|
|
|
|
ئەگەر ھايات سىنى سەن ياختۇرمايدىغان رېئاللىققا يۇزلەندۈرسەياشاش يۇلىنى تاللىۋال،ھەرگىىزمۇ قاتماللىق قىلىپ تۇرۋالماي پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىكى شارائىتتىن تۇلۇق پايدىلىنىپ كۆزلىگەن مەقسىتىڭگە يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشقىن،بېشىڭغا قانداق ئەلەم كەلسىمۇ كۈلۈپ يۈرگىن ،چۈنكى كۈلكە دۈشمىنىڭگە تاقابۇل تۇرۇشنىڭ ياخشى قورالى بولالايدۇ، پەقەت شۇنداق ئادەملا مەردانە ياشىيالايدۇ.
ئىنسان دۇنياغا ياشىغىلى تۇغۇلمايدۇ،ياراتقىلى تۇغۇلىدۇ. بىر كىسەك ياراتساڭمۇ ئىنسان سەن،بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسان سەن.لىكىن باشقىلارنىڭ ياراتقىنىنى بىكار يېتىپ يەۋەرسەڭ يايرىغان،سەمىرگەن ،نام ئاتاق تاپقان بىلەنمۇ ھايۋان سەن.
ئەگەر ئادەم بالىسى ئۆلسە ئۇنىڭ ئۈچ خىل ئەمىلىدىن باشقا ئەمىلىنىڭ ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالماستىن پايدىسى جارى بۇلۇپ تۇرۇدىغان سەدىقە«مەسچىت،مەدىرسە سېلىش،ۋەخپە قاتارلىقلارغا ئوخشاش خەيرىيەت ئىشلىرى» .ئىككىنچى،خەلىق پايدىلىنىپ تۇرىدىغان ئىلىم(باشقىلارغا ئىلىم ئۈگۈتۈش كىتاپ يىزىپ قالدۇرۇشقا ئوخشاش) .ئۈچۈنچى،ئۈزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇدىغان ياخشى پەرزەنت تەربىيلەپ قۇيۇش .
ئانىلارغا دەيمەنكى:
بالىڭىزغا تۇنجى دەيدىىغان سۈزىڭىز _ اللە بولسۇن. بالىڭىزغا تۇنجى تۇنۇتۇدىغان كىشى_ پەيغەمبەر بولسۇن. بالىڭىزغا تۇنجى ئوقۇتۇدىغان كىتاپ_ قۇرئان كەرىم بولسۇن،بالىڭىزغا تۇنجى بىرىلگەن ئىلىم_ ئىسلام بولسۇن، بالىڭىزغا تۇنجى ئۈگۈتىدىغان دۇئا شۈكۈر بولسۇن.
بامدات نامىزى ئۇقۇمىغان ئادەمنىڭ يۇزىدە نۇر يوق، پىشىن نامىزى ئۇقۇمىغان ئادەمنىڭ رىسقىدا بەركەت يوق، ئەسىر نامىزى ئۇقۇمىغان ئادەمنىڭ جىسمىدا قۇۋەت يوق ،شام نامىزى ئۇقۇمىغان ئادەمنىڭ پەرزەنىتلىرىدە نەتىجە يوق ،خۇفتەن نامىزى .ئۇقۇمىغان ئادەمنىڭ ئۇيقىسىدا راھەت يوق.
مەنبە؛ھىكمەت خاتىرەمدىن
|
|
|
|
|
|
|
|
|