مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4745|ئىنكاس: 27

كىنوخانىدا ) قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ( [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 03:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئادەتتە تاكسى شوپورى ماشىنا ھەيدەيمەن،  مىنىڭ كۈنۈم ئادەم تېشىش ، كىراكەشلىك قىلىش بىلەنلا ئۈتىدۇ، مەن دەم ئالغان ۋاقىتلىرىمدا كىنو كۆرۈشنى ياخشى كۆرمەن . بىر كۈنى ماشىنا ھەيدەشتىن دەم ئېلىپ
بازارغا چىقسام كىنوخانىنىڭ تاملىرىغا ،2014-يىلىدىكى ۋەھىمە دىگەن ئامىركىنىڭ بىر فىلىمىنىڭ ئېلانى چاپلاپ قويۇلۇپتۇ،  مەن ۋوللىۋوتقا قىزىقىدىغان بولغاچقا ، ئامىركىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ياكى فانتازىيەلىك فىلىملىرىنى ياختۇرۇپ كۆرەتتىم،  شۇنىڭ بىلەن بۇ كىنونىڭ بىلىتىنى ئالدىم .  
كىنوخانىغا كىرىپ قارىسام بۇ كىنونى كۆردىغان ئادەم ساناقلىقلا ئىدى ،  بىر نەچچە ئادەم بۇ چوڭ كىنو قويۇش زالىدا خالىغانچە  چېچىلىشىپ ئولتۇراتتى ، مەنمۇ ئادەم ئاز بولغاندىكىن دەپ ئالدىنقى رەتكە بېرىپ    ئولتۇردۇم.
چىراق ئۈچۈرۈلدى ، كىنو باشلاندى ، مەن ئولتۇرغان رەتتە مەندىن باشقا بىرە ئادەم كۆرۈنمەيتى .
كىنودا بىر پويىز كىتۋېتىپ بىر تونىلنىڭ ئىچىگە كىردى، تونىلنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەن  ئېكران قاپقاراڭغۇ بۇلۇپ كەتتى، پويىز تونىلدىن ئۆتۆپ يورۇقلىققا چىقتى ،  شۇنىڭ بىلەن ئېكران ئاستا-ئاستا يورۇشقا باشلىدى،  مەن شۇ ۋاقىتتا ئەتراپىمغا قارسام مەن ئولتۇرغان رەتتە بىر قارا چاچلىق چاچلىرى چۇۋۇلغان بىر قىز ئولتۇرغان ئىدى ،بۇ قانداق ئىش بايا مەن كىرگەندە بۇ رەتتە ئادەم يوق ئىدى  ؟  ئەمدىلىكتە 15 سىكىنوتلىق قاراڭغۇدىن كېيىن بۇ قىز بۇ رەتتە پەيدا بولۇپ قاپتۇ،  بەلكىم بايا كۆرمىگەندىمەن دەپ دېققىتىمنى كىنوغا مەركەزلەشتۈردۈم ، تۇيۇقسىز تېلفۇن سايراپ كەتتى ،  فىلىمنىڭ ئاۋازى بەكمۇ يۇقىرى بولغاچقا سۇخانىغا كىرىپ پاراڭلىشاي دەپ ، سۇخانىغا كىرىشىمگە تېلفۇن توختاپ قالدى،  قارىسام نۇمۇرى باشقىچىلا بىر نۇمۇر ئىدى ، مەن قايتۇرۇپ ئۇردۇم ، ناھايتى ئۇزاقتا بىر ياشانغان بىر كىشى ئالدى، ئاۋازلىرى شۇنچىلىك بوش چىقۋاتاتتى،  
ياخشىمۇ سىز  ؟ سىز كىم بۇلسىز ؟تېلفۇن ئۇرۇپتىكەنسىز؟
ھە سىز تاكسى شوپىرىمۇ ؟ مەن بۇ تېلفۇننى شەرقى شىمال قەبرىستانلىقىدىن ئۇرۋاتىمەن ، دىت-دىت-دىت تېلفۇننى قويۋەتتى .
مەن قايتۇرۇپ ئۇرسام بۇنداق نۇمۇر مەۋجۈت ئەمەس دەپ تۇرۋالدى،  بۇ ئىش بەك غەيرى بىلىندى ، قەبرىستانلىقتىن ماڭا نىم ئۈچۈن تېلفۇن كىلىدۇ ، ئۇ زادى كىم ؟  
بۇ خىياللار كاللامنى چىرمىۋالغاچ ئۆزەمنىڭ قانداق قىلىپ كىنو قويۇش زالىغا كىرىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، زالدا ھېلىقى قىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى ،   مىنى بىر خىل سۈرلۈك شۈركىنىش باستى ، مەن قايتىپ چىقىپ ماشىنامنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ،   
ئەتىسى يەنە تاكسىنى ھايداپ كىراكەشلىك قىلغىلى چىقتىم، بىر كۈن كەچكىچە شەھەر ئايلاندىم، كەچ بولغاندا، خەلىق مەيدانىغا كەلگەندە بىرسى ماشىننى توستى ، ماشىنى توختاتتىم ،  ماشىنغا چىقىپ شەرقى شىمال قەبرىستانلىقىغا بارمەن دىدى،
مەن ھە ماقۇل دەپ ، ماشىنى ھەيدىدىم  
بۇ كەچتە قەبرىستانلىققا مېڭىپ قاپسىزغۇ ، ياكى شۇ ئەتراپتا ئولتىرامسىز دەپ سورىدىم،
لېكىن ھېچ بىر سادا يوق،
مەن ئەينەكتىن ئارقىدا ئولتۇرغان ئادەمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەككە قارسام ، ئۇ ئەينەككە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى،
مەن بىر يەردە كۆرگەنلا قىز ........بۇ ھە راس ئۆتكەندىكى كىنوخانىدا كۆرگەن ھېلىقى .....
ئاخىرسىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم،
ماشىنا رولى قۇلىمدا لېكىن قانداق مېڭۋاتقىمنى بىلمەيتىم،  قەبرىستانلىققا كەلدۇق  ،  مەن ماشىننى توختاتتىم،
مىنى ساقلاپ تۇرۇڭ ، ئېلۋالدىغان نەرسەم بار ئىدى ھازىر چىقىمەن دىدى،  مەن ئۇ قىزنىڭ ماشىندىن چۈشىشى بىلەنلا ماشىننى ئوڭلاپ ماڭماقچى بولدۇم،  تۇيۇقسىز ماشىنا ئالدىدا ئۇ قىز پەيدا بولدى ،  مەن سىنى ماڭمىغىن ساقلا دىدىمغۇ دەپ شۇنچىلىك سەت تىكىلىپ تۇراتتى،  
پۇت قوللىرىم غال-غال تىتىرەپ ھە ماقۇل    دىدىم،  
ئايالنىڭ كىرىپ كىتىشى  بىلەن مەن قېچېپ كىتىشنى ئويلىدىم ، ماشىنا ھېچ بىر قوزغالمىدى خۇددى سېھېرلەنگەندەكلا ، تۇيۇقسىز تېلفۇن جىرىڭلىدى ،  ئالدىنقى كۈنىدىكى نۇمۇردىن كەلگەن ئىدى،  
سەن ھېلىقى تاكسى شوپىرى بالا شۇمۇ ؟
ھە مەن شۇ ،
نىم ئۈچۈن بۇ قانخور ئايالنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىسەن ، ؟؟
سىز زادى كىم  ؟ دەپ سورىدىم،
مەن بۇ قەبرىستانغا قارايدىغان بوۋاي، ئاخىرەتلىك ئۇزۇتۇش ئىشلىرى دەپنە قىلىش ئىشلىرىغا مەسئول بۇلىمەن ئەمسە  ئۇ ئايالچۇ ؟
ئۇ ئايال بىر خىل نېرۋا كىسەللىككە گىرىپتار بولغان ئايال بولسا كېرەك ،  بىر ھەپتىدە بىر قېتىم ھەر قېتىمدا كەشلىكى كېلىدۇ ، كەلگىنىدە يىڭى كۆمۈلگەن جەسەتلەرنى كولاپ چىقىرىپ يەيدۇ ،  ئېشىپ قالغىنىنى ئۈيىگە ئېلىپ كىتىدۇ.  ماڭا ھېچكىمگە دىمەسلىكنى ئەگەر دەپ سالسام  مىنى ئۆلتۈرۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان،
بۇ ئايالنى سەن تۇنجى قېتىم 2 ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇ ماشىنا بىلەن كىرا قىلىپ ئېلىپ كەلگەن ،  ھەم شۇ ۋاقىتتا تېلفۇن نۇمۇرىڭنى بۇ قانخور ئايالغا قالدۇرۇپ قويغان ئىدىڭ ، لېكىن  سىنىڭ نۇمۇرىڭنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ مەن سىنىڭ نۇمۇرىڭنى تېپۋېلىپ ساڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى ئىدىم ،
ئاھ ئۇ ئايال ماڭا يېقىنلاپ كىلىشكە باشلىدى، مىنى قۇتقۇزۋالغىن ،  دىت-دىت-دىت   تېلفۇن ئۈزۈلدى
ماشىندىن چۈشۈپ نىملا بولمىسۇن ، ئۇ ئايالنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاتلاندىم ، قاتار كەتكەن قەبرىستانلىق بۇ يېرىم كىچىدە  شۇنچىلىك جىمجىت ئىدى،  غۇۋا چىراق نۇرى بىر كونا ئۆينى سۇز يۇرۇتۇپ تۇراتتى،
ئىشىك قىيا ئۇچۇق بۇلۇپ شۇنچىلىك ۋەھىمىلىك كۆرۈنەتتى، مەن ئاستا قەدەملىرىم بىلەن ئۆينىڭ ئىچىگە كىردىم،  ئۇ ئايال بىر خىلدا بوۋاينىڭ  بىر بېلىكىنى ياۋاتقان ئىدى، بوۋاينىڭ ئىككى كۆزى  ئۇيۋېلىنغان بۇلۇپ  بەك بەتبەشىرە  بولۇپ قالغان ئىدى.
تۇيۇقسىز ئارقامدىن بىر قول مۈرەمنى تۇتتى ،  ئويغۇنۇڭ ئەپەندىم كىنو تۈگۈدى ،  كەچۈرسىز بىز بۇ يەرنى تازلىماقچى ئىدۇق، ھە ئەسلى ئۇخلاپ قاپتىمەندە ،  ئۇف ھەممىسى چۈشۈمكەن .

