مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 4

يىپەك يولى، ئۇيغۇرلار ۋە تور سودىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97924
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-9-17
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 01:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىپەك يولى، ئۇيغۇرلار ۋە تور سودىسى

يىپەك يولى ئىنسانىيەت يىقىنقى زامان سودا تارىخىدىكى ئۇلۇغ بىر نامايەندە ھىساپلىنىدۇ،ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سودا ئالاقە ئالماشتۇرۇشىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ۋە قولايلىقلارغا ئېرىشتۈرگەن يىپەك يولىنى ياراتقانلار مەركىزى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئاۋانگارتلىرى دەپ ئاتالغان سودا ھۆجەيرىلىرى توغما كىلىدىغان،پاراسەتلىك ئۇيغۇرلاردۇر.
يىپەك يولى گۈللىنىپ تاكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن خارابلاشقۇچە بۇلغان ئۇزۇن ۋاقىتلاردا ،مەرد-مەردانلىكى،سەممىمىي-راستچىللىقى،ھازىرجاۋاپ چاققانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار يىپەك يولىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ۋە ئۇستا سودىگەرلەردىن بۇلغان ئىدى.فارىس،ئەرەپ ھەتتاكى ياۋروپا ئەللىرىگىچە،جوڭگۇنىڭ قەدىمكى سەدىچىن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگىچە،سودا كارۋانلىرى بارغانلىكى جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزى بارلىقى تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم.
ئەلقىسسە زامان چاقلىرى چۆرگىلەپ،ئىنسانىيەت 21-ئەسىردە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،يەرشارلىشىش،ئىتىرنىت،ئۇچۇر-ئالاقە دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئېقىمىغا ئايلاندى،
بۇرۇنقى يىپەك يولىمۇ يېڭىچە سودا ئۇسۇلى يېڭىچە قىممەت قارىشى بىلەن تولۇق قۇرالىنىپ،بۈگۈنكى زامان سودا شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۈگۈنكى زامان سودىسىدا تور ۋە ئۇچۇرنىڭ تىزلىكى، توغرىلىقى سودىدىكى پايدا-زىيان بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى.
تور سودىسى زامان ، ماكان ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرىمايدىغان بىرخىل زامانىۋى سودا شەكلى بۇلۇپ،بۇخىل سودا شەكلىدە ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ھەر ئىككىلا تەرەپ ۋاقىت،تەنەرىخنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىجەلەيدۇ،پايدا ئىپتىدائىي سودا شەكلىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
تور سودىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى ، شۇڭىلاشقا بارلىق كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرشىپ ،پۇتۈن يەرشارىغا شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە.
تور سودىسى يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقئارادىكى ھەم يىڭى ، ھەم ئىستىقباللىق سودا شەكلىگە ئايلاندى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئىھتىياجىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدى .2009-يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ تور سودىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ تور سودىسى قىلىدىغانلارغا يىڭى بىر پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.
ئېنقلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىزدە 2011-يىلى تور سودا سىتىش ئومۇمى سوممىسى 6 مىليارد 388 مىليون يۈەن بولغان.
2012-يىلى 11 مىلياردنى 960 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ توردا مال سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى زامان ياشلىرىنى ئاساس قىلىدۇ،دېمەك بۇ كەسىپ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ،ئىستىقبالى زور ۋە پارلاق،دۆلىتىمىزدە چوڭ كىچىك بولۇپ نەچچە مىڭدىن ئارتۇق تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودا تور بېكەتلىرى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەرەققى قىلغىنى تاۋباۋ سودا تورى ،جىندۇڭ ۋە يىشۇن قاتارلىقلار ،تور سودىسى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان ئادەم سانى ئۇن مىليونغا يىتىدۇ .،لېكىن ئۇن نەچچە مىليونغا نوپوسقا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تور سودىسىدا بىرەر نەتىجە يارىتالمىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە ئىچىندۇرىدۇ،
مەسىلەن ھازىرقى زامان سودىسىنىڭ سەردارى بۇلغان تور سودىسى بۇرۇنقى يىپەك يولىنىڭ كارۋانلىرى ئاتالغان ئۇيغۇرلاردا تېخى بىخ ھالەتتە تۇرماقتا.ئىنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلاردا تورغا چىقىدىغانلار1 مىليون ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنمەكتە، لېكىن كەسپىي ياكى مەخسۇس تور سودىسى بىلەن شۇغىلىندىغانلار3 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ.لېكىن بۇ تۇرغۇن ئەھۋال ئەمەسلىكى ھەممىزگە ئايان، چۈنكى ئۇيغۇرلار
ئىنتېرنېت بىلەن ئۇچراشقان مۇشۇ قىسقىغىنا نەچچە يىل مابەينىدە زور بۆسۈش ۋە تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى ، تور بەتلەرنىڭ سانى جەھەتتە بولسۇن ياكى تور بېكەتلەرنىڭ سۈپىتى جەھەتتە بۇلسۇن،جۇڭگودىكى باشقا 54 ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇمۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ھەم سۈپەتلىك.
ئۇيغۇرلارنىڭ تور سودىسىدىمۇ تېرىشىش ۋە ئىزدىنىش ئەھۋاللىرى ئۇچراۋاتىدۇ،مەسلەن تاۋارىم سودا تورى  (ھەقسىز دۇكان ئاچقىلى بولىدۇ)،ئايخىنىم سودا تورى قاتارلىقلار توختىماي يول ئىچىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، لېكىن يەنىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نەچچە مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغىدەك،يىللىق سودا سوممىسى مىلياردقا يەتكۈدەك كۆلەم ۋە بازار شەكىللەنمىدى.ئاساسلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر چۈشەنمەسلىك،ئىشەنمەسلىك،ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئازلىقى ، تۇشۇش شېركەتلىرىنىڭ تارقاق بۇلىشى،  ئەڭ مۇھىمى
ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ تور قاپلىنىشى تۆۋەن ۋە تارقاق بۇلۇشى،ئىھتىياج ئاشالماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ، يەنە بىر نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا ئۇيغۇر تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ
خېرىدار ھۇقۇقىنى قوغداشقا دائىر تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى بەك ئاز ۋە يېتەرسىز، ئانا تىلىمىزدىكى سودا تورلىرىدىن تاۋارىم سودا تورى،ئايغىنىم سودا تورى قاتارلىق ئۇيغۇر سودا تور بېكەتلىرى ئىشەنچىلىك بۇلغان ئۈچىنچى تەرەپ
سودا پۇل كاپالىتى تۈزۈمىنى قوللانغان بۇلسىمۇ،ئۇيغۇرلاردا تور سودىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىكلىكىگە بۇلغان گۇمان قىلىش ، توردا دۇكان ئىچىپ مال سېتىش ، يەرلىك سودىسى بىلەن تور سودىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ،تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتىشقا سەل قاراش ،توردىن پۇل تېپىشقا ئىشەنمەسلىك يەنىلا مەۋجۈت،بۇلار يىڭى يىپەك يولىنىڭ يىڭى ئەسىردە
ئەمدىلەتىن قايتا ئۆزىنى تونۇۋاتقان ئۇيغۇر يىڭى زامان سودىگەرچىلىكىگە قۇيغان قىيىن بىر سۇئالى،مىللىي كارخانلىرىمىزمۇ كۆپلەپ بارلىققا كېلۋاتىدۇ ، ئۆز ئېھتىياجىمىزنى قامدىيالىغۇدەك زاۋۇتلار قۇرۇلۋاتىدۇ،
توردىكى سودا بازاردىن بىزمۇ پايدىلىنىشىمىز كېرەك ، ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى تىل ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ ، ئۇتتۇرا ئاسىيادا غايەت زور تور سودا چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلالىساق ، مىللىي كارخانىلارنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن چوڭ يول ئېچىلىپلا قالماي ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتسادى يۈكسىلىشىگە يۈكسەك تۆھپە قۇشالىغان بۇلاتتۇق، ،تىرىشچان ئۇيغۇرلار يىڭى يىپەك يولىدا قانداق روللارنى ئالىدۇ ؟ تور سودىسى ۋە خەلىقئارالىق ئىلىكتىرونلۇق سودىلاردا
ئاكتىپلىق بىلەن يىڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالامدۇ-يوق؟ تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇشۇش شىركەتلىرىگە قانداق بازار ۋە پايدا بار ؟ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى سودا شەكلى بىلەن يېڭىچە بۇلغان تور سودىسىنى ئىجادىي ھالدا بىرلەشتۈرەلەمدۇ ؟ ئۇيغۇر سودا مەدەنىيتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەمدۇ-يوق؟
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تور سودىسى ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە پۇرسەت، يېڭىچە سودا شەكلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سودا شەكلىگە چەكسىز سوئال ۋە قىيىنچىلىقلارنى سالماقتا.
بۇنداق بۇلىشىمۇ ياخشى ئەھۋال، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئۇيغۇر تور سودىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات ۋە پۇرسەتلەرگە ئېرىشىشى بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان ئۇتتۇرا ئاسىيا يىپەك يولىدىكى يەنە بىر ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىپ قىلىشى مۇمكىن.
مەنبە:  http://tawarim.com
ئەسكەرتىش : ئىلمىي بۇلغان تەكلىپ -پىكىر بولسا قوبۇل قىلىمىز
مەقسەتلىك مەسخىرە ياكى ھۇجۇملارغا بىردەك جاۋاب قايتۇرۇلمايدۇ ، تۇغرا چۈشەنگەنلەرگە رەھمەت دەيمىز
تامچە ئىدۇق دەريا بۇلدۇق ، ئاللاھ خالىسا دېڭىز-ئوكيانمۇ بولىمىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 02:34:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا .ما تىما بولىدىكەن.بۇندىن كىيىن بارا بارا تەرەققى قىلشىدا گەپ يوق.لىكىن ھازىرتوردا دۇكان ئاچقان ئۇيغۇرلار ئاز بولغانلقتىن توردا مال سىتىۋالدىغانلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالماي تاۋباۋغا يۈزلىنىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەقدىر07 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 02:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 04:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەقدىر07 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 02:34 PM
مانا .ما تىما بولىدىكەن.بۇندىن كىيىن بارا بارا تەرەققى  ...

مېنىڭ قەشقەرلىق بىر دوستۇم بارتى، كەچلىك بازاردا توخۇ كاۋىپى ساتىدىغان. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن: ‹‹10 يىلنىڭياغى توخۇلا چانىدىڭ، ئەمدى چوڭراق بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلمامسە؟›› دىسەم، ‹‹سېنىڭچە ئەمدى تۆگىقۇش چانىسام بولامتى؟!›› دەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82139
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5547
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2012-6-26
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:01:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 04:28 PM
مېنىڭ قەشقەرلىق بىر دوستۇم بارتى، كەچلىك بازاردا توخ ...

دەھشەتقۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 09:15:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش