بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# A6 N; o, y/ y/ y1 v* x7 c) ?) aئىسلام دۆلەتلىرى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى چەكلىدى
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ سودا پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىدە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشى بىلەن ھازىرقى تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن. ئۇلار يىگىت قىزنىڭ مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ پۇل تېپىش مەقسىتىگە يىتىدۇ.
بۇبايرامنىڭ كىلىپ چىقىشى تۇغرىسىدا ھەخىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئىشەنچىلىكرەكى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ۋە دوستلۇق چەمبىرىكىدە تارقىلىپ يۈرگەن پوپنىڭ رىۋايىتى. شۇڭا بۇ يەردە كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمەي.
بۇبايرام مەيلى كىلىپ چىقىشى،خىرىستىيان ۋە كاتولىك دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىقى، بۇ كۈندىكى ئېلىپ بىرىلغان سودىنىڭ دۇرۇس بولمىغانلىقى، ئوغۇل-قىزنىڭنامۇۋاپىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەر جەھەتتىن ئىسلام شەرىئىتىگە ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ بايرامنى ئۆتكۈزشنى چەكلىگەن. مەسلەن: سەئۇدى ئەرەبىستان،سۇدان،پاكىستان،ھىندىستان(مۇسۇلمانلار)،ئىران،مالايسىيە قاتارلىقلار. تۆۋەندە يېقىندا كۆرگەن ئىككى خەۋەرنى سىلەرگەسۇنماقچىمەن. بىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاشق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەنلىكى، يەنە بىرى روسىيەدىكى مۇسۇلمانلار جەمىيىتىنىڭ ئىلان قىلغان ئۇقتۇرىشى.
خەلق تورى 2-ئەيمىڭ 12-كۈنى خەۋىرى : غەربلىكلەرنىڭ ‹ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى › يىتىپ كىلىش ھارپىسىدا ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دىن ساقچىلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى . ئۇلار كوچا كويلارنى ئارىلاپ ، ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلەشكەئىشلىتىلىدىغان قىزىل مەھسۇلاتلارنى ( مەسىلەن : قىزىل ئەتتىرگۈل ، يۈرەك شەكىللىك سوۋغاتلىق بۇيۇم ياكى قىزىل بولاقچا قاتارلىقلار ) قاتتىق تەكشۈردى . سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قانۇنىدا ، بۇ دۆلەتتە ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى چەكلەنگەن .
سەئۇدى ئەرەبىستانى دىن ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە ، ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدىن باشقاكۈندە دۇكانلاردا قىزىل رەڭلىك مەھسۇلاتلار سېتىلسا بولىدىكەن . ئىگىلىنىشچە ،ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى خىرىستىئان دىنى تۈسىنى ئالغان بايرام بولغاچقا ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدەك ئىسلام دىنىغا ئىتقادقىلىدىغان دۆلەتتە چەكلەنگەن . ھازىر سەئۇدى پايتەختى رىياد شەھرىدە قىزىل رەڭلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىزىنىمۇتاپقىلى بولمايدىكەن . بۇنىڭدىن بۇرۇن ،دىن ساقچىلىرى گېزىتتە بايانات ئېلان قىلىپ ، سودىگەرلەرنىڭ ‹ ئۆزىنى بىلىشى › نى ئەسكەرتكەن .
مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىچە ، ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ياشلارنى خۇنۈقلەشتۈرىدىغان‹مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى › ، شۇڭا چوقۇم چەكلەش كېرەك . لېكىن بەزى ئوتتۇرا شەرق ئىسلام دۆلەتلىرى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارمىغان . بەزى قىززىققان ياشلار بۇ ئىش توغرۇلۇق خۇدۇكسىرىشى يوقلۇقىنى ، ئۆتكۈزۈپ بېقىشنىڭ ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
يەنەبىر خەۋەر :
دېڭىزقولتۇقى ۋاقىت گېزىتى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى موسكۇۋا خەۋىرى : مۇسۇلمانلارجەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇرتلىرىغا ، ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى چەكلەش كېرەك، چۈنكى بۇ بايرام مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى چىرىتىدۇ دەپ چاقىرىق قىلدى .
سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن ، روسىيەلىكلەر غەربلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋەتۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىغان ، توغاننى بۆسكەن كەلكۈندەك ، ئىشقىلىپ غەربنىڭ بايراملىرى بولامدۇ ھەممىنى قارا قويۇق قوبۇل قىلىۋالغان . ياشلار بۇ قاراشنىڭ ‹ ھۇجۇمچى › لىق رولىنى ئويناپ ، قاتتىق موداقوغلاشقان . مەسىلەن : ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى . لېكىن روسىيە ھۆكۈمىتى بۇبايرامنى ئېتراپ قىلمايدۇ .مۇسۇلمانلار رەھبەرلىرى مۇسۇلمان ياشلارغا ، مەنىۋى مەدەنىيەت تېمى ھاسىل قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ، بۈگۈنكىدەك ئىدىيەقالايمىقانلاشقان دەۋردە ، ئىسلام روھى ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىپ ، يۈكسەك مىللى ئاڭنى ساقلاپ ، مەينەتچىلىكنى يۇقتۇرۋالماسلىققا چاقىرىق قىلغان .
سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ، ئاھالىلەر تۇرمۇشى قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا ، ئىشچى دېھقان ئاممىسى ئەزەلدىن بۇنداق بايرامنىڭ بارلىقىنى بارلىقىنى بىلمەيتتى ، لېكىن بۈگۈنكى غەرب مەدەنىيىتىنى بىر – بىرسىدىن قىزغىنغان ھالدا دوراپ ۋە ئۈگۈنۈۋاتقان روسىيەجەمئىيىتىدە ، ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى بىر قىزىقارلىق ئاەتتىكىچە بايرام ھېسابلىنىدۇ . سودىگەرلەر ياشلارنىڭ غەرىپكە چوقۇنۇش، قارىغۇلارچە قوغلىشىش ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئىككىنجى ئايدىن كىيىنلا دۇككانلرىغا ھەرخىل ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىلىق تاۋارلارنى كىرگۈزىدۇ. مەسلەن: شاكىلات، گۈل،زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى، سوغاتلىق بويۇملار دىگەندەك. بۇلارنىڭ كۆلىمى ھەتتا غەرپ دۆلەتلىرىدىنمۇ ئېشىپ كىتىدۇ.
2008-يىلى روسىيە زۇڭتۇڭى مىدىۋىدىۋنىڭ ئايالى سىۋىترىنا يېڭى بىر بايرامنى يەنى ئائىلەمۇھاببىتى ۋە ساداقەت بايرىمىنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق غەرپنىڭ مەدەنىيەتتاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ روسىيە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇشنى ئۈمۈدقىلغان. لىكىن روسىيە جەمىئىيىتى بۇنىڭغا ئىنتايىن پاسسىپ مۇئامىلە قىلغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% K# S% e4 W: [ E' P9 D. ^% k- }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ s( U" m: J, y: A بۈگۈنكى تەرجىمە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن ئەمدى مەن بىر ئىككى ئېغىز سۆز قاتاي.
بۇيەردىكى بىر مەسىلە ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدۇ، يەنى روسىيە جەمىيىتىنىڭ بۈگۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ غەرپلىكلەر بۈگۈن ئۆزىنىڭ بايرىمىنىڭ روسىيەدە ئۆزىدىكىدىنمۇ بەك قارشى ئېلنىشقا ئۇچرىغىنىغا كۈلگەن بولسا ئەتەبىزنىڭكىگە كۈلىشى مۇمكىن. بىردەملىك خۇشاللىق ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزلىكىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى! بۇ بايرامنى ئۆتكۈزمىگەنگە بىر يېرىمىز بىرقانداق بولۇپقالمايدۇ، لىكىن ئۆتكۈزسەك قىيامەتتە بىر يېرىمىز راسلا بىر قانداق بولىشى مۇمكىن.
تەرجىمە سالونىمىزغا ئىسلامى مەزمۇنلار، قىززىق نۇقتا خەۋەرلەر، كىنو خەۋەرلىرى، جەمىيەت خەۋەرلىرى ۋە پارولنىڭ ئىجادىي يۇمۇرلىرى يوللىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! سالونىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ياخشى مەزمۇنلاردىن بەھىرلىنىشى ئۈچۈن سالونىمىزنى دوستلىرىڭىزغاتەۋسىيە قىلىڭ ۋە مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! P% T. R4 @& e6 Yمەنبەسى تەرجىمە سالونى
سالون ئىزدەش نۇمۇرى:uytarjima
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( s* u; c, u) a% `! I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 W3 i s8 N" N! B: P2 e) r بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udun123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-14 11:39 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ A) R8 E3 B, t/ B) fبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 W( f1 I1 u& E' E9 y