داۋامى:
ئەسلىدە بۇ كۆرگەزمە 2008-يىل7-يانۋارغىچە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ تەلىپى بويىچە 8-يانۋارغىچە بولۇپ، ھەر كۈنى كۆرۈرمەنلەر ئۈزۈلمىدى. كۆرگەزمە مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ ئېيتىشچە، 13 كۈن كۆرگەزمە ئېچىلىش جەريانىدا تەخمىنەن 8000 كىشى كۆرگەزمىنى كۆرگەن. ھەتتا ئارىلىقىنى يىراق كۆرمەي سەمەرقەندتىن كېلىپ كۆرگۈچىلەرمۇ بولغان. نۇرغۇن كىشىلەر غازى ئەھمەدنىڭ رەسىمىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جەريانىدا، غازى ئەھمەد يەنە بىر قېتىم ئۆزبېكستان خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ۋە مۇكاپىتىگە ئېرىشتى. يۇقىرىقى شان-شەرەپلەردىن باشقا غازى ئەھەد بۇخارادىكى رەسساملارنىڭ تەلىپى بويىچە بىر كۈن مەخسۇس لېكسىيە سىۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىشلىگەن د ۋ د پلاستىنكىسنى ئۇلارغا تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنى چەكسىز خۇشال قىلىۋەتتى. ئۇ يەنە ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي جۇڭگونىڭ ئۆزبېكستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، كۇڭ زى ئىنىستىتۇتى ۋە ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلىرى ئۈچۈن جەمئىي 15 پارچە ھۆسنخەت ۋە رەسىم تەقدىم قىلدى. ئۆزبېكستان خەلقى ئۇنى جەمئىي 11 تاشكەنت دوپپىسى، 6 تون (بۇنىڭ تۆتى زەر جىيەكلىك، زەر نەقشلىك تون، بىرسى بەقەسەم تون، بىر سوكنو تون)، 2 نوركا قۇلاقچىسى ۋە شاھى بەلۋاغ قاتارلىق ماددى بۇيۇملار بىلەن تارتۇقلىدى. غازى ئەھمەدنىڭ تاشكەنتتىكى پائالىيەتلىرى ئېلىمىزنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تورلىرىدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ مەزكۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغان 30يىلغا يېقىن ۋاقتتىن بۇيان 2005-يىلى رۇسيە فېدىراتسىيىى گورنو ئالتاينىڭ مەركىزى بارنائۇل شەھىرىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم چەت ئەلدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشى ئىدى. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق كۆرگەزمە ئىدى. بۇقېتىمقى كۆرگەزمە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئۆزبېكستان خەلقى جۇڭگوچە رەسىمنىڭ سېھىرىي كۈچىنى كۆرۈپلا قالماستىن، بەدىئىي رەسىملەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسنىمۇ كۆردى. شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى غازى ئەھمەدكە ئوخشاش بىر تۈركۈم رەسسمامىلىرىمىزنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنىمۇ كۆردى ھەمدە شىنجاڭنىڭ رەڭگارەڭ ۋە مول مىللىي مەدەنىيىتىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزبېكستان خەلقىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. ئەلبەتتە، بۇنى غازى ئەھمەدنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
چۈنكى،ئۇ بۇ قېتىمقى دوستلۇق پائالىيىتىدە يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ جۇڭگو شىنجاڭ ۋە ئۆزبېكستان خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۆزبېكستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىشىنى يەنىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ ئۆزبېكستاندا زور شان-شەرەپ قازاندى. بۇ شان شەرەپ ئەمەلىيەتتە ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىغىمۇ مەنسۇپ ئىدى...
كوڭ زى ئىنىستىتۇتىدا بىر كۈن
2008-يىل9-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دە. بىز جۇڭگونىڭ ئوزبېكستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى يۈ خوڭجۈن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، خالمۇرات مۇسا قاتارلىق تاشكەنتلىك ئۇيغۈر ياشلىرىنىڭ خالىس ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ماشىسىنىسىدا زور قىزىقىش بىلەن ئەسلى پىلانىمىزدا بېكىتىلگەن تاشكەنت كوڭ زى ئىنىستىتۇتىغا يېتىپ باردۇق. بۇ كۈنى تاشكەنتتە يەنە قارلىق بىر كۈن بولسىمۇ بىز بۇ كۈننى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەم خاسىيەتلىك بىر پائالىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ تولىمۇ ئىللىق ھېس قىلدۇق.
بىز «جۇڭگو سەنئەتكارلىرىنىىڭ كوڭ زى ئىنىستىتۇتىمىزدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز » دېگەن خەنزۇچە خەتلىك لوزۇنكا بىلەن بېزەلگەن بىر كىچىك زالغا كىرىشىمىز بىلەن تەڭ مەكتەپ مۇدىرى ھەمراقۇلوف شەۋكەت ئەپەندى ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچى ھەم بىزنىڭ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ ئۆيىگە قايتمىغان بىر قىسىم ئۆزبېك، تاجىك، تاتار، رۇس قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتۇق.
