|
|
|
|
مەرۋايىت-ئىسىل ھەم يارىشىملىق زىننەت بويۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقىمىزگە ناھايتى تۇنۇشلۇق.ئۇ ئىسىل زىننەت بويۇمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە قىممەتلىك دورا ماتىريالى ، تۈرلۈك ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بويۇملىرىنىڭمۇ كەم تېپىلىدىغان خام ئەشياسى.مەرۋايىت-تاتلىق سۇ مەۋرايىتى ۋە دېڭىز مەۋرايىتى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ،ھەرئىككى خىلى زىننەت بۇيۇمى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. باھاسى جەھەتتىن دېڭىز مەرۋايىتى قىممەترەك،تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ئەزانراق بولىدۇ.
مەرۋايىتنىڭ ھەقىقى ياكى ساختىلىقىنى ئايرىشنىڭ ئەل ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:
1.ھەقىقىي مەۋرايىتنى قىرسا ئۇندەك مەۋرايىت تالقىنى چىقىدۇ،قىرغان يەردە ئىز قالمايدۇ.قىرىۋېلىنغان ئورۇنمۇ سىرتقى قىسمىغا ئوخشاشلا پارقىراق بولىدۇ.قىرغاندا چىققان مەرۋايىت قىرىندىلىرىنى قولىڭىزغا سۈرسىڭىز خۇددى ماي سۈرتكەندەك سىڭىپ كېتىدۇ. ئەگەر مەرۋايىت ساختا بولسا تىغ بىلەن قىرسىڭىز سىرتقى پوستى ئاجرىغاندىن كېيىن سىرتقى يۈزى بىلەن ئوخشىمايدىغان تۇتۇق ئىچكى قەۋىتىنى كۆرىسىز.چىققان قىرىندىلىرى ئۇندەك يۇمشاق بولمايدۇ،تېرىگىمۇ يېپىشمايدۇ.
2.ھەقىقىي مەرۋايىتنى ئوتتا كۆيدۈرسە كۆيمەيدۇ.بۇنىڭ سىناش ئۇسۇلى مۇنداق:بىر دانە مەرۋايىتنى قۇلىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنى چاخماق بىلەن كۆيدۈرسەك مەرۋايىتنىڭ ئوتقا قاقلانغان قىسىمى قارىدايدۇ،ئەمما بۇ جاينى قولىمىز بىلەن سۈرتىۋەتسەك مەرۋايىتنىڭ ھىچقانداق زەخمىلەنمەي ئەسلى ھالىتى بويىچە پاقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.ئەگەر مەرۋايىت ساختا بولسا ئوت بىلەن ئۇچراشقان ھامان كۈيىدۇ،ئەلۋەتتە .
ئەگەر قىممەت پۇللۇق مەرۋايىت بولسا ئەڭ ياخشىسى قانۇنلۇق بولغان جاۋاھىرات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئورنىدا تەكشۈرتۈڭ.
ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى-ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
2014-يىلى ھوت ئېيىنىڭ 11-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 05:02 PM
|
|
|
|
|
|