مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3822|ئىنكاس: 21

تۈرمىدە ئۆگەنگەنلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-2-9
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 11:01:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈرمىدە ئۆگەنگەنلىرىم

(مالكولم ئېكس)

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تەرجىمانلار


مالكولم ئېكس - نېبراسكا شىتاتىنىڭ ئوماخا شەھىرىدە مالكولم لېتتول ئىسمى بىلەن تۇغۇلغان بولۇپ قارا كۈچلەر ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، شۇنداقلا ئافرىقا-ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. تۈرمىدىكى چېغىدا ئۇ قارا مۇسۇلمان بولغان.(1963- يىلى سۈننى مەزھەپكە كىرگەن.)  «تۈرمىدە ئۆگەنگەنلىرىم» ئۇنىڭ «يىلتىز» رومانىنىڭ ئاپتورى ئالېكس خالېي بىلەن بىرلىشىپ يازغان «مالكولم ئېكسنىڭ تەرجىمالى» دىن ئېلىنغان.


        نۇرغۇنلىغان مېنىڭ سۆزلىگىنىمنى ئۆزۈمدىن ياكى تېلېۋىزوردىن ئاڭلىغان ياكى بىرەر يەردىن ئوقۇغانلار مېنى سەككىزىنچى يىللىقتىن خېلىلا ئۆرلەپ كەتكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي مېنىڭ تۈرمىدىكى ئۆگۈنۈشۈم سەۋەبىدىن بولغان.
        مەن ھەممىنى چارلىستون تۈرمىسىدە بېمبى نىڭ بىلىمىگە ھەسەت قىلغاندىن تارتىپ باشلىغان. بېمبى ئۆزى قاتناشقانلا مۇنازىرىنى كونترول قىلىۋالاتتى. مەن ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىشقا ئۇرۇندۇم. لېكىن مەن ئوقۇش ئۈچۈن تاللىغان ھەرقانداق كىتابتا كۆزۈمگە جۇڭگوچىدەك كۆرىنىدىغان، ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغان سۆزلەردىن تۈزۈلمىگەن جۈملىلەر ساناقلىقلا ئىدى. مەن بۇ سۆزلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىنىمدە ھېچقانچىلىك نەرسىنى چۈشىنەلمەي ئاخىرلىشاتتىم. نورفولك تۈرمىسىگە بارغاندىمۇ يەنىلا كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. مېنىڭ كىتاب ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەسلىكىم پۈتۈنلەي مەن ئېرىشكەن ئ‍ىلھاملاندۇرۇشلارسەۋەبىدىن بولدى.
        مەن ئۆزۈم قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئامالنىڭ لۇغەت تېپىپ سۆزلۈك ئۆگىنىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۈنىڭ ئۈستىگە قولدا يېزىشنىمۇ مەشىق قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلاپ يەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېسابلىدىم. لېكىن يەنىلا ئىنتايىن مەيۈسلەندىم. چۈنكى ھەتتا بىرەر قۇر خەتنىمۇ تۈز يازالمىغان ئىدىم. ھەر ئىككىلا مەقسىتىم تەبىي ھالدا مېنى نورفولك تۈرمە مەكتىپىدىن قېرىنداش ۋە دەپتەر سوراتقۇزدى.
        مەن ئىككى كۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ لۇغەتتىكى خەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردۈم. ئەزەلدىن بۇنچىۋالا كۆپ سۆزلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. قەيەردىن باشلاپ ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنىمۇ ئاڭقىرالمىدىم. ئاخىرى ھېچ بولمىغاندا بىرەر ئىشنى بولسىمۇ باشلاشنى مەقسەت قىلىپ لۇغەتنى كۆچۈرۈشكە باشلىدىم.
        ئاستا، ئەستايىدىل ئەمما قوپال بولغان قوليازمام بىلەن لۇغەتنىڭ بىرىنچى بېتىنى چېكىت پەشلىرىگىچە قالدۇرماي كۆچۈردۈم. كۆچۈرۈش ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقتىم سەرپ بولدى. ئاندىن يازغانلىرىمنى تەكرار ھالدا ئۈنلۈك ئوقۇدۇم.
        ئەتىسى ‍ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇ سۆزلەرنى خىيال قىلغىنىمدا ئىچ-ئىچىمدىن ھاياجانلاندىم. پەقەت بىرلا قېتىمدا شۇنچىۋالا كۆپ سۆزلەرنى يېزىۋەتكىنىم ‍ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئىلگىرى دۇنيادا مەۋجۇتلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان سۆزلەرنى يېزىۋەتكىنىمدىن ھاياجانلاندىم. يەنە تېخى ئازراقلا ئويلىنىش بىلەن كۆپلىگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ ئىسىمگە ئالالىدىم. ئىسىمگە ئالالمىغانلىرىمنى قايتىدىن تەكرارلىدىم. قىززىق بولغىنى لۇغەتنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى «ئافرىقا چۈمۈلىخورى»  ھازىرمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. لۇغەتتە ئۇنىڭ سۆرىتى بار ئىدى. ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق ۋە ئۇزۇن قۇلاقلىق كامار كولىغۇچى ئافرىقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋىنى بولۇپ، چۈمۈلىخورغا ئوخشاش ئاق چۈمۈلىلەرنى شىلىمشىق تىلى ئارقىلىق ئوۋلايتتى.   
        مەن ھاياجىنىمدىن لۇغەتنىڭ كىيىنكى بېتىنى ئېچىپ كۆچۈرۈشكە باشلىدىم. بۇ بەتتىنمۇ ئوخشاش ئۈنۈم ھاسىل بولدى. ھەربىر بەتنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ماڭا نۇرغۇن شەخس، ۋەقە ۋە يەر-جايلارغا  ئائىت تارىخى بىلىملەرنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى. چۈنكى لۇغەت  ئەمەلىيەتتە بىر كىچىكلىتىلگەن قامۇس ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى لۇغەتنىڭ «ئا»  قىسمى دەپتىرىمگە تولۇق چۈشۈپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن «ب» قىسمىنى باشلىدىم. مانا بۇ، نەتىجىدە بىر پۈتۈن لوغەتكە ئايلانغان دەپتىرىمنىڭ باشلىنىشى ئىدى. مېنىڭ كۆچۈرۈش سۈرئىتىم مەشىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ غايەت زور دەرىجىدە تېزلىشىپ كەتتى. شۇ تەرىقىدە تاكى باشلىغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقانغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يازغان خەتلىرىم بىرەر مىليونغا يەتتىمىكىن دەيمەن.
        مېنىڭ سۆزلۈكۈمنىڭ كۈچىيىشى مۇقەررەر ئىدى. ھازىر مانا مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم قولۇمغا كىتاب ئېلىپ ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ھالەتتە ئىدىم. ھەرقانداق بىر ئادەم كىتابنى قولىغا ئالغاندا بىر يېڭى دۇنيانىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلسا بولىدۇ. مەن شۇنىڭدىن تارتىپ تۈرمىدىن چىققانغا قەدەر ‍ئۆزۈمنىڭ ھەر بىر مىنۇتىنى كۈتۈپخانىدا ‍ئۆتكۈزمىگەن بولسام كىچىك كارىۋىتىمدا كىتاب ئوقۇپ ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭ كىتابسىز ئۆتكەن بوش ۋاقتىمنى تاپقىلى بولمايتتى. مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ تەلىماتى، ئېللا ۋە رېگىنالد قاتارلىقلارنىڭ يوقلاشلىرى، خەۋەر يەتكۈزۈشلىرى ۋە كىتاب ئوقۇش مېنى ئۆزۈمنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىمنىمۇ ئۇنتۇلدۇرىۋەتكەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆزۈمنى ئەزەلدىن بۇنچىلىك دەرىجىدە ئەركىن ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم.
        تەسەۋۋۇر قىلالىغىنىڭىزدەك، تۈرمىدەك بىر ئۆزگەرتىش تېمىسى كۈچلۈك بولغان جايدا، كىتابقا ئىشتىياق باغلىغۇچىلارنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم كۆتۈرۈلمەيتتى. بۇ يەردىمۇ كۆپ ئوقىغان، بولۇپمۇ نامى بولغان مۇنازىرىچىلەر بار ئىدى. بەزىلىرى ھەتتا تېخى «تىرىك قامۇس» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ ئۇلار بۇ يەرنىڭ مەشھۇرلىرى ئىدى. ئىشقىلىپ، مېنىڭچە ھېچقانداق بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ماڭا بۇ دۇنيانىڭ ئىشىكى ئېچىلغان ۋاقىتتىكىدەك دەرىجىدە بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ.
        مەن كۈتۈپخانىغا قارىغاندا ئۆزۈم ياتىدىغان ئۆيدە كۆپرەك ئوقۇيتتۇم. چۈنكى بۇ يەردە كىتاب ئوقۇپ تونۇلغانلار بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق كىتاب ئارىيەت ئالالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پۈتۈنلەي تىنچ ھالەتتە ‍ئوقۇشنى ياختۇراتتىم.
        ھەر ئاخشىمى بېرىلىپ كىتاب ئوقۇۋاتقاندا سائەت ئوندىكى چىراغ ‍ئۆچۈرۈش مېنى تولىمۇ بىزار قىلاتتى. بۇ تېخى ھەر قېتىم تازا كىرىشىپ كەتكەن بۆلەكنىڭ قات ئوتتۇرىسىغىلا توغرا كېلەتتى.
        تەلىيىمگە مەن ياتقان ‍ئۆينىڭ ئىشىك ئالدى دەل كارىدور چىرىغى بولۇپ، ئۆي ئىچىگە نۇر چۈشۈرۈپ تۇراتتى. كۆزۈمنى تەڭشىۋالساملا بۇ نۇر مېنىڭ كىتابنى كۆرەلىشىمگە يېتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چىراغ ئۆچكەندە كىتابنى يەردىكى نۇرغا توغۇرلاپ ئوقۇشنى داۋام قىلىۋېرەتتىم.
        كۆزەتكۈچى ھەر سائەتتە بىر ياتاقلارنى تەكشۈرەتتى. ئۇنىڭ ئاياق تىۋىشى يىقىنلاشقاندا، ئۇچقاندەك بېرىپ يوتقىنىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ ساختا كۆرىنىش پەيدا قىلاتتىم .كۈزەتكۈچىنىڭ ئايرىلىشى بىلەن يەنە شۇ غۇۋالىق ئارىسىدىكى يورۇقلۇققا ئۆزۈمنى ئاتاتتىم،-دە بۇ گۈزەل دۇنياغا يەنە بىر 58 مىنۇتىمنى تەقدىم قىلاتتىم. قەلبىمدىكى قايناۋاتقان ئىشتىياق مېنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۇرۋېتەتتى. بىر كېچە مانا مۇشۇنداق تەكرارلىنىش ئىچىدە ئۆتەتتى.‏ روھىيىتىمنىڭ تويۇنۇشى جىسمىمنىڭ ھەركۈنكى ئۈچ-تۆت سائەتلا ئۇخلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرەتتى. ئەمما شەھەر كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگىنىمدە ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئاز ئۇخلايتتىم.
        ‏ئالدىمدىكى شۇ سېھىرلىك خەتلەر ماڭا ھەقىقەتەن يېڭى بىر دۇنيانى ئاتا قىلدى. ئۇنى سۆيۈپ باغرىمغا باسقىم كېلىدۇ. تۈرمىدە مەن بۇ سۆيۈملۈك كىتابلارنىڭ ھاياتىمدا غايەت زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھازىر ئويلايمەنكى، كىتاب ئەسلىدە روھىيىتىمنىڭ ئويغاتقۇچىسى ئىكەن ئەمەسمۇ.‏ ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشىم ئۇنۋان قوغلىشىش ئەمەس ئىدى. بەلكى شۇ كىتابلار ئارقىلىق قارا تەنلىكلەر روھىيىتىدىكى زەئىپلىك، گاسلىق ۋە شۇنداقلا قارىغۇلۇققا بولغان سەزگۈرلۈكىمنى ئاشۇرۇش ئىدى. ‏يېقىندا بىر ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى تېلېفوندا مەندىن بىر قانچە سوئال سورىدى. ئۇ مەندىن قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىمنى سورىغاندا مەن ئىككىلەنمەستىن «كىتاب» دەپ جاۋاب بەردىم. سىز مېنىڭ بىرەر مىنۇتۇمنىڭمۇ ئۆگىنىشتىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرەلمەيسىز. چۈنكى بىلىم شۇ زەئىپلىك ئىچىگە پاتقان قارا تەنلىكلەرنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى.
‏        ھەر قېتىم سەپەرگە ماڭغىنىمدا يېنىمغا ئوقۇشنى خالايدىغان كىتابتىن سېلىۋالىمەن. لېكىن مۇشۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىتابلىرىم بەكلا كۆپ. ئەگەردە مەن كۈندە ئاق تەنلىكلەر بىلەن تىركەشمىگەن بولسام ھاياتىمنىڭ ئاخىرىنى كىتابقا بېغىشلىغان بولاتتىم. بۇ پەقەتلا پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا خالاس. چۈنكى سىزنىڭ دېگەن بىر ئېغىز سۆزىڭمۇ مېنى ئەسەبىيلەرچە قىززىقتۇرىۋالالايدۇ. ‏ھېچقانداق بىر كىشى تۈرمىدىن مەن ئېرىشكەنچىلىك زور نەپكە ئېرىشەلمەسمىكىن دەيمەن. ئەمەلىيەتتە تۈرمە ماڭا ئادەتتىن تاشقىرى بولغان قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. بەلكىم ئالىي مەكتەپتە ئوقىغان بولسام بۇنچىۋالا كىرىشىپ كېتىشىم ناتايىن. مەن ئويلايمەنكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى كىشىنىڭ دېققىتىنى ئۇنداق بۇنداق نەرسىلەرگە چېچىۋىتىدۇ. قانداقمۇ بىر جاي تۈرمىگە ئوخشاش مېنىڭ كۈنىگە 15سائەت كىتاب ئوقۇشۇمغا شارائىت يارىتىپ بېرەلىسۇن.


