يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ياردەملەر
كېرىيەدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم يوليۇرۇق بەردى
2014.02.13 11:11 مەنبە: خەلق تورى
2014- يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاپەت ئەھۋالىغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى. ئاپەت ئەھۋالىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، ئادەم ئۆلۈش، يارلىنىش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مال مۈلۈك زىينىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرىقىنى دەرھال يەتكۈزۇپ ، ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلارنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خادىملارنى تەشكىللەپ ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچۇرغان رايوندىكى ئاممىنىڭ كىيىم-كېچىك، يىمەك - ئىچمىكى، تۇرالغۇ جايىنىڭ بولۇشغا كاپالەتلىك قىلىش، يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونمۇ نۆۋەتتە خەلق ئىشلىرى بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش 3-دەرىجىلىك چاقىرىقى لايىھەسىنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايون، خوتەن ۋىلايىتى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوشۇنى ئاپەت بولغان نەق مەيدانغا يېتىپ باردى، ئاپەتتىكى زىيان ئەھۋالى ھازىر يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئېنىقلىنىۋاتىدۇ .
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە مەركىزى كومىتېت سياسى بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جىددىي يىغىن ئېچىلىپ،ئاپەت ئەھۋالى مەلۇم قىلىندى.خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:دەرھال خەلق ئىشلىرى بويىچە 3 - دەرىجىلىك قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش لازىم.ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ھەرىكەتلىنىپ خادىملارنى ئاپەت بولغان رايونغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى:ناۋادا يارىلانغانلار بولسا ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشنى باش نىشان قىلىش كېرەك.ئاپەتكە ئۇچۇرىغان ئاممىنڭ سوغۇقتا توڭلاپ كەتمەسلىكى، يېمەك-ئىچمىكىنىڭ بولۇشىغا ،داۋالىنىشىغا،تۇرىدىغان جايى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەتتىن ساقلىنىش لازىم. ئازادلىق ئارمىيە،قوراللىق ساقچى قىسىم ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارمۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرىنى تەييارلاش، بۇزۇلغان ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى،مۇناسىۋەرلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
مەنبە: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى
يەر تەۋرەشنىڭ شاھىدلىرى: ئۇ چاغدا قاتتىق قورقۇپ كەتكەن، ھازىر خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق
2014.02.13 12:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن جايدىكى بەزى كىشىلەر بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە، ئۇلار: «شۇ چاغدا قاتتىق قورقۇپ كەتكەنتۇق، ئەمدى خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق، دېيىشكەن. ھازىر كىشىلەر نورمال تۇرمۇش ھالىتىگە كەلدى، ھەممەيلەن ئۆز تىرىكچىلىكىگە ئۆتتى، كەچ كىرىشى بىلەن كوچىدا ئادەم قالمايدىغان بولدى» دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ھەر تەرەپتىن ياردەم كەلدى
2014.02.13 12:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىرىيە ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەشتە 23 يۈرۈش ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 861 يۈرۈش ئۆينىڭ تاملىرى چاك كەتكەن، 386 يۈرۈش قوتان بۇزۇلغان، چوڭ-كىچىك بولۇپ 178 تۇياق مال ئۆلگەن. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكوم-ھۆكۈمەت ھازىرغىچە ئاپەت رايونىغا 80 يۈرۈش چېدىر، ئون توننا ئۇن، 100 تۇڭ سۇماي، 100 قۇر پاختىلىق كىيىم، يوتقان-كۆرپە يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۆيى بۇزۇلغانلار چېدىرلارغا ۋە مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
دەۋر كارخانىچىلار كولۇبىدىكى كارخانىلاردىن شىنجاڭ مەغرىپ سودا چەكلىك شىركىتى مىراس كىيىمچىلىكىدىن پەخىرلىك ئوغلان قەمىردىن ھاجىم ،500000.00يۈەنلىك ماددى بويۇم بىلەن، شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن ئوبۇلھەسەن ئەپەندى ،شىنجاڭ تەلبا كىيىمچىلىكىدىن ئابلەت تەلبا ئەپەندى ،شىنجاڭ ئەجرىم بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ،يادىكار چايچىلىقى ،شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ،قايدۇ شىركىتى ،ئەل سۆيگەن سەنئەتكار مۇھەممەتجان روزى سايىتلار ئۇن گۈرۈچ قاتارلىق خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ماددى بۇيۇم يېمەك ئىچمەك بىلەن ئاپەت رايونىغا ئاتلاندى!
بىلىپ ساخاۋات كوللىكتىپ قۇرغۇچىسى ئادىلجاندىن بىلىشىمىزچە ،ئادىلجان 50 مىڭ يۇەن نەق پۇل 500 يۇرۇش يوتقان كورپە، 500 جۇۋا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئاپەت رايۇنىغا يولغا چىققان ، بۇگۈن كەچتە ئاپەت رايۇنىغا بېرىپ بولىدىكەن.
يەنە باشقا ياردەملەر داۋاملىق توپلىنىۋېتىپتۇ...
ئازادلىق ئارمىيە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا نان ئاپىرىپ بەردى(1)
2014.02.13 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسىدا 12-فېۋرال 7.3 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، لەنجۇ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك پارتكوم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قىسىمدىن ئاپەت ئەھۋالىدىن تېزدىن خەۋەردار بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىپ، بىر بۇيرۇق بىلەنلا تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
|
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى ياردەمگە جىددىي ئورۇنلاشتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانى سائەت 21:00لەر ئەتراپىدا خوتەنگە يېتىپ بارغان، بۇ ئىككىنچى تۈركۈمدە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بارغان خادىملار.ئىككىنچى تۈركۈمدە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بارغان خادىملار شىنجاڭ جىددىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى، ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى خىزمەتچىلىرى ۋە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ، 20دىن ئاشىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى |
| شىنجاڭ قەشقەر ۋە خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ خوتەندىن قارىقاشقىچە بولغان ئارىلىقى ۋاقتىنچە قامال قىلىنغاندىن كېيىن ئېچىۋېتىلدى
2014.02.13 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 12-فېۋرال سائەت 17:19 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 36.1 گىرادوس، شەرىقى ئۇزۇنلۇق 85.5 گىرادوس بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 12 مىڭ مېتىر.
يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ خوتەن پويىز ۋوگزالىدا تەۋرەش سىزىمى كۈچلۈك بولغان. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى دەرھال جىددىي لايىھەنى يولغا قويۇپ، قەشقەر ۋە خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ خوتەن بېكىتىدىن قارىقاش بېكىتىگىچە بولغان ئارىلىقىنى ۋاقتىنچە قامال قىلغان، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە يولغا چىققان 5827-قېتىملىق نۆۋەتلىك پويىز قارىقاش بېكىتىدە ۋاقىتلىق توختىتىلغان.
تۆمۈر يول خادىملىرى قامال قىلىنغان لىنىيە، كۆۋرۈك ــ تونېل،سېگنال ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە تەكشۈرگەن. تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈش شارائىتىغا ياخشى ماس كېلىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن سائەت 18:52 مىنۇت ئۆتكەندە، قامال قىلىنغان لىنىيەلەردە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
مەنبە: http://bbs.izdinix.com/thread-57200-1-1.html
تور دۇنياسى
| |
|
|
|
|
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-14 03:01 PM