چىقالمايمەن بايرام بولسىمۇ
دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
قىزنىڭ يىگىتكە قايتۇرغان جاۋابى
چىققىن دەپسەن كىچىدە يوق بايرامنى تەبىرىكلەپ،
چىقالمايمەن كەچۈرگىن كاتتا بايرام بولسىمۇ.
شۇ سۆزلەرنى دىيىشتىن قورقمىدىڭمۇ ئىتقىنا،
ھەر چاغ ھەر ۋاغ ئاللاھىم گەر ئۈستۈڭدە تۇرسىمۇ.
ئاشىق ـ مەشۇق بايرىمى ئىككىمىزگە لايىق دەپ،
قىن ـ قىنىڭغا پاتماستىن خۇشال بولۇپ كىتىپسەن.
ئىتىپ قوياي مەن ساڭا قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە،
سەن ئىسلامدىن چىكىنىپ نادانلىقتا يىتىپسەن.
بۇ بايرامنى تەبىرىكلەپ چىقالمىسام ئەگەردە،
ئۈمۈد ئۈزۈپ ئۆزۈڭچە كەچمەك بوپسەن مىنىڭدىن.
شۇنى بىلكى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس بۇ بايرام،
سەن كەچمەستە سۆزۇڭنى ئاڭلاپ كەچتىم سىنىڭدىن.
يۇرۇپتىمەن مەن تېخى سىنى ئىسلام ئوغلى دەپ،
ئەمدى بىلسەم ئىسلامنىڭ ئورۇلۇپسەن تونىغا.
يىگىتىم دەپ كەپتىمەن تېخى سىنى ئۆمۈرلۈك،
ئەسلى لايىق ئىكەنسەن سەن شەيتاننىڭ رولىغا.
كەچۈر يىگىت بىلىپ قوي مەنكى ئىسلام قىزىمەن،
چىقالمايمەن شۇڭلاشقا بۇ بايرامدا يىنىڭغا .
ئەگەر سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئىسلام ئوغلى دەپ بىلسەڭ،
ئۇنتۇپ بۇنداق بايرامنى كۈلۈپ كەلگىن يىنىمغا.
ئاشىق ـ مەشۇق بايرىمى بىزگە مەنسۇپ ئەمەستۇر،
بۇ بايرامنى سۆيمەستىن سۆي ئۆزۈڭنىڭ ھېيىتنى.
كۈندە بايرام كۈندە ھېيت كۈندە ئاشىق مەشۇق بىز،
ئاللاھ ئۈچۈن سوقسىلا ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 07:21 PM