى!
ئەگەر چىن چىمىڭ «ئۆيدىكىلەر سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا» ياكى «ئۆيگە قارىغۇدەك ئادەم بولمىسا» دەپ جاۋاپ بەرسە، ئۇ چاغدا ئۇ.جى لىڭ گې نىڭ قىلتىقىغا ئېلىنغان بولىدۇ! شۇڭا گەپنى ئەگىتىش كېرەك.
چىن چىمىڭ جى لىڭ گې نىڭ كۆڭلىدىكى جىننى بىلمەكچى بولدى ـ دە، مۇنداق جاۋاپ بەردى: «ئادەتتە ئۆيگە قايتمىسام شۇ دوستلىرىم بىلەن ئوينىغىلى چىققاندا ياكى ئۆگىنىش قىلىپ بەك ھېرىپ كەتكەندە قايتمايمەن. »

ئەگەر جى لىڭ گې ئۇنىڭدىن «سىرتقا ئوينىغىلى چىقىسىز؟ ئۆيدىكىلەرنىڭ سىز بىلەن كارى بولمامدۇ؟ »دەپ سورىسا، چىن چىمىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تەكشۈرگىلى كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيدۇ  .بىراق جى لىڭ  گې ئۇنداق سورىمىدى: «ئۇنداقتا سىز نەگە ئوينىغىلى بارىسىز؟ مەكتەپ ئىچىدىمۇ ياكى سىرتىدىمۇ؟ »
ئۇ ئۆزىنى ئاشكارىلىمىدى.
بۇنى گەپتىن چىن چىمىڭ ھەيران قالدى. ئەجىبا ئۇ خاتا ئويلىغان ئوخشىمامدۇ؟
ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئالدىدىكى بۇ ئادەم ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئادىمى ئەمەس. لېكىن، ئۇلارنىڭ مەقسىدىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئەمەس ئىكەن! ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ مەقسىدى زادى نېمە؟

ئۇ بىرئاز ئويلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قارشى زەربىگە ئۆتۈش قارارىغا كەلدى،يەنى— گەپنى ئۆزى ئېچىپ ئۇنىڭغا يەمچۈك تاشلىماقچى بولدى. ئۇ «ۋاي، سىزچە مەكتەپ ئىچىدە ئوينىغىدەك نېمە بار؟ »دېدى.
«مەن ئۇنداق ھېس قىلمىدىم، مەكتەپ ئىچىدە كۆپ ئوقۇغۇچىلار كۆل بويىدا ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەنغۇ؟ ئۇنداقتا سىزچۇ؟ »
«مەن شۇ ...ئېشىپ كەتسە دادامغا بىرنى تېلفون قىلىۋېتىپ، بىر ئېغىز دەپ قويغاندىن كېيىن، مەكتەپ سىرتىغا ئوينىغىلى چىقىمەن. ئادەتتە بىر نەرسە يەپ ياكى ناخشا ئوقۇپ دېگەندەك، شۇ ...»

ئىم؟ جى لىڭ گې سەل تۇرۇپ قالدى. چىن چىمىڭ نېمىشقا تۇرۇپلا دادىسىنى تىلغا ئېلىپ قالدى؟ ئادەتتە مەكتەپتىن سىرتقا ئوينىغىلى چىقسا دادىسىدىن سوراشنىڭ ھاجىتى يوققۇ؟

