ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى: سۇمۇرغ تورىنىڭ خەۋرىگە كۆرە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جۇڭگونىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى بازارلاردا سۈنئىي ياسالغان ساختا تۇخۇم بايقالغانلىقى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، تورداشلار مىكروبلوگلىرىدا ساختا تۇخۇم سېتىۋالغانلىق كەچمىشلىرىنى بايان قىلغان. ئۇنداقتا بۇ توخۇ كاكىلىمىغان تۇخۇملار نەدىن كەلدى؟ قانداق ياسالدى؟ ئادەم بۇ تۇخۇملارنى يېگەندىن كېيىن قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟ ...
توخۇ كاكىلىمايدىغان تۇخۇم ھەققىدە ئەپسانە
ئەلقىسسە، ئوتتۇرا ئىقلىمدا شۇنداق بىر «ئەپسانىۋى چۆچەك» ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن بولۇپ، بىر خىل تۇخۇم بار بولۇپ، بۇ تۇخۇم توخۇلار كاكىلىغان تۇخۇملاردىن ئەمەس ئىكەن، بەلكى پۈتۈنلەي ئادەملەر تەرىپىدىن سۈنئىي ياسالغان تۇخۇملار ئىكەن. ھازىر بۇ خىل «خىسلەتلىك» تۇخۇملار شەندۇڭ، گۇاڭدوڭ، شەرىقى شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە قاتارلىق جايلاردا جامالىنى كەڭ ئىستېمالچىلارغا زاھىر ئەيلىگەن.
مۇخبىرلار زىيارەت قىلىش داۋامىدا نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ مۇشۇنداق ساختا تۇخۇملارنى سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ھەقتە ئىستېمالچى ۋاڭ خانىم: - بىرقانچە كۈن ئاۋال ئوت-ياش بازىرىدىن تۇخۇم سېتىۋالغان ئىدىم. بۇ تۇخۇملارنى قاچىغا چىقىپ، شۇنچە ئېلەشتۈرسەممۇ ئېقى بىلەن سېرىقى ئۆز ئارا ئارىلاشمىدى. پىشۇرۇپ كۆرۈپ باقاي دەپ، 3-4 مىنۇت سۇدا قايناتقاندىن كېيىن، قارىسام تۇخۇم سېرىقى يەنىلا شۇنداق يۇمشاق، پارچىلىغىلى بولمىدى، رېزىنكىغىلا ئوخشايدىكەن، دېگەن. مانا بۇ شۇ تاپتا ئوتتۇرا ئىقلىمدا كەڭ تارقىلىۋاتقان توخۇ كاكىلىمىغان ساختا تۇخۇم.
ساختا تۇخۇمنىڭ سىرى
دۆلەت سۈپەت نازارەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى 董金狮 نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساختا تۇخۇم ئەمەلىيەتتە خىمىيىلىك ئەشيالاردىن ياكى يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي ياسالغان بولۇپ، بۇ تۇخۇملارنى ھەقىقى كاكىلىغۇچىلار مېكىيان توخۇ بولماستىن، بەلكى پۇل ئۈچۈن ئىنسابىنى يوقاتقان ئىنسانلار ئىكەن.
بۇ خىل تۇخۇمنىڭ ياسىلىش تەننەرخى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، 1 تۇخۇمنىڭ تەننەرقى 1 موغىمۇ يەتمەيدىكەن. مېكىيان كاكىلايدىغان ھەقىقىي تۇخۇملارنىڭ تەننەرخى بولسا 1 تۇخۇمنىڭ 5 مو ئەتراپىدا ئىكەن. 2 مىنۇتتىلا 1 ساختا تۇخۇم ياساپ چىققىلى بولىدىكەن. دەل مۇشۇ مەنپەتنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن بىرقىسىم كىشىلەر ساختا تۇخۇم ياساپ ساتىدىكەن.
ساختا تۇخۇملارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى
ساختا تۇخۇمنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