ھەمراقۇلوف شەۋكەت جۇڭگو شىجاڭ تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتىدىكى مېھمانلارنىڭ مەكتەبنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارىشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ كۆڭ زى ئىنىستىتۇتىدا 2008-يىلغا قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق مۇھىم بىر مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو سەنئەتكارلىرىنىڭ نەق مەيداندا كۆرسىتىدىغان ماھارەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ مەكتەبنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرى ۋە مۇھىم شەھەرلىرىدە كوڭ زى ئىنىستىتۇتى قۇرۇش بىر مودا ئىش بولۇپ قالغان ئىدى. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ياپونىيە، تايلاند، مالايسىيا، گوللاندىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بولۇپ 210 دىن ئارتۇق شەھەردە كوڭ زى ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغان. كوڭ زى ئىنىستىتۇتى چەتئەللىكلەرگە يالغۇز خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدىغان ئاپارات بولماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ئاپپاراتى ئىكەن. مەن بۇ توغرىلىق خېلى كۆپ ماتېرىياللارنىمۇ كۆردۈم. ئۆزۈمچە باشقىچەرەك ئويدىمۇ بولغان ئىدىم. شۇڭا ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مەن بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىدىن باشقا تاشكەنت كوڭ زى ئىنىستىتۇتىنى زىيارەت قىلىشنى بۇ قېتىمقى پالالىيىتىمىزنىڭ بىر مەزمۇنى قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم. مېنىڭ ئۆز كۈزۈم بىلەن چەتئەللەردىكى كوڭ زى ئىنىستىتۇتىنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇممۇ بار ئىدى. چەتئەللىكلەرنىڭ خەنزۇ تىلىغا قانداق قىزىقىپ قالغانلىقىغا، بولۇپمۇ ئۆزېكستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇنجى بولۇپ كوڭ زى ئىنىستىتۇتى قۇرغانلىقىغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم.
دۇنيادا خەنزۇتىلىغا قارىتا ھەر خىل قاراشلامۇ ئاز ئەمەس ئىدى. تىلنىڭ ئاسىنى بولمايدۇ، ھەرقانداق تىلنى جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، ئىزچىل ئۆگەنمىسە ئاسانلىقچە ئۆگىنىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ خەنزۇ تىلى دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن تىل بولسا كېرەك، خەنزۇ يېزىقى تېخىمۇ قىيىن، بىر كۈن ئۆگەنمىسە ئۈچ كۈن چېكىنىدىغان يېزىق ، ھەتتا يېقىنقى دەۋىرلەرگىچە خەنزۇ يېزىقىنى يوقىتىش ھەققىدە چۇقان كۆتۈرگەنلەرمۇ بولغان ئىدى. 30 نەچچە يىل ئىلگىرى دۇنيادا جۇڭگولۇقلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، خەنزۇچە تىل –يېزىقنى مازاق قىلىدىغان خاھىش مەلۇم دائىرىدە مەۋجۇد ئىدى. بىراق، جۇڭگو خەلقى ئاخىرى ئەقلىنى تېپىپ يېقىنقى 30يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات-ئېچىۋېرىش سىياسىتىنىڭ تۇرۈتكىسىدە ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىختىسادتا تېز تەرققىىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ساھە بويىچە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىغان چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، دۇنيا كىشىلىرى جۇڭگوغا دىققەت كۆزى بىلەن قاراشقا باشلىدى. ياۋروپا-ئامېرىكا قىتئەسىدىن باشلاپ ئاسىيا، ئافرىقاغىچە نۇرغۇن كىشىلەر خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى قىلىۋالغان، ھەتتا ئىلگىرى جۇڭگونى دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغانلارمۇ جۇڭگوغا كېلىپ خەنزۇچە ئۆگىشنى باشلىغان، چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەبلەردە خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتى قۇرۇلۇپ، يەر شارى مىقياسىدا خەنزۇ تىلى ئۆگنىش قىزغىنلىقى پەيدا بولغان. ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىي كۇچى بىلەن ئاقىلانە تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا زور مەبلەغ سېلىپ، دۇنيادىكى كۈچلىك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. شۇڭا دۇنيا ئەللىرىنىڭ بەس-بەستە خەنزۇ تىلى ئۆگنىشىنىڭ ئۆزى جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو خەلقى بىلەن ئۆزبېكستان خەلقى قەدىمدىن تارتىپ باردى-كەلدى ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بىر مىللەت ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىر قانچە سىياسىيئونلا ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىكەن. ئارىدىن 30يىل سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو موسكۋادا زور كۆلەمدە سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈپ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىلزىلىگە سالدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك كىشىلەر بەس-بەستە بېلەت سېتىۋېلىپ بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەن. كۆرۈرمەنلەر جۇڭگونىڭ تەرققىياتىدىن ھەيران بولۇپ: «بىز بۈگۈنكى جۇڭگونى كۆردۇق»، «كۆرگەزمە بىزنىڭ ئىلگىرى جۇڭگونى قالاق، نامرات دەپ قارايدىغان قارشىمىزنى ئۆزگەرتتى»، «ھېچكىممۇ جۇڭگونىڭ ئالدىغا ئۆتۈدىغان تېخمۇ ياخشى ئىسلاھات ئېلىپ بارالمايدۇ» دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا پۈتۈن مەمىلىكەت بويىچە «جۇڭگو قىزغىنلىقى شامىلى» پەيدا بولغان. بۇ قىزغىنلىق مانا ئەمدى ئۆزبېكستانغىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئالاقە قىلىش ئۈچۈن تىل ئۆگەنمىسە بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئەقىللىق كىشىلەر ئۆز تىلىدىن باشقا، ئۆزگىنىڭ تىلىنى ئىگەللەش تېخىمۇ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەن ئىدى. بۇ نۇقتىنى دۆلەتلەرمۇ، شەخسلەرمۇ چۈشەنگەن ئىدى. تىل ئۆگىنىش تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆزى ئۈچۈندۇر، سىياسيئۇنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇ ئۆزىنى ئەڭ مۇھىمى ئۆزگىنى بىلىشتىكى ئەڭ ياخشى قورالدۇر. خەنزۇچە يېزىق ھەقىقەتەن دۇنيادا ئەڭ قىيىن يېزىق. بىراق، ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس. گەپ بىزدىكى تونۇشتا. مەن 14 يىل خەنزۇچە ئوقىغان بولساممۇ ھازىرغا قەدەر پەقەت 4000 خەنزۇچە خەت بىلەنلا خەنزۇچە ئەڭ كلاسسك ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايمەن، ھەتتا خېلى چوڭ ئىلمىي ئەسەرلىرنىمۇ يازالايمەن. چۈنكى «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»دە ئۆخشىمايدىغان يەككە خەت ئاران 4000غا بارىدۇ. 2000خەتنى تونىسا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بىر بېتىنى ئۇقۇغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا خەنزۇچە ئۆگىنىشمۇ ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەسكەن دەپ قارايمەن. بىراق ئېھتىياج بولمىسا بىكار. ئېھتىياج بولغانلىقتىن ھازىرقى دۇنيا ئەللىرىدە خەنزۇچە ئۆگىنىش دولقۇنى بەيدا بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا ئاھالىسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بۇ چوڭ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگەنمەسلىكنىڭ ئۆزىلا بىر خىل ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. دېمەك، خەنزۇچە ئۆگنىش مۇددىئائىسنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، دۇنيادا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش، خەنزۇ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش بىر دەۋر ئېقىمىغا ئايلانغان. شۇڭا مەن خېلى بۇرۇنلا تاشكەنتتىكى كۇڭ زى ئىنىستىتۇتىنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى. بىز جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا ھال سوراپ بارغىنىمىزدا ئۇلارمۇ بۇ تەكلىپنى بەردى ھەمدە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ پلانىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ تەكلىپى بىريەردىن چىقىپ، بۇ ئائالىيەت تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە بولدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە تۇنجى قۇرۇلغان تاشكەنت كوڭ زى ئىنىستىتۇتى دۇنيادىكى 210 ئىنىستىتۇتلار ئىچىدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر20 ئىنىستىتۇت»نىڭ بىرى ئىكەن. ھازىر 200دىن كوپرەك ئوقۇغۇچى بار ئىكەن، ھازىر خەنزۇچە ئۆگىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. 2008-يىلى يەنە 100 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا ئومۇملاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان بۇ مەكتەپ 2005 -يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تاشكەنت ئۇنىۋېرستېتى بىرلىكتە ئاچقان مەخسۇس خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش بىلەن خەنزۇ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بىلىم يۇرتى ئىكەن.
باش ئەلچى يۈ خوڭجۈن شىنجاڭدىكى يولداشلارنىڭ يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تەڭ تاشكەنتتە ئۆتكۈزەن كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ، كوڭ زى ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەت ئوخشاشلا ئەلچىخانىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ بىر تۈرى، كوڭ زى ئىنىستىتۇتى ھەرقايسى ئەللەر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر ۋاسىتە بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى يىلدىن يىلغا ئۇلغىيىۋاتىدۇ. دېدى.
