مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 13

تارىم دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95995
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 06:51:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تارىم دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت





            
            بۇرۇنىسىدا،  كىشىلەر بىر چوڭ دەريا بويىدا ماكانلاشقان ئىكەن.  دەريا سۈيى بۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئەۋلادمۇئەۋلاد سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن،  كىشىلەر بۇ دەريانى ئانىغا ئوخشىتىپ، «ئانا دەريا»دەپ ئاتايدىكەن.
            
            
            بىر يىلى،  ئانا دەريا تۇيۇقسىز قۇرۇپ كېتىپتۇ،  كىشىلەر سۇ ئىزدەپ ئۇياق – بۇياققا چېپىپتۇ،  تارىم ئاتلىق بىر يىگىت قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ چېدىرىغا كېلىپ : « كىشىلەرنىڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مەن جېنىمدىن كېچىپ سۇ ئىزدەشكە رازى»دەپ ئۆتۈنۈپتۇ.  تارىم دادىسى بەرگەن شەمشىرى ۋە ئامراق راۋابىنى ئېلىپ،  ئانا دەريانى بويلاپ ئالتە كۈن يول يۈرۈپتۇ.  ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى قۇملۇققا قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ.
            
            
            پىژ - پىژ ئاپتاپتا تارىم ئۇسساپ،  ھېرىپ كېتىپتۇ.  ئۇ چىنارلىققا كىرىپ دەرەخكە يۆلىنىپ،  ئاستا – ئاستا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.  بۇ چاغدا بىر قۇيۇن تارىمنى ئۇچۇرۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.  ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا،  ئۆزىنى باشقا بىر جايدا كۆرۈپتۇ.  تۇيۇقسىز قاتتىق شامال چىقىپ،  بىر بۇغا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا : « تارىم،  ئۈستۈمگە مىنگىن،  مەن سېنى سۇ بار جايغا باشلاپ باراي »دەپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن تارىم بۇغىغا مىنپتۇ،  بۇغا ئالدىغا قاراپ ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپتۇ.  ناھايىتى ئۇزاق چاپقاندىن كېيىن،  ئۇلار بىر چوڭ تاغنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.  بۇغا تارىمغا :« ئانا دەريانىڭ سۈيى مۇشۇ تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ.
            
            
            يېقىندا تاغ گۆمۈرۈلۈپ،  بىر يوغان تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ سۇنى توسىۋالدى.  سۇنى ئېقىپ چىقسۇن دىسەڭ،  ئۇ تاشنى يۆتكىۋېتىشىڭ كېرەك »دەپتۇ.  بۇغا تارىمغا :« شەمشىرىڭنى مۈڭگۈزۈمگە ئۈچ قېتىم سۈركىسەڭ،  شەمشىرىڭ ئۆتكۈرلىشىدۇ »دەپتۇ.  تارىم شەمشىرىنى بۇغىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۈچ قېتىم سۈركىگەندىن كېيىن،  بۇرۇلۇپلا يوغان تاشنى ئۈچ قېتىم چېپىپتۇ،  « گۈمبۈر »قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ،  يوغان تاش يېرىلىپ،  سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى ئېتىلىپ چىقىپتۇ.  لېكىن،  تارىمنى ئۆڭكۈر يۈتۈۋاپتۇ.  يۇرتداشلار يوغان تاشنىڭ يېرىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ۋە سۇنىڭ ئېتىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،  سۇنى تارىمنىڭ باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ.  ئۇلار تارىمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان راۋابىنىڭ سۇ بىلەن ئېقىپ كەلگەنلىكىنى،  لېكىن تارىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ،  ئىختىيارسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشىپتۇ.  شۇنىڭدىن باشلاپ تارىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كىشىلەر ئانا دەريانى « تارىم دەرياسى» دەپ ئاتىشىدىغان بوپتۇ



    http://eser.okyan.com/eser/uyghur/kilassik/2011/0106/1202.html



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103174
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-2-4
ئاخىرقى: 2014-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:10:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bak yahxi qikiptu

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:12:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل  رىۋايەت  ئىكەن. تارىم ۋە بۇغىلارنىڭ  روھى  مەڭگۈ  چاقنىغۇسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102303
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:21:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل رىۋايەت ئىكەن .

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:59:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 08:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل  رىۋايەت  ئىكەن. تارىم ۋە بۇغىلارنىڭ  روھى  مەڭگۈ  چاقنىغۇسى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20362
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7080
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 09:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىم ئەسلى كىشى ئىسمى ئىكەندە  مەن بۇرۇن بۇ رىۋايەتنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، رەھمەت سىزگە

يامان ئادەم بولماق ئاسان، ياخشى ئادەم بولماق تەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1087
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7344
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1781 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:09:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام تارىم دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئوخشاش، دېگەن قاراش  بار. بۇ قاراش ئەنگلىيەلىك ئالىم ھېنرى يۈلې تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن 2-ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان جۇغراپىيە ئالىمى كلاۋدىئۇس پتولېمىنىڭ «جۇغراپىيە تەزكىرىسى» دېگەن كىتابىدا خاتىرىلەنگەن ئويغارداس (Oikhardais) دېگەن سۆزنىڭ تەھلىلىدىن كەلگەن، ھېنرى يۈلې ئويغارداس دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ دەل ئۆزى، ھالبۇكى ئويغارداسلار «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەتنىڭ دەل ئۆزى، دەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nimjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 11:12 PM  


ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۇر

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84083
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 03:45:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرھات-شېرىنغا ئوخشاپ قالامدۇ نېمە، پەرھاتمۇ مۇشۇنداق قىلىدىغۇ دەيمەن

بىر «لۈكچەك» نىڭ مۇھەببىتى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش