|
|
|
|
.
Tizen
تىيزىن ھەققىدە :
ئىسىم : Tizen ئاچقۇچى : ئېنتېل ۋە سامسۇڭ تارقاتقان ئورۇن : لىنۇكىس فوندى پىروگىرامما تىل : C/C++ مەركىزى يادىرو : لىنۇكىس
تىيزىن- لىنۇكس بىرلەشمىسىدىكى LiMo Foundation بىلەن Linux Foundation نامىدىكى ئىككى سېستىمىنىڭ بىرلەشمىسى ئاساسىدا ، لىنۇكىس ئەسلى كودلۇق يۇمتال سۇپىسىدىن، ئېنتېلنىڭ مېگو ،سامسۇڭنىڭ لىمو سېستىمىسى بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەن. يانفۇندىن باشقا ئەقلى تېلۋىزور، ماشىنا ، خاتىرە ،تاختا كومپىيوتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئىجىرا بولىدۇ.تېيزىننىڭ ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىسى سامسۇڭ ۋە ئېنتېلدىن تەركىپ تاپقان تېخنىك گۇرۇپپا بىرلەشمىسى(ئىنتايىن چوڭ بىرلەشمە).
Tizen نىڭ بارلىققا كېلىشى :
ئەقلى سېستىمىلىق ئۈسكىنە-ئەسلەھەلەرنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،خۇيپۇ شىركىتى ئۆزىنىڭ web ئوس ناملىق سېستىما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشىتىن توختاتتى،RIM شىركىتىنىڭ پىلەي بوكمۇ جان تالىشىش باسقۇچىدا...نوكىيا بولسا ۋىندوۋسفون بىلەن تەغدىرى پۈتۈن ئۆزگىرىپ كەتكەن بايقۇش..
ئەلۋەتتە، ھىچكىمنىڭ ئايئوئېس بىلەن ئاندىروئىتنىڭ پۈتۈن بازارنى مونوپۇل قىلىپ ئەقلىفۇن كەسپىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشنى خالىمايدۇ ،مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋە خەتەرلىك باسقۇچىدا شىركەت ئىگىدارلىرى يېڭى بىر خىل سېستىمىنىڭ بارلىققا كېلىپ ھازىرقى سېستىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى، ۋە بازاردىن بىر كىشلىك ئورۇن ئېلىپ ئەقلىفۇن كەسپىدە ئۆزگۈرۈش بولىشىنى ئارزۇ قىلىشتى ..يەنە كېلىپ ئېنتېل بىلەن سامسۇڭنىڭ مېگو،بادا ناملىق سېستىمىللىرى مەغلۇپ بولۇش باسقۇچىغا بېرىپ يەتكەنلىكى سەۋەپلىك ئىككى شىركەت تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى. مۇشۇنداق بولغاندا ئىقتىساد ۋە ئادەم بايلىقىنى تىجىگىلى ،كۈچ ۋە ئىقتىساد بىر نۇقتىغا مەركەزلەشكەن ئورتاق يانفۇن دىتال مەركىزى قۇرۇپ كۆلەملەشتۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىلاتتى. خۇۋاشوۋ ۋە خۇڭدانىڭ قوشىلىشى بىلەن تۆت گىگانىت شىركەت بىرلەشكەن Tizen تېخنىكا گۇرۇپ بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن سامسۇڭ 2012-يىلى 2-ئايدا تېيزىننى رەسمۈ تۈردە ئېلان قىلدى.
XDA تاراتقۇسىغا ئاساسلانغاندا ،تېيزىن ناملىق بۇ سېستىما پەقەت يانفۇندىلا ئەمەس، تاختا كومپىيوتېر،ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلۋىزور ۋە ماشىنىلارغىمۇ سەپلەپ ئىشلەتكىنى بولىدىكەن. ياپونىيە تاراتقۇسى MSN Sankei يېقىندا خەۋەر ئېلان قىلىپ ياپونىيەدىكى فۇجىتسۇ ۋە ياپونىيە ئېلىكتىر پاي چەكلىك شىركىتى NEC قاتارلىقلار 2014-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر سېستىمىلىق ئۈسكۈنە ۋە ئەسلەھەلەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ ياپونىيەدە بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئامىرىكا بازىرىغا كىرىش كىرمەسلىكى ھەققىدە ئىنىق مەلۇماتلار يوق.