ئېنگىلىزچە ئەسلى مەنبە: malcolm x, prison studies
http://www.google.com/url?sa=t&rct=j&q=&esrc=s&source=web&cd=1&ved=0CCYQFjAA&url=http%3A%2F%2Fwww.sandi.net%2Fsite%2Fhandlers%2Ffiledownload.ashx%3Fmoduleinstanceid%3D21170%26dataid%3D47426%26FileName%3DPrison%2520Studies.doc&ei=6d_8UsmJOcTH0gH5rIG4CQ&usg=AFQjCNG5ZJmmObPpzVp-wKjSbQIFtML-fw&bvm=bv.61190604,d.dmQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjimanlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 11:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 12:37:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    قانداقمۇ بىر جاي تۈرمىگە ئوخشاش مېنىڭ كۈنىگە 15سائەت كىتاب ئوقۇشۇمغا شارائىت يارىتىپ بېرەلىسۇن.

بۇ جۈملە نېمىدېگەن ئاجايىپ.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-2-9
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 12:45:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈركۈم يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 12:37 AM
قانداقمۇ بىر جاي تۈرمىگە ئوخشاش مېنىڭ كۈنىگە 15سائەت  ...

دەھششەت ھاياجانلاندۇرىدۇ ھە.
كۆزىمىزنى يۇمىۋاپ شارائىتتىن زارلانغىچە، كۆزىمىزنى ئاچساقلا بىز يامان بولدى دېگەن ئىشلار باشقىچە ھالەتتە كۆرىنىدۇ. زۇلمەت ئادەمنى ئازابلىغان بىلەن ئۇ بىزنىڭ يورۇقلۇققا بولغان سەزگۈرلىكىمىزنى ئاشۇرىدۇ ئەمەسمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-2-9
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 12:46:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈركۈم يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 12:37 AM
قانداقمۇ بىر جاي تۈرمىگە ئوخشاش مېنىڭ كۈنىگە 15سائەت  ...