كۆڭزى ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىزگە ئۇلار يېڭىدىن ئۆگەنگەن تەيجىچۈەن گۇمپىسىنى كۆرسەتتى ھەمدە موي قەلەم بىلەن خەنزۇچە ھۆسنخەت يازدى. جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، يېشى 74دىن ئاشقان غازى ئەھمەد تەكلىپ بويىچە سۆزگە چىقىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىپ قىسقىچە سۆزلىگەندىن كېيىن كوپچىلىككە نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى. نەق مەيداندا ھۆسنخەت يېزىش ياكى رەسىم سىزىش جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بولۇپمۇ موي قەلەمدە ھۆسنخەت يېزىش ۋە نەق مەيداندا جۇڭگوچە رەسىم سىزىش پەقەت جۇڭگو ۋە خەنزۇ خەلقى توپلاشقان جايدىلا بولىدىغان، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى شۇ ئارقىلىق نامايان قىلىدىغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسى ئىدى. ئۆمىرىنىڭ 56 يىلىنى جۇڭگوچە رەسىم سىزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، 40 نەچچە يىل مۇشۇ ساھەدە ئۇقۇتۇش-تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1 مىليارد 300مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار جۇڭگودەك بىر چوڭ دۆلەتتە ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىپ كېلىنىۋاتقان غازى ئەھمەد ئاكا شىنجاڭدىلا تەييارلىۋالغان تاۋارلىق قەغەزگە ھەش-پەش دېگۈچە ئۈچ پارچە ئەسەرنى پۈتتۈردى: ئۇنىڭ بىرى ئەرەبچە ھۈسنخەت، قالغان ئىككىسى جۇڭگوچە رەسىم ئىدى. «پامىردىكى قوتاز»، «پەرۋاز»ناملىق بۇ ئىككى پارچە ئەسەر ئەلچىخانىدىكىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى كۈچلۈك بەدىئىي زوققا ئىگە قىلغان بولسا، ھەدىستىن ئېلىنغان «ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگوغا بېرىڭلار»دېگەن بۇ ھۆسنخەت كوپچىلىكنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. مەكتەبنىڭ ھازىرقى خاراكتېرىگە ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ياكى بۇ سەنئەتكارىمىزنىڭ ئاجايىب ماھارىتىدىن قاتتىق تەسىرلەندىمۇ كوپچىلىك ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ غازى ئەھمەد ئاكىغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئىزچىل غازى ئەھمەدنىڭ يېنىدا تۇرغان باش ئەلچى يۈ خوڭجۈن تەسىرلەنگەن ھالدا: «ئۇستاز غازى ئەھمەد بىز ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە قالدۇردى. بۇندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇنداق ئۇستازنى ئۆمرىدە كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن!» دېدى. مەنمۇ خۇشال ھالدا كۆپچىلىككە سەپ سالدىم: شۇ تاپتا، شۇ ھاياجانلىققا تولغان، كۆپ مىللەتلىك كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بۇ خۇشال-تەبەسسۇم چىرايلاردىن بىر خىل ئىنسانىي دوستلۇق ۋە مېھرى-مۇھەببەت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. زالدا 50نەچچە كىشى بار ئىدى. بىزدىن باشقا كوڭ زى نىستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئۇغۇل-قىز، ئەر- ئايال بولۇپ ھەممىسى شۇنچە پەخىرلىنىش ھېسىياتىدا ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭى 45ياش، كىچىكى 10ياش ئىدى. ھېلى تەيجىچۈەن گۇمپىسىنى شۇنداق ئەستائىدىل ئۇينىغاندىن كېيىن خەنزۇچە ھۆسنخەت يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن 40ياشلاردىن ھالقىغان ئالىم ئىسىملىك ئۆزبېك فرانسۇز تىلى ئۇقۇتقۇچىسى تېخىمۇ ھاياجان ۋە پەخىرلىنىش ھېسىياتىدا ئىدى. ئۇ ماڭا: «غازى ئەھمەد ئاكىنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈپ شۇنداق پەخىرلەندىم. ئۇ جۇڭگوغىلا مەنسۇپ بولماستىن، بىزگىمۇ مەنسۇپ» دېدى. شۇنداق، پەن-تېخنىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت، جۈملىدىن رەسساملىق، خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى، ئۇنىڭ ئەسلىدە چېگراسى بولماسلىقى كېرەك ئىىدى، ئەمما مىللەتچىلىك كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە ئايلانغان دەۋرىدە، جامائەت پىكرى ھېچقانداق ئىككىلەنمەستىن شەخسلەرنىڭ شان- شەرىپىنى دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالدى. شۇڭا مەلۇم بىر مىللەتتىن بولغان بىر كىشى دۇنيادا شان-شۆھرەت قازانسا، ئۇ كىشى ئۆز مىللىتى، ئۆز دۆلىتىنىڭ دىققەت نوقتىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ مەمىلىكەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە جامائەت ئارىسىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، پالانى دۆلەتتىن پۇكۇنى كىشى خەلقئارادا مۇكاپاتلاندى، بىز ئۇيغۇرلاردىن نېمە ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىدىغانلار چىقمايدۇ؟