ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
ئادەملىرى مىھماندوست،
ئاياغىدا ئۆلمەس قۇرت،
باغلىرىدا ھەر خىل سورت،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
ئەتراپىدا تاغلىرى،
كەڭرى كەتكەن سايلىرى،
ئۇندا يايلار ماللىرى،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
مەيلى نامرات-بايلىرى،
قاملاشقان ئۆي-جايلىرى،
قىزىپ كېتەر چايلىرى،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
ھۇسۇل ئالار تاشلىقتىن
تەپ تارتمايدۇ باشلىقتىن،
ئۈمۈدى زور پاكلىقتىن،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
دۈم چۈشمەيدۇ راھەتكە،
ھارام پايدا-ئامەتكە،
قورقماي سۆزلەر ناھەقكە،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
دېھقاندىمۇ ساپا بار،
راست سۆزلىسەك جاپا بار،
بىر-بىرسىگە ۋاپادار،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
زىمىنى كۆپ سۈيى ئاز،
خاسلىقى بار كەيپى ساز،
بۇ يۇرتتا يوق بىرمۇ تاز،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
يوق تىلەمچى، دىۋانە،
خەققە قىلۇر ئىئانە،
يىگىتلىرى مەردانە،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
گەپ-سۆزلىرى دان-دانە،
پەن-بىلىمگە پەرۋانە،
چىقماس شوڭا ۋەيرانە،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
تاشتىن-تاشقا سەكرىشىپ،
ئوغلاقلىرى سەمرىشىپ،
ئەركىلەيدۇ مەرىشىپ،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
كۆكسىمىزدە قولىمىز،
تەييار پاخلان-قويىمىز،
مىھمان كەلسە سويىمىز،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
ئەجەپ بەلەن تەمى بار،
چاپىتا دەپ نېنى بار،
ئوران، گۇڭگۈرت كېنى بار،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
«ئېزىتقۇ»دەپ نام ئالدۇق،
بۇ لەقەمدىن تاڭ قالدۇق،
ئەمما ئازماي تۈز ماڭدۇق،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
تاغ ئىچىدە تېغى بار،
سەيلىگاھى-بېغى بار،
ئەنئەنىمىز تېخى بار،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
ئاسمىنىدا گۈلدۈرى،
ئەمما ئازدۇر يامغۇرى،
شوڭا تاتلىق چامغۇرى،
كەلپىن دىگەن شۇنداق يۇرت.
(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-12 05:35 PM