شىنجاڭدا 462600ئادەم توك يوق دەۋىردىن خوشلىشىدۇ
2014-يىل ئچىدە شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ،قەشقەر،قىزىلسۇ،خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت ئوبلاسىتلاردىكى 462600ئادەم توك بولماسلىق دەۋرىدىن خوشلىشىدۇ.
شىنجاڭ شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى،2-ئاينىڭ 11-كۇنى ئېچىلغان 2014-يىللىق ئاپتونۇم رايوننىڭ خەلىق رايى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇش يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، ئاپتونۇم رايونىمىز يەنە بىر تۇركۇم توك ئارقىلىق خەلىققە نەپ يەتكۇزۇش قۇرۇلۇشلىرىنى 2014-يىللىق ئاپتونۇم رايوننىڭ خەلىق رايى قۇرۇلۇشلىرى تۇرىگە كىرگۇزگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشلارغا شىنجاڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى 2مىليارىت 820مىڭ يۇئەن مەبلەغ سېلىپ ،يېزا ئېلىكتىر تورلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۇرۇش ۋە توك يوق رايونلار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ،86تۇرلۇك توك يوق رايونلار ئېلىكتىر قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، 57 ناھىيەدىكى 116300ئائىلە،462600توك ئشلىتەلمىگەن ئادەمنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.
2-ئاينىنىڭ12-كۇنى،مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلىكتىر تورى شىنجاڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتىدىن ئىگەللىشىچە ،بۇ توك ئىشلىتەلمىگەن ئائىلىلەر ئاقسۇ، قەشقەر،قىزىلسۇ،خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت ئوبلاسلارغا تارقالغان بولۇپ،بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق پىلانلاش،لاھىيەلەش خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ بولغان،شۇنداقلا شىمالى شىنجاڭدىن تەجىربىسى مول بولغان قۇرۇلۇش ئەترەتلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ،بۇ قۇرۇلۇشلارغا قاتناشتۇرغان بولۇپ،بۇ يىل ئاخىردىن بۇرۇن ،462600 توك ئشلىتەلمىگەن ئادەمنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن. بۇ خەۋەر بۇ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلىكتىر تورىنى ئۇزارتىش قاپلىنىش دائىرسى ئىچىدىكى ئائىلىلەرگە توك يەتكۇزۇش قۇرۇلۇشنى تاماملايدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۆلەت ئېلىكتىر تورى شىنجاڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:بۇ ئائىلەرگە توك يەتكۇزۇلگەندىن كېيىن،ئۇلار كىچىك تىپتىكى پىششىقلاپ ئىشلەش،ياسىمىچىلىق،ئائىلە ئىگىلىگى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ،كىرىمىنىئ ئاشۇرالايدۇ.
ئىگەللىنىشىچە،2011-يىلىدىن 2013-يىل ئاخىرغىچە،دۆلەت ئېلىكتىر تورى شىنجاڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى يېزىلارنىڭ ئېلىكتىر تورى دەرىجىسىنى ئۆستۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە توك يوق رايونلارنىڭ ئېلىكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا جەمى 10مىليارىت6مىليون880مىڭ يۇئەن مەبلەغ سالغان بولۇپ،شىنجاڭدىكى يېزا ئېلىكتىر تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۇرپ،توك تەمىنلەش ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۇرگەن.توك يوق رايونلار قۇرۇلۇشىنى ئەمىنلەشتۇرۇش جەھەتتە 204تۇرلۇك قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق 157800ئائىلە، 521500 ئادەمىنڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ،جەنۇبى ۋە شىمالى شىنجاڭدىكى 7 ۋىلايەت- ئوبلاسىت تەۋەسىدە ئېلىكتىر تورىنى ئۇزارتىش قاپلىنىش دائىرسى ئىچىدىكى ئائىلىلەرگە توك يەتكۇزۇش قۇرۇلۇشنى تاماملىغان بولۇپ،بۇ ئېلىكتىر تورىنى ئۇزارتىش قاپلىنىش دائىرسى ئىچىدىكى ئومۇمى ئائلە سانىنىڭ %52.2
نى ئىگەللىگەن.
http://news.ts.cn/content/2014-02/13/content_9302387.htm مەنبە:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tokqi123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-13 12:35 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 S2 d4 f5 V+ Y/ |6 j5 \* S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Y. o5 ]/ R6 B4 O9 Z) [