دەپ قارايمىز. خۇددى بىز دۇنيادا مۇكاپاتلىنىشقا ھەقلىقتەك سۆزلەيمىز، ئەمما بىز باشقىلارغا قارىغاندا ئۆگىنىشتە تېخىچە بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز. ھېچ بولمىغاندا خەنزۇچىنىمۇ تۈزۈكرەك بىلمەيمىز. خەلقىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئانا تىلىمىزدىن باشقا ھېچقانداق تىلنى بىلمەيدۇ، ئومۇمىي ساپاسى خېلىلا ئارقىدا تۇرىدۇ . مەن ئۆزبېكستانلىق بۇ ياشتىن جۇڭگوغا بارغان- بارمىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بۇيەردە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە رۇس، ئۆزبېك فرانسوز، تاتار، تاجىك، ئەرەپ، پارىس قاتارلىق كۆپ خىل تىللارنى بىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئۇ ئىلگىرى ھەربىي مەجبۇرىيەتنىمۇ ئۆتىگەن ئىكەن، تىجارەتمۇ قىلغان ئىكەن. نۇرغۇن دۆلەتلەرگىمۇ بارغان ئىكەن. ھازىر مانا خەنزۇچە ئۆگىنىۋېتىپتۇ. ئۇ غازى ئەھمەد ئاكا يازغان ئەرەبچە ھۆسنخەتنى بىمالال ئۇقۇپ چىقتى. مەن ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم دىققەت نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم: بويى ئېگىز، ئاق سېرىق، چەبدەس كەلگەن بۇ يىگىت بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن ھېچقانداق پەرىقلەنمەيتتى. بىرلا پەرق، ئۇ بىزنى دۆلەت چېگراسى ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆزبېكستاننىڭ پۇقراسى، بىز جۇڭگونىڭ پۇقراسى. ئۇ ئايروپلان بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئىككى سەئەتتىلا بارغىلى بولىدىغان تاشكەنتتە ، بىز بولساق ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتىمىز. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا بىمالال پاراڭلاشتىم. ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى شۇنچە كەڭ ھەم تەمكىن ئىدى. بىزدىمۇ مۇشۇنداق ياشلار بار، بىراق بەك ئاز؛ بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئوقۇش مۇھىتى ئۇلاردىن كۆپ ئۈستۈن، بىراق بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىز تار، ئىرادىمىز بوش؛ بىزنىڭ بالىلىرىمىز كۈندە رېستورانغا بېرىپ، مول نىئمەتلەر بىلەن غىزالىنىپ ناخشا ئېيتىپ، بەزمە ئويناپ تۇرسىمۇ روھى پىچەك ھەم چۈشكۈن كۆرۈنىدۇ، ئۇلار بولسا كىرىمى تۆۋەن ياكى مائاشى يوق، كۈندە ئىككى ۋاق ئاددىي غىزالانسىمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم تياتر ياكى ھەرخىل تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت مۇزېيلىرىغا بېرىشتىن قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى، بىزدە تۆۋەن...بۇ نىمە ئۈچۈن؟
كەچ بولدى. مەن ئۆزۈمچە بەزى يوقىلاڭ خىيالغا پېتىپ قاپتىمەن. مەكتەپ مۇدىرى ھەمراقۇلوف شەۋكەت ئەپەندى ئۆزنامىدىن ھەممىمىزنى كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. مەن تاشكەنتتە يېڭىدىن تونۇشقان ئۇيغۇر يىگىتى خالمۇراتنىڭ ماشىنىسى بىلەن كۆپچىلىككە ئەگىشىپ بىر ھەشەمەتلىك جۇڭگۇچە تاماقخانىغا بېرىپ قالغانلىقىمىزنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. بۇ تاشكەنتلىك بىر ئۇيغۇر يىگىتى ئاچقان، كۆلىمى خېلى چوڭ، خېلى نامى بار بىر تاماقخانا ئىكەن. تاماقخانا ئىچى شۇنچە تىنىچ ھەم پاكىز. كىشىلەر شۇنچە مۇلايىم ھەم ئەدەبلىك. بىز ئايرىمخانىدا پۈتۈنلەي جۇڭگوچە قورۇمىلا بىلەن غىزالاندۇق. باش ئەلچىمىز ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى، كوڭ زى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلار بىر يەردە جەم بولۇپ، كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتۇق. گەنسۇ ۋە شەرىقى شىمالدىن كەلگەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رۇس تىلىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغانلىقىدىن ھەيران قالدىم. ھەمراقۇلوف شەۋكەت ئەپەندى شۇنداق خۇشال ئىدى. ئۇ بەزىدە رۇس تىلىدا، بەزىدە ئۆزبېك تىلىدا سۆزلەپ ئوزىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ قىسقىچە تونۇشتۇردى. بۇكىشى ئىلگىرى ئۆزبېكستاننىڭ ئامېرىكا، رۇسىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىدا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك خىزمەتلەرنىمۇ ئۆتىگەن ئىكەن. جۇڭگونى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىكەن. ئىسلام كەرىموفنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن تاشكەنت كوڭ زى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئاپتۇ. بۇنىڭدىن مەن ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگنىشكە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
تاشكەنت ۋە تاشكەنتتىكى ئۇيغۇرلار
