|
|
|
|
قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ نامايەندىسى — قاغىلىق چەكمىنى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& [% n) e, n9 u( a3 U- r3 C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" Y/ I' L/ |7 n, W! v* {$ Q' W; Q قاغىلىق ناھىيىسى قەدىمىي ‹‹ يىپەك يولى ›› نىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ‹‹ قارا قۇرۇم باغرىدىكى بىباھا مەرۋايىت ›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن . ئۇغەربتە تەكلىماكان قۇملۇقىغا ، جەنۇبتا قارا قۇرۇم تېغىغا يېقىن ، شەرقتە شىزاڭ ھەم پامىر ئېگىزلىكى بىلەن قوشنا بولۇپ ، تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي بوستانلىقلارنىڭ بىرىدۇر . بۇ جاينىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى ، ئۆزگىچە ئالاھىدلىككە ئىگە مىللىي ئۆرپ – ئادىتى ، كىيىم – كىچىكى ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاغىلىق ناھىيىسى دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئانار چېچىكى بايرىمى ، ئۈرۈك سەيلىسى ، بەيگە مۇسابىقىسى ۋە مول ھوسۇل بايرىمى قاتارلىق ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھەر خىل مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ساياھەتچىلەرنى ۋە سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى . قاغىلىق ناھىيىسىدە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلگەچكە ، ئەنئەنىۋى ناخشا – ئۇسسۇللار ھازىرغىچەئەسلىسى بويىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە . شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە قاغىلىق ئۆتۈكى ، چەكمىنى ، ئەنئەنىۋى ناخشا – ئۇسسۇللار ۋە قاغىلىق سەنىمى تۇنجى قەدەمدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . بۇ يەردە يەنە قاغىلىق چەكمىنىمۇ ئۆز ئالاھىدلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ . قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى توزاقچىئېرىق يېزىسىدا تۆگە يۇڭىدىن چەكمەن توقۇيدىغانلار ھەم چەكمەن كىيىدىغانلار ھازىرمۇ بار . قاغىلىق چەكمىنى ناھايىتى قىممەت بولغاچقا ، ئەجدادلىرىمىز پەقەت توي – تۆكۈن ، مەشرەپ قاتارلىق مۇھىم يىغىلىشلاردىلا چەكمەندىن تون كىيەتتىكەن . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" f5 D0 [4 B( z% [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 f' x: [; X9 n
چەكمەننىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 3200 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئىكەن . ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ، تەرەققىيات تارىخى شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . چەكمەن تۆگە يۇڭى ۋە قوي يۇڭىدىن توقۇلىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى ، قارا ، كۈلرەڭ ، بوز رەڭ بولىدىكەن . قاغىلىق چەكمىنىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا توقۇش ئۈچۈن ياغاچ ئۆي ، قول بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان چاقپەلەك ، موكا ، بوياق ، بوياق ئىدىشى ، قۇرۇتۇش جازىسى قاتارلىقلار تەق بولۇشى كېرەككەن . توقۇش ئۇسۇلى يۇڭ تاللاش ، يۇڭنى يۇيۇش ، يۇڭنى ئېتىش ، ئىگىرىش ۋە تۇقۇش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدىكەن . مانا مۇشۇنداق بىر قاتار جەريانلار ئارقىلىق توقۇلغان چەكمەن ناھايىتى ئېسىل مال بولۇپ ، بۇ ئۇسۇلدا توقۇلۇپ تىكىلگەن توننىڭ باھاسى 650 يۈەن بولىدىكەن . بىر تونغا 51 مېتىر چەكمەن كېتىدىكەن . ھازىرمۇ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بىر قىسىم ياشانغانلار قىش كىرىشى بىلەنلا چەكمەن چاپان كىيىشىدىكەن . بۇنىڭدىكى سەۋەب ، ئۇ يۇڭدىن توقۇلغان بولغاچقا ، ناھايىتى ئىسسىق ھەم چىداملىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رېماتىزىم ، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق ھەر خىل كېسەللەرگە پايدىسى بولغاچقا ، تاغلىق رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولغانىكەن . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 q/ O/ s h3 j+ v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' ~* E1 F) x' ` B 2014 - يىل 11 -فىۋرال
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 R/ Z5 f9 M) j6 b7 |/ P" d | بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ z! A: z3 t# H
|
|
|
|
|
|