|
|
|
|
ئاپەت رايونىغا بارغان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى خەۋەر قىلىدۇ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، بۈگۈن بىز ئۇيغۇر تورلىرىغا ۋاكالىتەن مىسرانىم ،ئانا تۇپراق تور بېكىتىنىڭ مەسئۇللىرى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ سالىمىنى ،مېھىر مۇھەببىتىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان كېرىيە خەلقىگە يەتكۈزۈش ۋە ئاپەت رايونىدىن نەق مەيدان خەۋەرلەرنى بېرىش ئۈچۈن خوتەنگە كەلدۇق ،، يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار ،مىكروخەت ۋە تور بېكەتلەردە ئۇيغۇرلىرىمىزدىن ۋايساش ۋە رەنجىشلەر كۆپ بولۇپ كەتكەن ئىدى، بۈگۈن بىز خوتەنگە كەلگىنىمىزدە ئۆز خەلقىدىن ئېلىپ ئۆز خەلقىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراش تەييارلىق قىلىۋاتقان كارخانىچىلىرىمىزنى كۆرۈپ ھاياجاندىن قەلبىمىز ھاياجاندىن تىترىدى،
بىز ھازىر خوتەن شەھىرى ئابىدە يېمەكلىك شىركىتىدە تۇرۇپ خەۋەر بېرىۋاتىمىز، ئىگەللىگىنىمىزدە ،ئۇيغۇر كارخانىچىلاردىن مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى ، مىراس كىيىمچىلىكى ،ئابىدە شىركىتى ، تەلبا مەكتىپى ،ئەجرىم شىركىتى ،يادىكار چايچىلىقى ،ساداقەت شىركىتى ،قايدۇ شىركىتى قاتارلىق يەنە بىز بىلىپ بولالمىغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر كارخانىچىلار 20 توننا ئۇن ،700 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي ئەشيا ،ۋە سانى ئىنىق بولمىغان نەق پۇللارنى ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن خوتەندىكى ئابىدە زاۋۇتىدىن تولۇق تەييارلىق بىلەن يولغا چىقتى ، ئاللاھ خالىسا بىز شارائىتىمىز يار بەرگەن ئاساستا ئاپەت رايونىدىن نەق مەيدان خەۋەرلەرنى بېرىپ تۇرىمىز ،،، دۇنيا مېھىر - مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر،، مىللىي كارخانىچىلىرىمىز تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغاي ، !
باشقا تەپسىلاتلار داۋاملىق كارۋان، چىمبۇلاق ،ئانا تۇپراق ،مىسرانىم شۇنىڭدىك بارلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەردە خەۋەر قىلىنىدۇ ....
|
|
|
|
|
|