تاشكەنت ئۇزاق يارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەر. ئۇ مىلادىيە 6-ئەسىردىن باشلاپ سودا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگىنى. 1865-يىلى بۇ شەھەردە 70مىڭدەك ئاھالە بار ئىكەن. رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشىدىغان ئاساسىلىق مەركەزگە ئايلىنىپ كېيىن چارروسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان،1867- يىلى تۈركستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي مەركىزىگە ئايلانغان. 1930-يىلدىن باشلاپ ئۆزبېكستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ مەركىزى بولغان. 1991-يىل31-ئاۋغۇسىتتىن باشلاپ مۇستەقىل ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تاشكەنت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئارقا سېپى بولۇپ، ناھايىتى زور رول ئوينىغان. تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە بىرىنچى چوڭ شەھەر ھەم مۇھىم ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتىدە بارغانسېرى دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى خەلقئارالىق سورۇنغىمۇ ئايلىنىپ، بۇ شەھەردە ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكا قىتئەلىرى بويىچە خەلقئارا كىنو بايرىمى، ھەرخىل خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلغان. ھاۋاسى ساپ، مەدەنىيەت، تارىخ يادىكارلىقى مول بۇ شەھەر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇھىم سەيلىگاھىغىمۇ ئايلىنىپ قالغان. كىشىلەر ئەدەبلىك، جەمئىيەت تىنچ بۇ شەھەر ھازىر2 مىليون 300مىڭغا يېقىن ئاھالىسى بار زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. شەھەر بىنالىرى ئۈستىدە «ۋەتەننى سۆيمەك ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر»، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەممىدىن ئۈستۈندۇر» دېگەندەك ئۆزبېك تىلىدا يېزىلغان چوڭ خەتلىك ئېلانلار كۆزۈمگە چېلىقتى ۋە تۆت كوچىلارنىڭ دوقمىشلىرىدا ئاندا-ساندا پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ رەسىمى سىزىلغان چوڭ تەشۋىقات تاختايلارنىمۇ كۆردىم. بۇ ئەلۋەتتە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تاشكەنت ئىدى.
تاشكەنت كونا تاشكەنت، يېڭى تاشكەنت، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىكەن. مەسچىت، قەبىرستانلىق قاتارلىق قەدىمىي ئىزلار ئاساسەن كونا تاشكەنتكە مەركەزلەشكەن. 1966-يىل4-ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتە پۈتۈن شەھەر دېگۈدەك بىر كېچىدىلا خارابىلىققا ئايلىنىپ، 300مېڭ ئادەم ماكانسىز قالغان. قايتىدىن قۇرۇلغان تاشكەنت ياۋرۇپاچە يېڭى بىر شەھەرگە ئايلىنىپ، پۈتۈن شەھەر يېشىل بوستانلىقتىكى بىر باغچىغا ئوخشايدىكەن. گەرچە قىش پەسىلى بولسىمۇ، شەھەر ئىچىنى قاپلىغان قويۇق ئورمانلار، چىملىقلار، كەڭ ۋە ئازادە يوللار كىشىگە يەنىلا باھارنىڭ راھىتىنى بېغىشلاپ تۇراتتى. پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە تاشكەنت شەھىرىدىلا مېترو بار ئىكەن، قاتناش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ، مېترو بىلەنلا پۈتۈن شەھەرنى بىر ئايلىنىپ چىققىلى بولىدىكەن. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تاشكەنت شەھىرىدە يەنە تياترخانا، ھەرخىل مۇزېيلار، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەنھەرىكەت سارايلىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى بىنالار، ئېگىز تۇرالغۇ بىنالار سېلىنغان. قۇرۇلۇشلار ئۆزگىچە چىرايلىق بولۇپ، ئارىلىقتىكى بوشلۇقلارغا باغچا، گۈللۈك، خەلق مەيدانى، فونتان، خاتىرە مۇنار قاتارلىق قۇرۇلۇشلار سېلىنىپ، يېڭى ۋە كونا شەھەر ئارلىقىغا تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 15- ۋە 16-ئەسىرلەرگە تەۋە تارىخىي ئىزلار ۋە ئىمارەتلەرنىڭ كۆپلىكى كشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلار ناھايىتى ياخشى ساقلانغان. ئۆزبېك، رۇس، تاتار، تاجىك، قازاق، قارا قالپاق، قىرغىز، كارىس(چاۋشەن)، تۈركمەن، بېلورۇس، يەھۇدى، فىن، ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق 130 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ ماكاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى %1 كە يەتمىسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق بىر كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل-پاراستىگە تايىنىپ، تاشكەنتنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، تەنتەربىيە، سەھىيە، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى گەۋدىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆزبېك قاتارلىق خەلقلەرئارىسىدا خېلى يۇقىرى ئىناۋەت ۋە ئابرويغا ئىگە بولغان.