دەھششەت ھاياجانلاندۇرىدۇ ھە.
كۆزىمىزنى يۇمىۋاپ شارائىتتىن زارلانغىچە، كۆزىمىزنى ئاچساقلا بىز يامان بولدى دېگەن ئىشلار باشقىچە ھالەتتە كۆرىنىدۇ. زۇلمەت ئادەمنى ئازابلىغان بىلەن ئۇ بىزنىڭ يورۇقلۇققا بولغان سەزگۈرلىكىمىزنى ئاشۇرىدۇ ئەمەسمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 01:09:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىليەتتە      تۈرمىمۇ  بىر   مەكتەپ    ........  ساۋاتسىزلار     ساۋاتلىق   بوپ   قالىدۇ  ..  ھۈنەرسىزلەر    ھۈنەرلىك     بوپ   قالىدۇ   ..............   ھەممىدىن  مۇھىمى       يېڭىدىن  ئادەم  بوپ     چىقىدۇ  

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 01:19:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭدىكى تۈرمىدىن چىققانلارنىڭ ئىچىدە، كونا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار كۆپمۇ ياكى باشقا يول تاپقانلار كۆپمۇ؟مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنىقراق   سىتاستىكا  بارمىدۇ؟

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 02:02:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
unix212 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 01:19 AM
شىنجاڭدىكى تۈرمىدىن چىققانلارنىڭ ئىچىدە، كونا كەسىپ  ...


ئاز  بىر    قىسمى       يەنە  كونا   سەنەمگە   دەسسەيدىكەن  ..   كۆپىنچىسى     ئۆزىنىڭ  بۇرۇنقى   كەسپىنى   ياكى  تۈرمىدە     ئۆگۈنۈپ  چىققان   كەسپىنى  قىلىدىكەن     ۋە  ياكى    بىرەر    تىجارەت  بىلەن   شۇغۇللىنىدىكەن  .  لىكىن  سىتاستىكا   دىسىڭىز     ئۇنى     ئۇقمايدىكەنمەن   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SaBa_002 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 02:03 AM  


يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

شۇنداق بىركۈنلەر كىلدۇكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94868
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 09:23:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتە  تۇنۇشۇمنىڭ ئىچىدە ئىككىسى  ياخشى  يولدا مېڭۋاتدۇ قالغان  بەشى  باشلىنىشتا  ياخشى  ئادەم بۇلۇپ  چىققاندەك  قىلغان  لىكىن ھازىر  يەنىلا  كونا  سەنەمدە  مېڭۋاتدۇ ،يۇقرىسى يەتتە  يىل  تۈۋىنى  بەش يىلدىن  تۇرۇپ  چىققان..
ئۇلۇغ  ئاللاھ  ئۇلارنىڭ  كۆڭلىگە ئىنساپ ،دىلىغا ئمان  بىرىپ قالار  بىر كۈنى....

مەنمۇ  بىر تۇنۇشۇم ئارقىلىق ئىككى ئايدەك ئىشلەپ  قالغانتىم  ،،   ماڭمۇ جەميەتچىلكتە قانداق   يۈرۈشكە،نىمگە دىققەت قىلىش ،نىمنى قىلماسلىقتا   خېلىلا  تەسەللى بوپ قالغانتى،  ئەڭ  ياخشسى غ +ت=غىت    قىسپ ياخشى ياشاپ،،،،
  ئۇنداق يەرلەرگە  كىرىپ قېلىشتن  خۇدا  ساقلىسۇن ئاز  ماي  ياشايلى  

دىل بىرىپ يارسۆيمىگەن،بىلمەيدۇ جانان قەدرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103334
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-2-9
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 01:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكا تۈرمىلىرىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇسۇلمان بولىدىغانلار سانى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قارا تەنلىكلەر ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. شۇ سەۋەپلىك ئامېرىكا تۈرمىلىرىدىكى 20 پېرسەنت مەھبۇس مۇسۇلمان ئىكەن. بۇ سان ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار نىسبىتىدىن 20 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 04:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SaBa_002 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 02:02 AM
ئاز  بىر    قىسمى       يەنە  كونا   سەنەمگە   دەسسەيدىكەن  . ...

رەھمەت...

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش