ئىككىنچى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئائىلە – ۋەتەن دېمەكتۇر. ئۇ ھەممىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ماكانى. بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ خاتىرجەم ياشاش، سۆيۈملۈك يۈرەك-پارىلىرىنى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ ھەممىمىز ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان ۋ ەتىرىشىدىغان نىشان. بىراق، ئائىلە ۋە بالىلار تەربىيەسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەربىشىمىزنى قاتۇرۋاتىدۇ ۋە ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىمىز. لېكىن، بۇ مەسىلىنى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى يالغۇز ئويلىنىش ياكى تىرىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلالىشى تولىمۇ مۈشكۈل. بىز مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچى ئۇستازلارنىڭ ئورتاق يىتەكلىشىئارقىلىق گۈزەل مەنزىللەرنى بىلىشنى، شۇنىڭغا يەتكۈزىدىغان راۋان يولنى تىپىشنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇ ۋەجىدىن، كۇتۇبخانىمىز بۇ تەقەززاسىز زۆرۈرىيەت تۈرتكىسىدە، قاتمۇ-قات قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۇنجى قېتىملىك «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمەيىغىنى»نى ئۆتكۈزدى ۋە كۆپچىلىكنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
“بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى” ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دەل دەۋرىمىز زىيالىيلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە ئائىلە مەسىلىسى ۋە ئائىلە تەربىيسىنى چۆرىدەپ يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇلىدىغان ۋەكۆپچىلىك بىلەن مەزكۇر تېما ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئىلمي سورۇن. 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى قېتىملىق “بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى”ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي، ئابدۇۋەلى مۇقىيت، ئەركىن ھاشىم، مىجىت لېتىپ قاتارلىق تەتقىقاتچى،مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇشى ۋە مۇھاكىمە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بىرگە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى بىلەن غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىزدە ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىدى. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن، بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلەمەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزمەكچى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدائىلمىي ماقالە ئوقۇيدىغان ئۇستازلار تۆۋەندىكىچە: (ئىسىملار ئېلىپبە تەرتىپىبويىچە ئېلىندى)
ئانار مۇھەممەد - شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستېتوتىنىڭ پېنسىئونېرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقاتجەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، «بالىلار گېگىينىسىدىن سوئال جاۋابلار»، «ئادەم ئاناتومىيە فىزىئولوگىيسى»، «ئاتا-ئانىلار دەرسلىكى», «جەلىپكار قىز، مۇكەممەل ئايال بولۇشنى خالامسىز» قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى.
ماقالە تېمىسى: پەرزەنت تەربىيسى ۋە ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى
ئاسىيە ھېكىم - شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پسىخىك مەسلىھەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پسىخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى
ماقالە تېمىسى: بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن ئىختىساسلىق بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا
ئايشەم ئەخمەت يۇنۇس - شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتوتى ج خ باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە جوڭگۇ پىسخىكا سەھىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى <سىرداشلاركۇلۇبى> پروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى
ماقالە تېمىسى: نىكاھتىن ئاجرىشىش ھادىسسى كۆپ بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوللىرى
گۈلنار تىيىپ - ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئىدارىسىدىن، «ئاياللىققا قايتىش»، «ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە كېلەچەك»، «قەلب تىۋىشى»، «قەلب زەخمىسىگە كىرىش»، «ئاياللار40ياشتا» (نەشىر قىلىنىش ئالدىدا)، «ئائىلىدىكى مەخپىيەتلىك»(نەشىر قىلىنىش ئالدىدا) قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى.
ماقالە تېمىسى: مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىناق ئائىلە
ھاجى ئاتىكە مىرئەھمەد -قەشقەرمائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ پېنسىئونېرى، ئاپتونوم رايونلۇق چوڭلار مائارىپ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق 7 جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى، «ئەينەك ۋە نۇر»، «ھەج ئەسلىمىلىرى»، «قۇرئان كەرىمدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا»،«يامغۇرلۇق تۈندىكى چاقماقلىق ئويلار» قاتارلىق 28 پارچە ئەدەبىي ئەسلىمە، 37پارچە ماقالە، نەسىرلەر توپلىمى قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، «قەشقەرمېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى.
ماقالە تېمىسى: ئەجدادلارمىراسلىرىنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىمىزدىكى ئۆرنەكلىرى
ئۆتكۈزۈش ۋاقتى: 2014-يىلى3-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە، شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30 دا باشلىنىپ كەچ سائەت5:00 تە ئاياقلىشىدۇ)
ئۆتكۈزۈش ئورنى: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىتىپاق يولى 461-نومۇر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قارشى تەرپىدە)
تىزىملىتىش ھەققى: 300يۈەن، 200 يۈەن، 100 يۈەن
تىزىملىتىش ئۇسۇلى: تېلېفون ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:13999980408، 18999882584
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا svmeyye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-12 12:30 PM