تاشكەنتكە چۈشكەن كۈنىدىن باشلاپ، مەن بۇ ماكانغا ۋە بۇيەردە ياشاۋاتقانلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. رەسسام، تەتقىقاتچى، تاكسى شۇپۇرى، تىجارەتچى ۋە دۆلەت مەمۇرلىرى بىلەن تونۇشتۇم. شۇنداقلا بۇ ماكاندا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدا مېھمان بولۇش پۇرسىتىگىمۇ مۇيەسسەر بولدىم. بولۇپمۇ 5-يانۋار كۈنى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دۆلەت گۈزەل سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زيارىتىنى قوبۇل قىلىش سۆھبەت يېغىنىدا مەن بىر تۈركۈم پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن تونۇشتۇم.
ئۆزبېكستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇلتان توختاخۇنوف جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆزبېكستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىدە 2005-يىلى ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئېكىسكۇرسىيىدە بولغان ئىكەن. ئۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ماختىدى ھەمدە ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردە ئۇقۇتۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ، بۇ مىللەتلەر ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىىكى مۇھىم تەدبىرى، دېدى. ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتەنگە بولغان چەكسىز سېغىنىسشى ۋە ھۆرمەت- ئىپتىخارى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن ئىختىيارىسىز ھالدا مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. ئۇلار تېخى يېقىندىلا شىنجاڭنىڭ مۇقام سەنئىتىدىن ھۇزۇرلانغانلىقىنى، خەلقىمىزنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت–سەنئەت مىراسلىرىنىڭ دۇنياغا تونۇلغانلىقىدىن چەكسىز خۇشال بولغانلىقىنى سۆزلەپ، ۋەتەن خەلقىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىپ، گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. « مۇقام بىزنى دۇنياغا تونۇتتى»دەپ، شادلناتتى.
يېڭى يىلغا كىرىش ھارپا كۈنى، مەن غازى ئەھمەد ئاكىنىڭ تەكلىبى بىلەن تاشكەنتلىك بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇم. ئاددىي تۆت قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇراقلاشقان ھۆسەنجان ئىسىملىك بۇ كىشى تاشكەنتتە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىسى ئىكەن. ئۇ ھەم تىجارەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىكەن، ئايالى قىرىم تاتارلىرىدىن بولۇپ ئۆي تائاملىرىغا چاققانلىقى مانا مەن، دەپ تۇرۇپتۇ. ھۆسانجاننىڭ ھەدىسى زېينا خانىم غازى ئەھمەد ئاكىنىڭ كىچىگىدىن بىللە ئوقۇپ چوڭ بولغان، 50-يىللاردا قەشقەردىن تاشكەنتكە بېرىپ، تاشكەنت يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزبېكستاندا ئالىي ئاگرانوم بولغان ئىمىر ھەسەننىڭ ئايالى ئىكەن (ئىمىر ھەسەن بىر يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان). ئۇلار مول نازۇ-نېئمەتلەر بىلەن بىزنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالغاندىن باشقا، غازى ئەھمەد ئاكىغا بىر يۈرۈش زەر نەقىشلىك، زەر جىيەكلىك تون كىيدۈردى. شىنجاڭدىن ئەكەلدۈرگەن ھەر خىل ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل پلاستىنكىلىرىنى قويۇپ بەردى، بىز شوخ ئۇيغۇر ناخشىلىرىغا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىدۇق. شۇ تاپتا مەن ئۆزۈمنى تاشكەنتتە ئەمەس، بەلكى قەشقەر ياكى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغاندەك ھېس قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-،2-قاناللىرىدا بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە پروگراممىلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ كۈندە مۇشۇ قاناللاردىن شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇرچە پرگراممىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىدىن ھەيران بولدىم. ئۇلار مۇشۇ پروگرامما ئارقىلىق شىنجاڭدا بولىۋاتقان كۈندىلىك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدىكەن.
ــــ باشقىلارمۇ سىزلەرگە ئۆخشاش شىنجاڭنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرەلەمدۇ؟
ــــ بىز ئايرىم ئانتېنا ئورناتقان. دۇنيادىكى مۇھىم-مۇھىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ ھەممە پروگراممىسىنى تارتالايدۇ. بىز رۇسچە، ئۆزبېكچە پروگراملارنى كۆرگەندىن باشقا، كۆپرەك شىنجاڭدىن تارقاتقان ئۇيغۇرچە پروگىراممىلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز-دېدى ئۆي ئىگىسى ماڭا.
شۇنىڭدىن كېيىن، بىرقانچە كۈندىن بۇيان مەن غازى ئەھمەد ئاكىنىڭ سايىسىدە ئۇنىڭ قەشقەرلىق يۇرتدىشى، ساۋااقدىشى ۋە تاشكەنتلىك بىر قىسىم ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ ئۆيىدە مېھان بولۇپ، بۇ ماكاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قەدەر كەڭ دائىردە كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدىم.
مەدەت قەھھاروف، ئالمائاتادىن تاشكەنتكە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر رەسسام. ئۇ 1940-يىلى ئالمائاتادا تۇغۇلغان ئىكەن. 1965-يىلى موسكۋا ئالىي بەدىئىي سەنئەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئىزچىل ھالدا رەسساملىق بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپ قېتىم مەمىلىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن. ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە ياۋروپاچە سىزىش ماھارىتى بىلەن ئۆزبېكستاندا «خەلق راسسامى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ پۈتۈن سوۋېتلەر رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۆزبېكستان رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. 70ياشقا ئۇلىشىپ قالغان ئاپئاق ساقاللىق بۇ سەنئەتكار تولىمۇ بەستلىك، ناھايىتى كېلىشكەن ئادەم ئىكەن. ئايالى فىنلاندىيەلىك بولۇپ بىر ئوغلى بار ئىكەن. ئوغلىمۇ رەسسام بولۇپ موسكۋادا تۇرىدىكەن. غازى ئەھمەد ئاكا بىلەن 90-يىللاردا ئۈرۈمچىدە تونۇشقان ئىكەن. ئۇ تولىمۇ سەمىمىي ھەم قىزغىن ئىدى. بىز ئۇنىڭ ئاددىيغىنە ئۆيىدە تائاملانغاچ غازى ئەھمەد ئاكىنىڭ ئىجادىيە ئەھۋالى تۇنۇشتۇرۇلغان رەسىملىك پلاستىنكسىنى كۆردۇق. ئۇ ئانا تىلىدا سۆزلەشنى ئاساسەن ئۇنتۇپ قالغان بولسىمۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاز-تولا چۈشىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە خېلى غول تۇغقانلىرى بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى شۆھرەت زاكىرنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم...
ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز نەگىلا بارسا ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ھۈنەر- كەسپىگە تايىنىپ، شۇ جايدىكىلەردىن قېلىشمىغىدەك ھەتتا يەرلىكلەردىنمۇ ئۈستۈنرەك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن. مەرھۇم ئىمىر ھەسەن تاشكەنتتە ئۆيلىك-ئوچاقلىق بولۇپ ئىككى ئوغۇل، بىر قىز ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان. ئۇزۇن يىل كۆكتاتچىلىق، باغۋەنچىلىك تەتقىتاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ يېتىشتۈرگەن بەرەڭگە (ياڭيۇ) نىڭ تۆت خىل يېڭى سورتى موسكۋا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە ئەللىرىگىچە كېڭەيتىلگەن. بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن مەرھۇمنىڭ ئايالى زېيناخانىم ئاۋال بىزنى ھويلىسىدىكى پارنىككە باشلاپ كىردى. پارنىكنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن ئىككى مو بولۇپ، پۈتۈنلەي زامانىۋى ئۆلچەم بويىچە باشقۇرۇلغان ئىكەن. تاشكەنتنىڭ مائاشى تۆۋەن، مال باھاسى يۇقىرى ئىكەن. 30-40يىل ھۆكۈمەتكە ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ 107مىڭ سوم (80 دوللار) ئەتراپىدا پېنسىيە پۇلى ئالىدىغانىقىنى ئاڭلاپ ئەجەپلەنگەن ئىدىم. بىر نان بىزنىڭ پۇلىمىزغا 5-6يۇەنگە توغرا كېلىدىكەن.
ھاياتلىق ئىزدەش يولىدا ئۇيغۇرلار قۇمدەك چېچىلىپ، ناھايىتى ئۇزاق تارىخ ۋە مۇشكۈلاتلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈنمۇ، نەگىلا بارسا مۈشكۈل ۋە ناچار مۇھىتنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى نامايان قىلغان. تاشكەنت، سەمەرقەند، بۇخارا، خىۋە قاتارلىق جايلاردا، كوچا ۋە بازارلاردا ئاندا-ساندا تىلەمچىلەرگىمۇ ئۇچراپ قالدۇق، بىراق، تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېتىشىچە مەيلى قانداق مۈشكۈلاتلارغا يولۇقسۇن، مەيلى سىبىرىيىگە پالىنىپ كېتىلسىۇن، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىرمۇ تىلەمچى يوق ئىكەن. ئەكسىچە، تاشكەنتنىڭ ئۆزىدە مۇھىم تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەدەنىيەت-سەنئەت تەشكىلاتلىرى، بىناكارلىق، ئاخبارات ئورۇنلىرى، ئارمىيە قاتارلىق ساھەلەردە خېلى كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم. 30مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە پروفېسسور دەرىجىلىك تەتقىقاتچى، ئاكادېمىكلەرنىڭ خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
http://bbs.boztagh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2953 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Nimjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-15 01:32 PM