بىر چەتتە ئولتۇرغان فاسەي بۇ گەپنى ئاللىبۇرۇن چۈشىنىپ بولدى— ئۇ چىن چىمىڭنىڭ.ئۇنىڭغا يەمچۈك تاشلاپ، ئۇنى قىلتاققا ئېلىندۇرماقچى بولغىنى، چىن چىمىڭمۇ   شۇتاپتا جى لىڭ گې نىڭ كېيىنكى سوئالىنىڭ «ئۇنداقتا دادىڭىز سىزنى ئانچە باشقۇرمايدىكەن» ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيدۇ. بۇچاغدا ئۇ «ھەئە، دادامنىڭ مەن بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ» دېسە، ئۇ چوقۇم «ئەمىسە يەنە نېمىشقا دادىڭىزغا تېلفون قىلىسىز» دەپ سورايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ياتاق مەسىلىدىن ھالقىيدۇ - دە،ئىچىدىكى جىننى ئاشكارىلايدۇ.
بىراق، جى لىڭ گې ئۇنىڭ قىلتىقىغا چۈشمىدى: «ئىم؟ ئۇنداقتا ئانىڭىزغا تېلفون قىلمامسىز؟ »
چىن چىمىڭ بۇ چاغدا ئاندىن ئانىسىنى چالا قويۇپ قويغىنىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ جى لىڭ گې نىڭ. ئۇنىڭ يوچۇقىنى بايقاپ قالالىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ دەرھال تولۇقلاپ ئېيتتى: «ئۇنداقمۇ ئەمەس، بەزى چاغلاردا تېلفوننى ئانام ئالىدۇ»
جى لىڭ گې دەرھال ئۇنىڭ يوچۇقىغا ئېسىلدى «ساۋاقداش چىن چىمىڭ، سىز يالغان سۆزلىدىڭىز. »

يالغان سۆزلىدىڭىز؟

«نەدە؟ »
«سىزنىڭ دادىڭىز سودا - سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغۇ؟شۇڭا ۋاقىت مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ ئېيتقاندا، تېلفوننى ئانىڭىزنىڭ ئېلىش ئېھتىمالى دادىڭىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ  بولىدىغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز نەچچە قېتىم ئۆيىڭىزگە تېلفون قىپ باققان، ھەر قېتىم تېلفون ئالغىنى ئانىڭىز ئالغان ئىدى. »

قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇلار ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بىلىپ قالدى. ئەگەر يەنە داۋاملىق سوراۋەرسە، جاۋاپ بېرىشمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇڭا تېزدىن ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاش كېرەك!
ئۇ دەرھال كاللىسىنى ئىشلىتىپ، چۈشەندۈرگەن ئاساستا دېدى «مەن ئادەتتە تېلفوننى شەنبە كۈنلىرى قىلىمەن. شۇڭا دادام ئادەتتە ئۆيدە»

ئۇنىڭ بۇ گېپىگە جى لىڭ گې يەنە دەرھال ئېسىلدى: «ئۇنداقتا ئالدىنقى شەنبىچۇ؟ »

بۇنى ئاڭلىغان چىن چىمىڭ دەرھال ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ياندۇرۇپ سورىدى: «كەچۈرۈڭ، سىز  نېمىنى سورىماقچى؟ »
«ئالدىنقى شەنبە كۈنى سىز ئۆيدە ئەمەسكەنسىزغۇ، شۇڭا مەن سىزدىن پەقەت بۇنى ئۆيدىكىلەرگە دېگەن ياكى دېمىگەنلىكىڭىزنى سوراۋاتىمەن. »

چىن چىمىڭ ئويلىدى، ئۇلار قانداقسىگە ئۆزىنىڭ ئالدىنقى شەنبە كۈنى كۈندۈزى ئۆيدە ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ؟ ئەجىبا بىرەرسى ئۇنى كۆرۈپ قالغانمۇ؟
توغرا ئەمەس. مۇنداق ئېھتىماللىق بەك تۆۋەن. لېكىن ...ئۇ نېمىشقا ئالدىنقى شەنبىنى تىلغا ئالىدۇ؟

چىن چىمىڭ نىڭ ئېسىدە بار، ئالدىنقى شەنبە ئاتا -ئانىسى دېڭىز بويىغا بارغان. ئەجىبا ئالدىدىكى بۇ ئىككەيلەن شۇنى ئېنىقلىغىلى كەلگەنمۇ؟
ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ دادىسىنىڭ شۇ كۈنى سەۋەبلىك ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنداقتا بۇ ئىككەيلەن ....
ئەسكى ئادەم بولماستىن، بەلكى ...ساقچى؟! دادىسىنىڭ قىلغانلىرىنى سۈرۈشتۈرىشىگە قارىغاندا، ئۇلار چوقۇم ساقچى!

«ئالدىنقى شەنبە، ئۇلار ئۆيدە يوقتى»

ـئۇ پەقەت مۇشۇنداقلا دېيەلەيتتى.
«ئۇلار نەگە كەتكەنىدى؟ »
جى لىڭ گې ئۇنىڭ گەپلىرىدىن بىرمۇنچە يوچۇق قالغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا بىمالال سورىيالايتتى. ئەمما چىن چىمىڭ ئويلىمىغان يەردىن مۇنداق جاۋاپ بەردى «كەچۈرۈڭلار، سىلەر ساقچىمۇ؟ »

جى لىڭ گې چۆچۈپ كەتتى. بىرچەتتە ئولتۇرغان فاسەي بولسا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ دېدى: «قاپاق، يەنە چاندۇرۇپ قويدۇڭ »
جى لىڭ گې يۈزلىرى قىزارغان ھالدا ئۇنىڭدىن نەدىن چاندۇرۇپ قويغانلىقىنى سورىۋىدى، چىن چىمىڭ «ئالدىنقى شەنبە كۈنى، مەن دادامنىڭ سىلەر تەرەپتىن سوراق قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. »دېدى.
دېمەك، چىن چىمىڭنىڭ بىلىپ قېلىشى بىر ئۇدۇل كەپ قىلىش ئىكەن - دە!

«سىزنىڭ بۇ سوئال سوراش ئىقتىدارىڭىز ۋە تەپەككۇرىڭىزغا ئاساسەن ھەرقانداق ئادەم سىزنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەلەيدۇ»
فاسەي مۇشۇنداق دېگەچ جى لىڭ گې نىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك شاپاللاپ، ئۇنى بىر ياققا ئۆتۈشنى شەرەتلىدى. ۋە: «سىزنىڭ قىززىمايدىكەن. ئۇنى ئۆزۈم يىغىشتۇراي» دېدى.

جى لىڭ گې ئامالسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئورنىنى فاسەيگە بوشىتىپ بەردى. بىراق فاسەي يەنىلا تۈزۈك ئولتۇرماستىن، يەنىلا ئىككى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ، ئۆزىنى كەينىگە تاشلاپ ئولتۇرۇپ، ئالدىدا ئولتۇرغان چىن چىمىڭغا دېدى: «بىز داداڭنى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ گۇمانلىنىۋاتىمىز»

گەپنى ئوچۇقلا قىلغاندىكىن، يوشۇرغىدەك ھېچنەرسە قالمىدى. چىن چىمىڭمۇ ئۇلارنىڭ ساقچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دادىسىغا پايدىسىز ھېچنەرسە دېمەسلىكى كېرەك.
لېكىن مەسىلە شۇكى،  ھازىر ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىۋاتقىنى ساقچىلار گۈلى جى لىڭ گې ئەنەس بەلكى فاسەي. چىن چىمىڭ ئۇنىڭ سوراق قىلىش تاكتىكىسىنى بىلمەيدۇ. شۇندىمۇ يەنىلا سەگەكلىكنى ساقلاش، يوچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك.

مەسىلە ...فاسەي ئۇ ئازراقمۇ نورمال ئەمەس ...

«ئالدىنقى مەۋسۇم قانچە پەندىن ئۆتەلمىدىڭ؟ »

ھە؟!  

جى لىڭ گې ھاڭۋېقىپ قالدى. بۇ نېمە سوئال ئەمدى؟ ئۇنىڭ قانچە پەندىن ئۆتەلمىگىنى بىلەن چىن جوڭ يۈەننىڭ نېمە ئالاقىسى؟

چىن چىمىڭنىڭ بىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ جاۋاپ بەرگىنىنى كۆرگەن جى لىڭ گې ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى.  
بۇ سوئال ئۇنىڭ نەتىجىسىگە تاقىشىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ نەتىجىسى ناچار بولسا، ئۇنىڭ بۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىشىمۇ بىر غەلىتە ئىش بولىدۇ. بەلكىم چىن جوڭ يۈەن يول مېڭىپ ئۇنى بۇ يەرگە ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۈمكىن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ياۋۇز + 300 غەيرەت قىلىڭ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:31:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرداشلار، ئەسلى بۇ 6 ـ قىسمى بىر قەدەر چوڭ ھەمدە ئەڭ ئېسىل قىسمى ئىدى. ھەجىمى چوڭ بولغاچقا تېلفوندا بىۋاستە ئىككىگە بۆلۈ

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:36:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆلۈپ يازغان ئىدىم.ئەمما تېلفۇندىن مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ چاپلايدىغان چېغىمدا ئېھتىياتسىزلىقىم تۈپەيلىدىن يەنە بىر بۆلۈپ يازغىنىم يۇيۇلۇپ كەتتى. (ھەممىنى تاللاپ كۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى باسىمەن دەپ ئېھتىياتسىزلىقتىن چاپلاش كونۇپكىسىنى بېسىپتىكەنمەن، ئاران تەس بېسىپ ساقلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ...)

شۇڭا بۇ قىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى يەرنى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ تولۇقلاپ قويىمەن، ئەپۇ قىلارسىلەر قېرىنداشلىرىم!

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ياقۇپجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:38:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىلىپ ئاخىرىنىمۇ....

ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:42:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yfkopjfn يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 11:38 PM
غەيرەت قىلىپ ئاخىرىنىمۇ....

بۇنى چوقۇم تولۇق تەرجىمە قىلىمەن.

ھەي ...يۇيۇلۇپ كەتكەن قىسمىنى بېسىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان نەچچە سائەت ۋاقتىمغا ئۆكۈنىمەن دەڭە .. 

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yfkopjfn + 39 ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14257
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8193
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:50:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنىمۇ تىزراق يوللاڭ ھە...

بولمىسا سىنىڭدە بەخىتكە ئىنكاس
ھاياتىڭ بىر ئىزدا ئۆتىدۇ تىمتاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4663
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئېسىت ، يۇقاپ كەتكەن يېرىنى يەنە قايتا تەرجىمە قىلاسىزمۇ ئەمدى ؟ ئاۋارىچىلىق بوپتىغۇ بۇ ؟

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:59:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ana يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 11:56 PM
ۋاي ئېسىت ، يۇقاپ كەتكەن يېرىنى يەنە قايتا تەرجىمە قىل ...

ياقەي، مەن ئاۋۋال دەپتەرگە تەرجىمە قىلىۋېلىپ ئاندىن دەپتەردىن تېلفونغا كۆچۈرۈتتىم. يوقاپ كەتكەن قىسىمىنىڭ تەرجىمىسى دەپتىرىمدە بار. لېكىن شۇ تېلفونغا ئۇرۇشقا بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 12:00:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahkabe يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 11:50 PM
ئاخىرنىمۇ تىزراق يوللاڭ ھە...

6 ـ قىسمى تېخى تۈگىمىدى. شۇ...بىخەستەلىك قىلىپ ...
ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ داۋامىغا قېتىپ قويىمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4663
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 12:02:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 11:59 PM
ياقەي، مەن ئاۋۋال دەپتەرگە تەرجىمە قىلىۋېلىپ ئاندىن  ...

ھە مەن تېخى تەرجىمە قىلغىنىڭىزنى ئۇتتۇرلۇق يوللاپ ماڭغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن .

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش