ياپراقسىز گۈل
مەن بىر ياپراقسىز گۈل،ياپراق مىنىڭ زىننىتىم ئىدى .بىراق مەن ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالدىم .
شۇڭا مەن ياپراقلىق گۈللەرگە ھەۋەس قىلىمەن .
ئەي سۆيۈملۈك ياپراق !سەن مىنىڭ بارلىقىم ئىدىڭ ، ساڭا شۇنچىلىك ئېرىشكۈم بولسىمۇ رەھىمسىز تەغدىر يەنىلا مېنى سەندىن ئايرىدى . مېنى سەنسىز گۈزەللىكتىن ، شىرىن بەختتىن ، تاتلىق كۈلكىدىن ، مەڭگۈلۈك خۇشاللىقتىن ئايرىدى . سەنسىز يەنە نىمىلەردىن ئايرىلارمەن ؟ لىكىن ئايرىلماسلىققا مەندە نە چارە ؟چۈنكى بۇ كاج تەغدىرنىڭ قىسمىتى ،بۇنىڭدىن ھېچ نەرسە قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس .
مىنىڭ ياپراقسىز ئۆتكەن بۇ كۈنلىرىم خۇددى زىمىستان قىش كۈنلىرىدەك ئۆتمەكتە .سەندىن ئايرىلىپ تۈگىمەس ئازاپقا قالدىم .گەرچە ئۆزۈم ياپيېشىل چىمەنلىكتە تۇرساممۇ ،لىكن كۆڭلۈم ھەرۋاقىت - ھەر زامان دەشت - چۆللۈكتە تۇرغاندەك ئۇسساپ چاڭقاپلا تۇرىمەن .لىكىن ئەپسۇس بۇ ئۇسسۇزلۇقۇمغا شىپا بولىدىغان سۈزۈككىنە مېھىر سۈيىنى نەدىنمۇ تاپارمەن ؟
بۇ گۈلشەندە مەندەك ياپراقسىز گۈلدىن يەنە بارمىدۇ؟كىممۇ مەندەك ياپراقسىز كۆرۈمسىز قۇرۇق ياغاچ گۈل بىلەن دوست بولۇشنى خالىسۇن ؟ئەگەر بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئاداش بولسام ،قانغۇچە مۇڭدىشىپ ، دەرتلىرىمنى تۆكۈپ تازا بىر يىغلىۋالسام ، ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرسەم ، ھازىرقى غېرىپ مىسكىن ھالىتىمدىن مىڭ ياخشى ئەمەسمىدى ؟بىراق مەن مۇشۇنچىلىك بەختتىنمۇ نىسىۋىسىز قالدىم . ھەتتا بىز گۈللەرگە ئاشىق بولۇپ خۇددى پەرۋانىدەك ، ئەتراپىمىزدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان چىرايلىق كۆينەك كىيىپ شوخقىنە ئۇسسۇل ئوينىشىدىغان ، ناز كەرەشمىلىرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئەركىلەيدىغان كىپىنەكلەرمۇ مىنى بۇ خىل بەختنىڭ تەمىنى تېتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويدى. بىرەرسىمۇ يېنىمغا كىلىپ نۇرسىز مەڭزىمگە يىنىككىنە سۆيۈپمۇ قويۇشمىدى.
ھەركۈنى ئالدىراشچىلىقتا ،غوڭۇلدىشىپ ناخشا ئېيتقىنىچە ئۇچۇپ يۈرۈپ ، بىزدىن ئىتەك -ئىتەكلەپ شىرنە يىغىپ كېتىدىغان ھەسەل-ھەرىلىرىمۇ مىنى ئاجىز كىرەكسىز كۆرۈپ ، ئۈستۈمگە بىرەر قېتىم قونۇپمۇ قويمىدى . بۇلارنى ئويلىغىنىمدا قەلبىمدە ئۆزۈمنىڭ تەغدىرىگە قانچىلىك ئېچىنىدىغانلىقىمنى ، قانچىلىك غېرىپسىنىدىغانلىقىمنى ھىچكىم بىلمەيدۇ .
يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا ، باشقىلارنى ئۆز سايە سەيناسىغا باشلايدىغان ئەۋرىشىم بوستان چاچلىق مەجنۇنتاللارغا، ياپيېشىل ئوت-چۆپ دەل-دەرەخلەرنىڭ ،چىملارنىڭ ئۆز يېشىللىقىدىن تەبىئەتكە گۈزەللىك ئاتا قىلىۋاتقىنىغا ، باشقىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن باشلىرىنى قىرقىپ ياساپ قويۇۋاتقانلىقىغا قارىغىنىمدىمۇ ئۆزۈمنى ئويلىسام دىلىمنىڭ قانچىلىك ئازار يەيدىغانلىقىنى ھەم ھېچكىم بىلمەيدۇ .
مەن نىمىدىگەن شور پىشانە .ئۆزۈم بىر گۈل تۇرۇپ ،كىپىنەكلەرنىڭ ئەركىلەپ تۇرۇپ مەڭزىمگە سۆيۈش پۇرسىتىدىن ،ھەسەل-ھەرىلىرىنىڭ مەن بىلەن پىچىرلاشقان ھالدا مەندىن شىرنە يىغىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالسام ،يەنە تېخى شامالدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن مەجنۇنتاللارغا قاراپ ، بوينۇمنى قىسقان پېتى ھەۋەس قىلىشتىن باشقىنى بىلمىسەم بۇ نىمىدىگەن بىچارىلىك ؟ئەسلى مەنمۇ ياپراقلىرىم بىلەن گۈزەل تۈسكە كىرىپ كىپىنەك ۋە ھەسەل - ھەرىلىرى بىلەن دوست بولسام ،پىچىرلىشىپ قانمىسام،پورەكلەپ ئېچىلىپ تەبىئەت ئانىغا خۇشپۇراق چاچالىسام بولاتتىغۇ ؟
ئەي سۆيۈملۈك ياپراق !مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ سەنسىز تارتقان ئازاپلىرىم . مەن ھەر قېتىم ئاشۇ ياپيېشىل ئوت-چۆپ دەل-دەرەخلەرنى ياپيېشىل مەجنۇنتاللارنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈمنى بۇ تۇپراققا ئارتۇقچە ئۆسۈپ قالغاندەك ،ھىچقاندەك قىممىتىم يوقتەك ئويلاپ ئازاپلىنىپ كېتىمەن .چۈنكى ئۇلاردا ياپراق بار ، لىكىن مەندە يوق . ئۇلاردا يېشىللىق بار ، لىكىن مەندە يوق . ئۇلاردا دوست بار ، لىكىن مەندە يوق . ئۇلاردا كۈلكە بار ، لىكىن مەندە يوق . ....مەن مەڭگۈ ياپراقسىز قالارمەنمۇ ؟مەڭگۈ مۇشۇنداق زۇلمەت ئىچىدە ئۆتەرمەنمۇ؟
مۆجىزە!....شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ مەن تۇيۇقسىز يالىڭاچلىنىپ قالغان ياپراقسىز دەرەخنى كۆردۈم .ھەيرانلىقىمدا كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . :<<توۋا ھېلىقى بىر چاغلاردىكى ئەۋرىشىم مەجنۇنتاللارمۇ ياپيېشىل ئوت-چۆپ دەل-دەرەخلەرمۇ ھەممىسى شۇنداق ھارغىن مىسكىن قىياپەتتە تۇرىدىغۇ ؟ھېلىقى شوخ ئۇسسۇلچى كىپىنەكلەرمۇ ،ئىشچان ھەسەل -ھەرىلىرىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ ؟>>دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە. ھازىر مەن خۇددى تۇپراققا يېڭىدىنلا ئۆسۈپ چىققاندەك شۇنداق خۇشال . چۈنكى ھازىر ياپراقسىز قالغان نەرسە يالغۇز مەنلا ئەمەسكەنمەن . قەلبىم شۇ تاپتا چەكسىز خۇشاللىق ئىلكىدە . لىكىن ئۇلارچۇ؟ ئۇلار شۇنچىلىك غەمكىن ، ئەسلىدە بۇ بىر قانۇنىيەت ئىكەن ، كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدىكەن ،يىغلىغانلار يىغلاۋەرمەيدىكەن. شۇڭا مەن ھازىرقى خۇشاللىقىمدا ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويماسلىقىم كىرەك.چۈنكى بۇ خۇشاللىقمۇ ماڭا مەڭگۈلۈك ئەمەس . مەن ئەينى چاغدىكى غېرىپ، يىگانە ،غەمكىن چاغلىرىمنى ئويلىشىم كىرەك . خۇشال بولغاندا ئىلگىرىكى خاپىلىقلىرىمنى ، كۈلگىنىمدە يىغلىغانلىرىمنى ئەسكە ئېلىشىم كىرەك . ئۇنداقتا مەن چاپسان ئۇلارنىڭ يېنىغا باراي ، ئۇلارغا تەسەللى بېرەي . ئۇلارنىڭ غەم-قايغۇدىن قۇتۇلىشىغا ،زىمىستاندىكى مۇزلىغان قەلبىنى باھارنىڭ ئۇمىت - ئارزۇلىرى بىلەن نۇرلاندۇرۇشىغا ياردەم قىلاي . گەرچە ئەينى چاغدا مەن ھېچكىمدىن مېھىر سۈيىنى ئىچەلمىگەن بولساممۇ ، لىكىن مەن باشقىلارغا ئىچكۈزەي ، يالغۇز ئۆزۈملا خۇشال يۈرسەم ،بۇنىڭ نىمە لەززىتى ؟باشقىلارمۇ مەن بىلەن بىللە خۇشال بولسۇن
.
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىمدىن-زۇلپىيە ئەھەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆڭلۈم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-13 12:21 AM