 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار, ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۈندىدار ۋە قۇلايخەت ھەۋەسكارلىرى, بىز ئۇزاقتىن بىرى 微信 نى ئۈندىدار, 易信 نى قۇلايخەت دەپ ئاتاپ كەلگەنتۇق. لىكىن بۇگۈن ئۇلارنىڭ باشقىچە نام بىلەن ئاتالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. شۇڭا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازدىم.
مەن يېقىندا ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنى ئۇيغۇر سوفىت ئۈندىدار لۇغىتىنى قۇشۇش باھانىسىدا ئۈندىدارىمغا قۇشۇۋالغانتىم. بۈگۈن ئالىمكام ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىگە << ئالدىنقى ھەپتە ئۈندىدار سۇپىمىزدا بىرلىككە كېلىنگەن ئاتالغۇلار, بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىگە قوشۇلدى. پات يېقىندا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىگە قوشۇلماقچى, شۇڭا ئۇستازلارنىڭ يەنە بىر كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن >> دىگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يوللاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن قانداق سۆزلەردۇ دەپ قارىسام ئۇلارنىڭ ئارىسدا ئۈندىدار ۋە قۇلايخەت بار ئىكەن , لىكىن ئۇلارنىڭ ئىسمى ئۆزگىرىپ , ئۈندىدار (微信)تېڭشۈن ئۈندىدارى, قۇلايخەت (易信)ۋاڭيى ئۈندىدارى دەپ تۇرىدۇ, شۇنىڭ بىلەن پىكىر يازىدىغان يىرىگە << بىز 易信 نى قۇلايخەت دەپ ئاتىغانتىققۇ دەپ سۆز قالدۇرۇپ قويدۇم كىيىن ئالىمكام جاۋاب خەت يېزىپ 易信 دىكى 易 دىگەن خەت 容易 دىكى 易 ئەمەس, ئۇ دىتال ۋاڭيى شىركىتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان يەنە بىر ئۈندىدار دەپ خەت قالدۇرۇپتۇ. مەن بۇنى كۈرۈپ ئالىمكامغا خەت يېزىپ: ئۇنداقتا QQ ۋە باشقا پاراڭلىشىدىغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈندىدار دەمدۇق, تېڭشۈن ئۈندىدارى, ۋاڭيى ئۈندىدارى دىسە بىر خىل قۇلايسىز تۇيۇلدىكەن دىسەم ئالىمكام ئۈندىدار دىگەن ئىسىم ئورتاق ئىسىم, مەسلەن تارىم دەرياسى, زەرەپشان دەرياسى… دىگەنگە ئوخشاش, چ چ نى بۇرۇن كىشلەر چ چ دەپ ئاتاپ بۇلۇپتۇ, يەنە كىلىپ بۇ مىنىڭلا پىكرىم ئەمەس, تىلچىلار سۇرۇنىدىكى 90 تىلچىلارنىڭ پىكرى. مەن تىلچىلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى كۆۋرۈك دەپ جاۋاب بەردى. مەن سىلەرنىڭمۇ پىكىرىڭلارنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم.
ئۇ ئاتالغۇلار ئۈندىدار لۇغىتىگە قېتىلىپ بۇپتۇ, ئەمدى ئويغۇر سوفت لوغىتىگە قېتىلدىكەن. ئالىمكام ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىگە يوللىغان ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ بېقىڭلار:
ئالدىنقى ھەپتە ئۈندىدار سۇپىمىزدا بىرلىككە كېلىنگەن ئاتالغۇلار, بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىگە قوشۇلدى. پات يېقىندا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىگە قوشۇلماقچى, شۇڭا ئۇستازلارنىڭ يەنە بىر كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن, رەھمەت!
(1)微信
wei xin
تېڭشۈن ئۈندىدارى (تېڭشۈن شىركىتى ياساپ چىققان بىر خىل ئۈندىدار يۇمشاق دېتالى)
(2)易信
yi xin
ۋاڭيى ئۈندىدارى (ۋاڭيى شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگىرافى ياساپ چىققان بىر خىل ئۈندىدار يۇمشاق دېتالى)
(3)80后
80 hou
80-يىللارنىڭ (1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
(4)90后
90 hou
90-يىللارنىڭ (1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)
(5)可穿戴设备
ke chuan dai she bei
تاقالما بويۇم (كىيىم-كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەت, كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان بىر خىل يېڭىچە بويۇم)
(6)靠谱
kao pu
ئىشەنچلىك
(7)屌丝
diao ci
زەكەر, ئارىلىق جىنسىي ئەزا; تەلۈ, كاكاسالتاڭ (ھاقارەت سۆزى)
(8)财付通
cai fu tong
تېڭشۈن چىقىمدانى (تېڭشۈن شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)
(9)牛逼
niu bi
قالتىس, نوچى; دەھشەت; ئاجايىپ يامان, كۈچتۈڭگۈر
(10)泡妞
pao niu
(قىز-چوكانلارنى) كەلتۈرۈش, قۇشلاش, ئوۋلاش
(11)装逼
zhuang bi
ياسالما; پوچى, قاپاق نوچى (بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىغان كىشىلەر)
(12)傻逼
sha bi
ھاماقەت; كالۋا, دۆت
(13)淡定
dan ding
سالماق; ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش, ئۆزىنى بېسىۋېلىش
(14)机顶盒
ji ding he
TV قۇتىسى (رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگىنالىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ, ئادەتتە تېلېۋىزورنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ)
(15)汉考民
han kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار; مىللىي تىللىق ئوقۇغان خەنزۇلار
(16)民考汉
min kao han
خەنزۇچە ئوقۇغانلار; خەنزۇ تىللىق مىللىيلار
(17)民考民
min kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار; مىللىي تىللىق مىللىيلار
(18)余额宝
yu e bao
ئەلى قالدۇقدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار قالدۇق پۇلىغا ئۆسۈم بېرىش سۇپىسى)
(19)支付宝
zhi fu bao
ئەلى چىقىمدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)
(20)环线快客
Huan xian kuai ke
تېزبۇس (ئايلانما يول تېز ئاپتوبۇسى)
(21)正能量
zheng neng liang
ئىجابىي كۈچ
يۇقىردىكى خەتلەر ئالىمكام دوستلۇق چەمبىركىگە يوللىغان ئۇچۇرلار, سىلەرمۇ باھا بىرىپ بېقىڭلار.
|
 |