Tizen نىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە :
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە تىيزىن ئاندىروئىتقا ئوخشاس ئېچىۋېتىلگەن سېستىما بولسىمۇ بىراق ئاچقۇچىلارنى ۋە ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىغان. سەۋەبى ئاندىروئىت ۋە ئايئوئىسنىڭ پۈتۈن ئەقلىفۇن كەسىپ بازىرىنى مونۇپۇل قىلىشى ، تىيزىننىڭ كەلگۈسىگە گۇمان ۋە ئىشەنچىسىزلىك پەيدا قىلغان. يەنە كېلىپ ھازىرقى بازاردا بۇ ئىككىسىدىن سىرت يەنە 10 دىن ئاشىدىغان سېستىمىنىڭ <لەيلەپ> يۈرىشى.بۇنىڭدىن بۇرۇن خۇيپۇ بىلەن نوكىيا ئۆزلىرىىڭ يانفۇن سېستىمىسىدىن ۋاز كېچىشكەن ئىدى.بىراق بۇ پەقەت بىر تەھلىل،نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بازار ئەھۋالىغا قاراپ بىلىشىمىز مۇمكىن.
2-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى تېڭشۈن خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا تىيزىن بىرلەشمىسى سىرتتىن 15 شىركەتنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىلگەن. 15 نەپەر يېڭى قوشۇلغان شىركەتلەر :
AccuWeather、Acrodea、Baidu 、CloudStreet、Cyberlightning、DynAgility、Gamevil、Inside Secure 、Ixonos、Nomovok、Piceasoft、Red Bend Software 、SoftBank Mobile、Sprint、ZTE
تىيزىن بىرلەشمىسى 2013-يىلى رەسمى تۈردە ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىشنى باشلاپ 36 شىركەت ئىگىدارلىرى بىلەن تۇنجى قەدەمدە قۇرۇلغان،بۇ قېتىم دۆلىتىمىز شىركەتلىرىدىن جۇڭشىن ۋە بەيدۇ ئىگىدارلىرى 15 شىركەت تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان..بۇلار ئاساسەن ئويۇن ئىشلەپ تارقاتقۇچىلار، شىركەت ئىگىدارلىرى،كۆچمە يۇمتال تەمىنلەش ۋە باشقۇرۇش بىلەن تەمىنلەش ئىگىدارلىرى قاتارلىقلار..
بازار تەھلىل شىركىتى Strategy Analytics نىڭ قارىشىچە : Tizen نىڭ ئۈمۈدى، چوڭ تىپتىكى ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ پۈتۈن ئەقلىفۇن بازىرىغا ئاندىروئىتنىڭ خوجايىن بولىشىنى چەكلەش ئۈچۈن باشقا سېستىمىنى تالللاش قارارىنىڭ بېكىتىلىپ ،گوگىل تەسىر-دائىرىسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
تىيزىن ئورگان تور بىكىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە:
Tizen نىڭ بارلىققا كىلىشى كۆپ تۈرلۈك ئۈسكىنە سۇپىسى بەرپا قىلىش ۋە ئەسلى كودلۇق سېستىمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ھالىتىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ،ئەقلىفۇن، ئەقلى سېستىمىلىق تېلۋىزور،شەخسى كومپىيوتېر ۋە ماشىنا ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا ياردەم بىلەن تەمىنلەش.
تۈگىدى.
تېمىنى ئۆزۈم تەييارلىغان.
2014-2-13 كۈنى پەيشەنبە (پ م)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Zulpikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-14 01:53 AM
|
|
|
|
|
|