ئىشەك - مۈشۈكلەر بايرىمى
(مەسەل)
ھەسەنجان ئابدۇراخمان
بۇرۇنقى زاماندا بىر قۇرۇپ كەتكەن ئورمانلىقتا بىر توپ ھايۋانلار ياشايدىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ ئورمانلارنىڭ ھەممىسى راسا قۇرۇپ قاقشال بولۇشقا باشلاپتۇ. ئورمانلىقنىڭ پادىشاھى ئىشەك، ئەھۋالنىڭ بارغانسىرى يامانلىشىپ كەنكەنلىكىگە ئۆكۈنۈپ، ئايالى خانىش مۈشۈككە زارلىنىپ دەپتۇ:
ـــــ خوتۇن، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ بۇ ئورمانلىقتىن يەنە بىر ئورمانلىققا كۆچۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ بەش كۈن كېتەر، بەش كۈنگىچە قانداق ياشايمىز؟
ـــــ ئەنسىرىمەڭ ئىشەك ئالىيلىرى، ـــــ دەپتۇ مۈشۈك خانىش ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋالىق بىلەن ئىشەككە ئەركىلەپ تۇرۇپ ـــــ ئەتە كۆپچىلىكنى يىغىپ ئورتاق مەسلىھەتلەشمەيمىزمۇ؟ بۇنىڭغىمۇ ۋايىم يەمسىز؟
ئىشەك بۇگەپنى ئاڭلاپ، مۈشۈك خانىشنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا ئۇقۇپتۇ ۋە ئەتىسىلا سېغىزخان جاكارچىغا كۆپچىلىكنى يىغىشقا بۇيرۇپتۇ.
ئەتتىگەندە ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار پادىشاھى ئىشەكنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يىغىلىپتۇ. ئىشەك كانىيىنى قىرقىۋېتىپ مۇنداق دەپتۇ:
ـــــ ھىم، بۈگۈن بىزنىڭ ئىشەكلەر كالىندارى بويىچە، مۈشۈك يىلىنىڭ بەشىنچىسى، ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى. مەن ھەر قايسىڭلار بىلەن مۇنداق ئىشتا مەسلىھەتلەشمەكچى، يەنى، ھازىر ئورمانلىقىمىز قۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئورۇنلۇق تەكلىپ پىكىرلىرى بولسا، شۇنىڭغا قاراپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلايلى دېگەن، كۆپچىلىك پىكىرلىرىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار!
ـــــ ئىشەك ئالىيلىرى، ـــــ گەپ باشلاپتۇ ھۆپۆپ قانىتىنى قېقىپ ـــــ مېنىڭچە، بىز ئۆزىمىزگە ئەڭ يېقىن بولغان ھېلىقى چوشقىلار ياشايدىغان ئورمانلىققا كۆچۈپ كېتەيلى!
ـــــ ياق، ئۇ جايغا بېرىپ بولالمايمىز. ـــــ دەپتۇ سېغىزخان.
ـــــ ئىشەك ئالىيلىرى ئۆزى بىر نېمە دېسۇن، ـــــ دەپتۇ مۈشۈك ياپىلاق ئىشەككە ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن ـــــ ئىشەك ئالىيلىرى بىلەن ئۇرۇق - تۇققان ئىكەنلىكىمنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر، مەن بۇيەردە تۇققانچىلىقنى دەستە قىلماقچى ئەمەس، لېكىن، يەنىلا ئىشەك ئالىيلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايلى!
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىشەك ھاياجانلىنىپ:
ـــــ توغرا، مۈشۈك ياپىلاق ئىنىم توغرا دەيدۇ. مېنىڭ ئۇ چوشقا ئورمانلىقىغا بېرىش ئۈچۈن ئويلىغان مۇنداق پىلانىم بار، يەنى مەن مۈشۈك خانىشنى قوغداپ ھەممىڭلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭاي، سىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىڭلارغا مانا بىز ئەر - خوتۇنلار كېپىل بولايلى! سېغىزغان ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ سىلەرگە يول كۆرسەتسۇن، ھۆپۆپ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى ئىگىلەپ ماڭسۇن. مانا مۇشۇنداق قىلايلى، ھازىرلا يولغا چىقايلى! ـــــ دەپتۇ ئۆزىنىڭ مۈشۈك خانىشقا ۋاپادار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ.
كۆپچىلىك ‹‹ئىشەك ئالىيلىرى مۈشۈك خانىشقا ناھايىتى كۆيۈمچانكەن، بۇ تەبرىكلىگىدەك ئىش›› دەپ ئىشەكنى ماختىشىپتۇ ۋە چوشقا ئورمانلىقىغا راۋان بوپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن ھايۋانلارنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىرى ئورمانلىققا كىرىپ بوپتۇ، لېكىن، بەزى ھايۋانلار ۋە ئىشەك بىلەن مۈشۈك سەپەر ئۈستىدە ئۆلۈپتۇ. بۇنى سېغىزخاندىن ئاڭلىغان ھايۋانلار، پادىشاھى بىلەن خانىشىغا داغدۇغۇلۇق ھازا ئېچىپتۇ. بۇ ئېچىنىشلىق ھازىنى كۆرگەن چوشقىلار بايرام بولغان ئوخشايدۇ، دەپ ھازىغا قېتىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەريىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى، چوشقىلار ۋە باشقا ھايۋانلار بۇرۇنقى پادىشاھى ئىشەك، خانىشى مۈشۈككە ئاتاپ بايرام ئۆتكۈزۈپتۇ.
ئەسلىدە، ‹‹ئىشەك - مۈشۈكلەر بايرىمى›› مانا مۇشۇ سەۋەبتىن پەيدا بولغانكەن.
مەنبە: ھەسەنجان ئۆز قەلىمى.