yurkimzida يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 12:26 PM 
كىم ئارقىلىق قىلىمىز شۇ ياردەمنى ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
مۇھاببەت ھەققىدە يېزىلغان تېمىلارغا بىرىلگەن باھالارنىڭ كوپلىكىدىن بەت ئۆرۈپ كۆرۈپ بولالماي كۆزلىرىم تېلىپ كىتەتتى . بۈگۈن ماۋۇ قېرىنداشلىرمىزدىن مىھىر-مۇھاببەت، ئادىمىيلىك تەلەپ قىلىدىغان تېمنىڭ باھاسىز قېلۋاتقانلىقىغا بەك ھەيران بولدۇم . قېرىنداشلار ، دۇنيا مىھىر-مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر . خوتەنىدىكى قېرىنداشلىرمىز شۇنچە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچىرىغان بولسىمۇ دەرۋەقە ئاللاھنىڭ قۇدىرىتنىڭ چەكسىزلىكىدىن ، قازا قىلغانلار يوق دىيەرلىككەن . بۇقېتم بىز ھەقىقەتەن چوڭ سىنالدۇق ، بۇ بىزگە بىرىلگەن چوڭ سىناق ، ئەمدىكى مەسىلە بىزنىڭ بۇ ئىشلارغا قانداق پوزىتىسيەدە بۇلىىشمىز، ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار ، ئەگەر شۇ كۈنلەر بىزلەرنىڭ بېشىمزغا كەلگەن بولسا قانداق قىلاتتۇق ؟ ئەلۋەتتە ھېچنىمە قىلالمايمز، پەقەت ئاللاھنىڭ قۇدىرتىگە سېغىنىپ ، قېرىنداشلىرىمىزدىن ياردەم تىلەشتىن باشقىسى قۇلىمىزدىن كەلمەيدۇ . بىز ياردەمنى بەزى «ئاتالمىش» ساخاۋەتچىلەرگە ئىتىرىپ قويمايلى ، تاما-تاما كۆل بۇلار دىگەندەك ئاز -ئازدىن ياردەم قىلىپ چوڭ ئىش قىلالمىساقمۇ شۇ ئاپەت رايۇنىدىكى قېرىنداشلىرمىزنىڭ قەلبىنى ئىللىتالايمىز ؟ بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن كارخانچىلىرىمىزمۇ بارغۇ ؟‹ ئۇلارمۇ ئاللىقاچان مىھىر -مۇھاببەت يەتكۈزۈش سەپىرىگە ئاتلىنى بولدى ......ئاللاھ شۇلارنىڭ ئەجىرنى بەرگەي.......