مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1993|ئىنكاس: 17

ئىشقا ئورۇنلىش نىسبىتى %85 تىن ئاشۇرۇلماقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102863
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 01:32:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85 تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ


سىياسەت بوسۇغىسى تۆۋەنلىتىلىپ، رەسمىيەت ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ


   جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.
   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بۇ يىل ئىگىلىك تىكلەش ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىما پۇلى، كەسىپ – تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىما ياردەم پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەشتە بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىپ، بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. مەكتەپ، كارخانا ۋە ئاساسىي قاتلاملاردا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تۇتقا قىلىپ خىزمەتلەرنى نىشانلىق قانات يايدۇرىدۇ.
   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى توقۇلما كىيىم – كېچەك كارخانىلىرى قاتارلىق ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئىش ئورنى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹سىياسەت تۈزۈش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ئىش ئورنى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش›› قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنى ئۇچۇرلىرىنى توپلايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈرى ۋە ئىش ئورنىنى ئالدىن تەۋسىيە قىلىدۇ، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن پەرزەنتلىرىگە خىزمەت ئىزدەش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
   ئاپتونوم رايون بۇ يىل ‹‹مەكتەپ پۈتكۈزۈپ تېخىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى››نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقنى تىزىملىتىشتا ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ ھەم بۇنى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بارلارغا بىرگە بىر مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچتىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەسپ – تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشكە تونۇشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكىسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ ياكى ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەييارلىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ.
   بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، خىزمەتچى ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر، يېزا، ساھە، سالاھىيەت، جىنس قاتارلىق باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق توسالغۇ ۋە كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىپ، ئادىل، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.
   ئىگىلىنىشىچە، 2013 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 73 مىڭ 768 بولۇپ، 2012 – يىلىدىكىدىن 5413 ئادەم كۆپەيگەن. بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 65 مىڭ 243 بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88.44كە يېتىپ، 2012 – يىلىدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن.

                     مەنبە : تەڭرىتاغ  ئۇيغۇرچە  تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alhumar00 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 01:37 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 02:02:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىمۇ    پۇرسەت  بارمۇ  نىمە  ؟

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10918
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2216 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 03:13:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئوقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشماق بىر مەسىلە بۇلۇپ قالدى......... ئوقىغان ئادەم خىزمەتكە ئورۇنلىشىمەن دىمەستىن بەلكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بولىشى كىرەك...... شۇندىلا ئوقىغان ئوقۇشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ...... بەزىلەر  خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىسا بەكلا چۈشكىنلىشىپ كىتىدىكەن......



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 03:57:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەر بىلەن ئەمەلىيەت ئارلاشسا چاقچاق بولىدىكەن!مەن تېخى يالغان گەپ بولىدۇ دەپتىكەنمەن!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5844
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 09:32:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالسا مەنمۇ ئىشقا چىقارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3113 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 10:03:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SaBa_002 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 02:02 AM
ماڭىمۇ    پۇرسەت  بارمۇ  نىمە  ؟

ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىت بار، ھەممىگە پۇرسەت چىقىدۇ، شەرتى شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىش...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 906
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 10:15:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەكە  شۇنداق ئەمىنلەشكچە  10 يىل ئۆتىدۇ ، خىزمەتكە چىقاندىن كىين ئەڭ توۋەن  مائاشدىن بەھرمان بولسىز ،قۇتقۇزۇش پۇلدەك  ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆز ئالدىڭىزغا بىرەر ئىش قىلغنڭىز ياخشى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 10:55:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بىر قۇرۇق سوسكا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 11:51:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
85% ئەمەس %58 ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرسىچۇ ئاۋال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102057
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2014-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 11:53:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆسمۈر چاغلىرىم ئىدى، مەكتەپ مۇدىرى ‹مەكتىپىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى 100:98› دەپ جار سالدى، كىيىن ئۇقسام، مەكتەپنىڭ ئالاھىدە بىر تۈرلۈك پىلانى بار بولۇپ، مەخسۇس ئىككى سىنىپ ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭغا 120 ئوغۇچۇچى ئالىدىكەن، ئوقۇغۇچى كىلىش مەنبەسى بولسا ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتكەن ئەمما بارمىغان، ياكى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا بارغان بولسىمۇ ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى شىنجاڭغا يىنىپ كەلگەن بالىلارنى پۇل ۋە ھەرقانداق ۋەدىلەر بىلەن مۇشۇ سىنىپقا يىغىدىكەن، يەنە بىرگە شەھەر ۋىلايەتتىكى داڭلىق بايلارنىڭ بالىلىرىمۇ مۇشۇ سىنىپقا ئىلىنىدىكەن( چۈنكى بايلار ئالى مەكتەپ ئىنتىھانىدىمۇ بىر ئاماللار بىلەن بالىسىنى ئۇنۋىرستىتلاغا تىقىۋىتىدۇ)   ئۇنىڭدىن سىرىت ئادەتتىكى سىنىپ نامىدا يەنە سىنىپ ئالىدۇ(بۇلار ئوتتۇرا بۇرژانىڭ بالىلىرى، يانچۇق توملاش ۋە مەكتەپ كاپىتالى ئۈچۈن)، بىرەر قۇر پۇل يىغىپ بولغاندىن كىيىن ‹پىلاندىن سىرىت› ئوقۇشقا چىدايدىغان بالىلار بىلەن يەن بىر تۈركۈم بالىلارنى ئىلىپ سىنىپنى ئازايتىپ ئاخىرىدا چىدىغانغا چىقارغان شوئارىنى توۋلايدۇ، باشتىكى شىنجاڭدىكى نەمۇنىلىك ئوقۇغۇچىلار، شىنجاڭبەندىن يانغان ئوقۇغۇچىلار ۋە پومچىك بۇرژانىڭ بالىلىرى يەنىلا يۇقىرى ئالى مەكتەپلەردە %98 پىرسەنىتلىشىپ مەكتەپ يەنە باھالىنىدۇ، ئاھ ئىچكىردە ئوقۇپ ئىنتىھاننى شىنجاڭدا بىرىدىغان بالىلار ۋە بۇرژازىيەنىڭ قالدۇقلىرى ، ئاھ زامان دەپ توۋلايتتۇق، ئەمما مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ساپا يەنىلا بىر تەكشى سىزىقتا، ھەقىقەتنى شۇڭغۇپ كىرگەنلەر چۈشىنىدۇ دىگەن ئىبارىنى كىم ئىيىتقان بولغىيتى ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش