يۇلغۇننىڭ غولى نىمىشقا قىزىل؟
يۇلغۇننىڭ غولى ئەسلىدە كۆك رەڭدە بولۇپ يىلتىزىمۇ بوش ئىكەن.سىياقى كۆرۈمسىز،تىكەنلىك بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى كۆرگەنلا يەردە يۇلۇپ تاشلايدىكەن.شۇڭا كىشىلەر ئۇنى‹‹يۇلغۇن››(يۇلۇپ تاشلىغىن دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان ئىكەن.
بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا غەيرى دىندىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئىمامنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى ئاپتۇ.ئاندىن ئۇنىڭ كاللسىنى پادىشاھىغا سوۋغا قىلىپ ئاپىرىش ئۈچۈن باشنى سانچىشقا زىخ ئىزدەپتۇ.دەرەخ شاخلىرى غەزەپلىنىپ ھىچقايسسى زىخ قىلىپ ياسالسا باشقا ئۆتكىلى ئۇنىماپتۇ.ئۇلار داۋاملىق ئىزدەپ يۇلغۇن غولىدىن زىخ ياساپ سانچىغان ئىكەن ئۇ ئۆتۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەزرىتى ئىمامنىڭ كاللسىنى يۇلغۇن غولىدا ياسالغان زىخقا سانچىپ شاھى قېشىغا ئېلىپ بېرىشىپتۇ.بۇ جەرياندا ئىمامنىڭ قېنى يۇلغۇن غولىغا ساقىپ چۈشكەن بولغاچقا شۇندىن ئېتىبارەن بارلىق يۇلغۇنلارنىڭ غولى قىزىل رەڭگە ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ.
بىر كۈنى جانابى ئاللاھ يۇلغۇندىن بىلىپ تۇرۇپ قەستەن سوراپتۇ:
-ئەي يۇلغۇن،جىمى دەرەخلەردىن زىخ ياسالسا ئىمامنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن قورقۇپ باشقا ئۆتكىلى ئۇنىمىدى.لېكىن سەندىن زىخ ياسىسا رازىلىقىڭ بىلەن ئاسانلا ئۆتتۈڭ،بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟!
-ئەي ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزلىرىمۇ بىلىلا.ئەينى چاغدا ھىچقانداق دەرەخنىڭ شېخى ئىمامنىڭ بېشىغا سانچىلغىلى ئۇنىمغاندىن كېيىن دۈشمەنلەر مەسلىھەت قىلىشتى:‹‹يۇلغۇن غولى چىڭ،ئۇنىڭدىنمۇ زىىخ ياساپ باقايلى،ئەگەر ئۇمۇ باشقا ئۆتمىسە باشنىڭ بۇرنىدىن تۆشۈك ئېچىپ زەنجىر بىلەن باغلاپ ئاتقا سۆرىتىپ ئېلىپ بارايلى!›› مەن بۇ مەسلىھەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىمامنىڭ بېشىنىڭ يەردە سۆرۈلۈپ خار بولماسلىقى،بۇرۇنقى ئازاپلار ئۈستىگە يەنە يېڭى ئازاپ بولماسلىقى ئۈچۈن باشقىلاردەك قىلىشنى خالىمىدىم.شۇڭا ئۇلار مەندىن زىخ ياسىۋىدى باشقا ئۆتتۈم.
ئاللاھتائالا بۇنى ئاڭلاپ:
-نامى يۇلغۇن بولسىمۇ ئاسانلىقچە يۇلۇنمايدىغان مەزمۇت بولسۇن.ياخشى نىيىتى بولسىمۇ دۈشمەنگە ياردەمدە بولغىنى ئۈچۈن چۆل باياۋاننى ماكان تۇتۇپ كۆپىيىپ ئۆسسۇن.ياخشى نىيىتىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن تىكەنلىرى بولمىسۇن،ئادەملەر ئۇنى ئەزىزلەپ ئوتۇن قىلسۇن. قۇرۇغان چاغدا كېسىپ ئات-ئۇلاغلىرىغا ئارتىپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ بېرىپ زىمىستان قىشتا يېقىلغۇ قىلىپ ئىسسىنسۇن.ئادەملەرنىڭ ياىشى كۆرۈدىغان يېقىن ئۈلپىتى بولسۇن!،-دەپ خەيرلىك دۇئا قىلغان ئىكەن.
ئېيتىپ بەرگۈچى:چەرچەن ناھىيە چاۋالدۆڭ كەنتىدىن مەتنىياز بارات.
مەنبەسى:ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى
كومپىيۇتېرغا ئالغۇچى:قابىلجان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 10:58 PM