  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 03:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمانداق پەيزى،،،لېكىن ئاخىرى بەك قىزىقارلىقكەن

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1257 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:15:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا،مەن تېخى داۋامى بار دەپ  قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام،چۈشىڭىزكەن ئەمەسمۇ؟
ھەجەپمۇ بىرخىل ۋەھىمىلىك ئىكەن،بىراق داۋامىنى چۈشەپ باقسىڭىز خېلى قالتىس ۋەقەلىكلەر چىقىدىغان چىراي

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103386
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 438 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:16:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ تاكسى ھەيدەي دىگەن ، بۇ نىيتىمدىن يانسام بۇلىدىغان ئوخشايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100217
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشىڭىزنى يەنە ئۇزۇنراق كۆرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ
               كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۆشىڭىزدىكى  قىزغىمۇ تىلفۇن نۇمىرىڭىزنى دەپ بەرگەندىكىن سىزگە كەلگەن ئاۋارچىلىق ئاز بۇلمايدۇدە  چۆش ئىچىدىمۇ

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:56:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەھشەت چۈش كۆرۈپسىز، بىراق، كۆرمىگەن چۈش ئەمەستۇ ھە! سىزنى قارا بېسىپتۇ!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ياقۇپجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 05:11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن يەنەبىرئۇخلاپ بېقىڭە؟؟؟

ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 05:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەززەپ كۆرىۋېتىپسىزغۇ...

نېمىشقىكىن، مىسرانىدىكى مۇشۇنداق قورقۇنۇشلۇق نەرسىلەرنى ئىزدەپ ئوقۇيدىغان بوپ قالدىم. ماڭىمۇ ...

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103394
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 06:36:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈش دېگەننى ئەسلى سىز كۆرىدىكەنسىز ھە

پۇقرا پۇقرانى ئالدىسا تىجارەت بولىدۇ،پۇقرا دۆلەتنى ئالدىسا جىنايەت بولىدۇ،ھۆكۈمەت پۇقرانى ئا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش