|
|
|
|
ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 32- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مىھمان مەيدانىدا شەندۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرى 93- 103 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 24 مەيدان غەلبە قىلىش 8 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن ئىلىپ بىرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىيجىڭ كوماندىسى 102-117 نەتىجە بىلەن سىچۋەن كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاچقا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مەيداندىكى مەغلۇبىيىتى ئىككىنچىلىك ئورنىنىڭ مۇقىملىقىغا ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 29 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 18 نۇمۇر، 11 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 11 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سېنگېلدون 8 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 9 نۇمۇر،3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
شەندۇڭ كوماندىسىدىن جېتىر 33 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى،5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ دىڭ يى يۈخاۋ 19 نومۇر، تاۋ خەنلىن 12 نومۇر، خاۋېي 12 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ، لى جىڭيۈ 11 نۇمۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 14- فېۋرال ساھىپخان مەيداندا جېجىياڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى http://waskitbol.com/forum.php
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-12 11:17 PM
|
|
|
|
|
|