قانداق قىلغاندا ياخشى بىر تەرجىمان بولغىلى بولىدۇ؟
ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تەرجىمانلار
تەرجىمانلىق يۇقىرى قابىلىيەت تەلەپ قىلىدىغان، ھوسۇللۇق ۋە مەمنۇنارلىق كەسىپ. لېكىن قانداق قىلغاندا بىر ياخشى تەرجىمان بولغىلى بولىدۇ؟ تەجرىبىلىك تەرجىمان لاننا كاستىللانو تەرجىمانلار ھاياتىنى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلەيدۇ:
«بىزنىڭ كەسپىمىز بىلىم ۋە تەجرىبىنى ئاساس قىلغان. ئۇ ھەرقانداق بىر كەسىپتىنمۇ ئۇزۇن ئۆگىنىشنى باسقۇچىنى تەلەپ قىلىدۇ. 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۈنۈم ياراتقىلى، 50 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ.
كەسپى ھاياتنىڭ بىرىنچى باسقۇچى - ئۆگىنىش باسقۇچى - بىزنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبە ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىمىزگە مەبلەغ سالىدىغان ۋاقتىمىز.
مەن بىر ھاياتلىق يولىنى تەۋسىيە قىلاي.ئوخشىمىغان مىللەتتىن قۇرۇلغان جەمەت، ياخشى بولغان مائارىپ ئاستىدا ئوقۇش ، يېزىش ۋە ئۆز ئانا تىلىنى سۆيۈشنى ئۆگىنىش. ئاندىن دۇنيانى كېزىش ۋە دوست تۇتۇش. مەكتەپكە قايتىش، تىل ئەمەس بەلكى سودا ياكى تېخنىكا دىپلومى ئېلىش. 20 ۋە 30 ياشنىڭ بېشىدا ئۆگەنگەن تىللار سۆزلىنىدىغان دۆلەتلەرنى كېزىش. تىل بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان، سودا ياكى سانائەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىش. ئۆز مىللىتىدىكىلەر بىلەن توي قىلماسلىق. بالىلىق بولغاندىن كېيىن تەرجىمانلىق كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇش. تەرجىمانلىق خىزمىتىدە بولۇش، ئاندىن ھەقىقىي ھالدا دۇنياغا قەدەم قويۇش. بۇ ۋاقىتتا سىز 40 ياشقا كىرگەن ۋە تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولىدۇ.»
(لاننا كاستىللانو،1988)
بۇ بەكلا مۈشكۈل مۇساپە. نەچچە يىللاردىن بۇيان مەن بوۋا-مومامنىڭ قايتىدىن يارىلىشىغا ۋە ماڭا چەتئەل نەسەبى ئاتا قىلىشىغا، ئانام تەرەپنىڭ پورتىگال-روس قېنى، دادام تەرەپنىڭ بەلكىم فىرانسىيە-جۇڭگو قېنى بولىشىغا كۈچىدىم. لېكىن ئۇلار قېرىشقاندەك ئېرلاندىيە-شوتلاندىيە قېنىنى ساقلاپ تۇرىۋەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا تېخى گالىك تىلىدىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغان ھالەتتە.
تەرجىمانلارغا تەكلىپلەر:
لېكىن سىز لاننانىڭ تەلىپىگە يېتەلمىسىڭىزمۇ يەنىلا بىر ياخشى تەرجىمان بولالايسىز. تۆۋەندە سىزگە بەزى تەكلىپلەر بار:
1.تىلنى سۆيۈڭ، بولۇپمۇ ئانا تىلىڭىزنى سۆيۈڭ ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆگىنىپ مېڭىڭ.
2.يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ.
3.ئۆزىڭىز ئاجىز بولغان تىلنى ۋە ئۇ تىلنىڭ ئارقىسىدىكى مەدەنىيەتنى ئۆگىنىڭ.
4.پەقەت ئانا تىلىڭىزغىلا تەرجىمە قىلىڭ.
5.قوشۇمچە بىر ساھەنى تاللاڭ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆگۈنۈپ مېڭىڭ.
6.ئوقۇڭ: كىتاب، گېزىت، بلوگ، ژۇرنال، ئېلان، چۈشەندۈرۈش ھەتتا يىمەكلىك قېپىنىمۇ ئوقۇڭ.
7ئاڭلاڭ: تېلېۋىزوردىن، رادىئودىن، دوستلاردىن، ئائىلە ئىچىدىكى، كوچىدىكى، ئاپتوبۇستىكى، قاۋاقخانىلاردىكى ھەتتا دۇكاندىكى ئادەملەردىنمۇ ئاڭلاڭ.
8.كەسپىڭىزگە ئائىت بولغان مۇنازىرە، يىغىن ۋە كۇرسلارغا قاتنىشىڭ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاڭ، ھەتتا ئۇلار ئىشلەتكەن كەسپى ئاتالغۇلارغىمۇ دېققەت قىلىڭ. لېكىن سىزمۇ ئىشلىتىمەن دېمەڭ.
9.ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرۇڭ.
10.كومپىيوتېر تېخنىكىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ.
11.مەشىق قىلىڭ ۋە ئىقتىدارىڭىزنى تاۋلاندۇرۇڭ، مەشىقنى ھەرگىز ئۈزۈلدۈرۈپ قويماڭ.
12.ئۆزىڭىز يازغاننى ئاڭلاپ بېقىڭ.(بەزى يازغۇچى، تەرجىمانلار ئۆز تېكىستىنى ئۆز ئۆزىگە ئۈنلۈك ھالدا ئوقۇپ بېرىدۇ) ھەر بىر تىلنىڭ ئۆز ئالدىغا رېتىمى بولىدۇ. ئەگەردە ئۇلار ئاڭلىماققا توغرا بولمىسا سۆزلەرنىلا ئۆزگەرتمەستىن، سۆزلەرنىڭ رەت تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ سىناپ بېقىڭ.
13.ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشلىتىڭ. تەنقىدىي ئاساستا ئىشلىتىڭ لېكىن دائىم ئىشلىتىڭ.
14.تەرجىمىنى خېرادارىڭىزغا تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن نۇسخىلاپ چىقىرىپ ئوقۇپ بېقىڭ. بولۇپمۇ ئادەتتە كومپىيوتۇردا خىزمەت قىلىدىغان بولسىڭىز.
ئۆزىڭىزدىن ھەر بىر جۈملىنىڭ مۇۋاپىق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سوراڭ. ئەگەر دەقىقىلىق ئىككىلىنىپ قالغان بولسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدىن:«بۇ يەردە ئەسلى نېمە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ؟» دەپ سوراڭ، ئۇنىڭدا چوقۇم خاتالىق بار.
15.ئېنىق ۋە ئىخچام يېزىڭ، جۈملە ۋە ئابزاست ھەجىمىنى مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەڭ. ئاددىي بولغان سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ. ئېنىق ،بىۋاستە تىل ئارقىلىقمۇ مۇرەككەپ ئوي-پىكىرلەرنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
16.ئەسلى تېكىستتىكى ھەرقانداق مەزمۇن، ئىملا خاتالىقى ۋە مۈجمەللىكلەرنى خېرىدارىڭىزغا ئەسكەرتىڭ.
17.خېرىدارىڭىز ئۈچۈن قىممەت يارىتىشنىڭ يولىنى ئىزدەڭ.
18.ھەرقانداق ۋاقىتتا ئوقۇرمەنلىرىڭىزنى ئويلاپ تۇرۇڭ.
سىزنىڭ بايقىغىنىڭىزدەك، بۇ تەكلىپلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرجىمانلارغىلا ئەمەس، يازغۇچىلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن تەرجىمانلىقمۇ يېزىقچىلىقنىڭ بىر تەركىبى قىسمى. ياخشى بىر تەرجىمان ئوخشاشلا ياخشى بىر يازغۇچىمۇ بولۇشى كېرەك. بۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا كۆپلەپ مەشىق قىلىش ۋە تاۋلىنىش. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەقىلنى ئىشلىتىش. شۇندىلى سىز ياخشى بىر تەرجىماندىن مۇنەۋۋەر تەرجىمانغا ئايلىنالايسىز.
ئېنگىلىزچە مەنبە:
http://www.dnalanguage.com/en/resources/articles-and-tips/93-how-to-be-a-good-translat
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا terjimanlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 06:24 PM