شاھمات
مۇھەممەت رىھىم
قارا گەردى چىقتى ئالغا شاھىدىن رۇخسەت ئېلىپ،
بىر قاراپلا يانتەرەپتىن شاھ! دىدى تەھدىت سېلىپ.
بىر بېسىپ ئاق پىچكا شاھقا بەرگەندە جاۋاپ،
شاھ! دىدى گەردى يەنە تەكرار ھۇجۇمغا ئالدىراپ.
تورىدى ئاق پىل چىقىپ قالقان بولۇپ شاھ ئالدىنى،
شۇندا گەردى توپنى كۆزلەپ ئاچتى ئالدام خالتىنى.
گەردى ! دەپ چۇشكەندە ئاق ئات قارىدى ئەتراپىغا،
تاپتى بىر پىنھاننى ئۇ، دەرھال چىكىندى ئارقىغا.
يەنە بىر ئاق ئات چىقىپ،گەردى !دىدى ھەم شاھ !! دىدى،
شاھ قۇتۇلدى بىر بېسىپ ، گەردى يىقىلدى ئاھ !! دىدى.
پىچكىلار نىقتاپ بۇلۇڭغا شاھ !! دىگەچكە قاتمۇ-قات،
توختىماي قىلغان ھۇجۇمدىن شاھ قىسىلىپ بولدى مات.
بۇ ھاياتلىق ئالىمى گوياكى شاھمات تاختىسى ،
زىددىيەتلەر جان تىكىپ ئوينايدىغان جەڭ سەھنىسى.
2014 - يىل 13 - فىۋرال