مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1173|ئىنكاس: 9

ناخشاچىلىقتىكى«ئۆسمە»(ھەسەل ھەرىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 09:21:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناخشاچىلىقتىكى«ئۆسمە»

    مېنىڭچە، ناخشا شائىر ئىچكى ھېسىياتىنى يۇقۇرى بەدئىي ئۇسلوب،شېئىرىي تىل بىلەن ئىپادىلەپ يازغان بىر شېئىر(ناخشا تېكىستى)گە كومپوزىتور ماس ھالدىكى مىلودىيەلەرنى سىڭدۈرۈپ مۇزىكا ئىشلىگەندىن كېيىنكى بىر پۈتۈن سەنئەت ئەسىرى(ژانىرى) بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر پۈتۈپ چىققان بۇ مۇنەۋەر ناخشا ،مۇشۇ ناخشىغا ئاۋازى ماس كېلىدىغان ئۆلچەملىك ناخشىچىنىڭ يېقىملىق ،پۇراقلىق ئاۋازى،يۇقۇرى ئورۇنداش ماھارىتى  ئارقىلىق ئورۇندالسا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ھۈجەيرىسىنى ئويغىتىپ،ھەقىقى ئىستېتىك زوق بەخىش ئېتىدىغان ئۆلمەس ناخشىغا ئايلىنىدۇ.ئەكسىنچە بولغاندا ئۆمۈرى قىسقا ناخشا،ئەخلەت ئەسەر بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك شائىر،كومپوزىتور،ناخشىچى تەڭ ماسلاشقاندا ناخشىنىڭ سېھرى كۈچى ھەقىقى نامايەن بولىدۇ.بۇ خىلدىكى يېقىملىق،مۇنەۋەر ناخشىلارنى داۋاملىق ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز،زوق ئېلىۋاتىمىز.لېكىن ناخشا ئورۇنلاشتا ئۇزۇندىن بۇيان مۇنداق ئىككى سەۋەنلىككە يول قويۇلۇپ ،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ناخشىدىن ھوزۇر ئېلىشى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماقتا.كۆڭۈلنى غەش قىلماقتا.مەن سەنئەت تەتقىقاتچىسى ئەمەس،پەقەت بىر ئاددىي ناخشا-مۇزىكا ھەۋەسكارى بولساممۇ،ناخشا ئورۇنلاشتىكى بۇ مەسلەر ھەققىدە سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.

‹‹يارىم››نى بۇزماڭ!!


يولدا كېتىۋاتىمەن،تاكسىدا ئولتۇرىۋاتىمەن.كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تورغا كىرىۋاتىمەن....نەگىلا بارسام قۇلىقىمغا بۇزۇلغان‹‹يارىم››ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ.بۇ پەقەت ناخشىلاردىكى بۇزۇلغان‹‹يارىم››ئىدى.ناخشىنىڭ تېكىستى ،مۇزىكىسى،ئورۇنلىنىشى شۇنداق ياخشى .بىراق،بۇزۇلغان‹‹يارىم››كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ.
   ‹‹يارىم خۇمالىق››،‹‹يارىم كېتىمەن دەيدۇ››،‹‹يارىم سەن،نىگارىم سەن..››دېگەندەك مۇھەببەت ناخشىللىرىنى ئاڭلىغىنىمدا دىلىم سۆيىنىدۇ.بىراق،‹‹يايرىم سەن،نىگارىم سەن››دەپ ئوقۇلۇپ قالغان ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىمدا ‹‹ھۆ››بولغۇم كېلىدۇ.چۈنكى؛ناخشا ئوقۇغاندا تېكىستىكى سۆزلەرنى توغرا ،ئېنىق دېيىشنى بەك ياقتۇرىمەن.ھازىر مۇھەببەت تېمىسىدىكى (‹‹يارىم››سۆزى ئىشلىتىلگەن)ناخشىلاردا ‹‹يارىم››بوزۇلۇپ،‹‹يايرىم››دەپ خاتا ئوقۇلىۋاتىدۇ.ئويلاپ باقايلى،سۆيگەن،كۆيگەن قىز-يىگىتىنى‹‹ يار››دەمدۇ ياكى‹‹ياير››دەمدۇ؟ ‹‹يارىم ››دېگەن سۆزنىڭ تۇمۇرى‹‹يار››تۇرسا،نىمىشقا ‹‹يارىم ››دېيىلمەي،‹‹يايرىم››دېيىلىپ قالىدۇ.خېلى تونۇلغان كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرىتقى ناخشىچىلارمۇ ،ناخشا پىلاستىنكىسى ئىشلەيدىغانلارمۇ،سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ رىژىسور،نازارەتچىللىرىمۇ مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ.لېكىن «يېڭى ناۋا»پىروگراممىسىدا باھالىغۇچىلار «يارىم»دېيىش ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىپ مېنى سۆيۈندۈردى.مېنىڭ بۇ قىسقا تەكلىپنى يېزىشىمدىكى مەقسەت،ناخشىچى ياكى يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىم،بولۇپمۇ ھەۋەسكارلارنىڭ ‹‹يارىم››نى بۇزماي،توغرا يېزىشىنى،دېيىشىنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. خوش بوپ كېتەي،‹‹يارىم››نى بۇزماڭ!!

ناخشىنىڭمۇ «جىنس»ئايرىمىسى بار

   مەن ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان يەنە بىر مەسىلە ناخشىنىڭ«جىنسى»نى ئايرىماسلىق مەسىلىسى.ھەر قانداق ئۇسلوبتىكى ناخشا تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن چوقۇم ئەرەنچە ناخشا ،ئايالچە ناخشا ياكى ئۇنىۋېرسال مەزمۇندىكى ناخشا(ئەرمۇ،ئايالمۇ ئورۇنلىسا بولىدىغان ناخشا) دەپ ئايرىلىدۇ.بىزنىڭ ناخشىچىلىقىمىزدا بۇ مەسىلىگە ئىزچىل سەل قارىلىپ كەلدى.بۇنداق «جىنسى»ئارلاشتۇرىۋېتىلگەن ناخشىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ غىدىقى كېلىدۇ،بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.ئالايلۇق،قەشقەر خەلق ناخشىللىرىدىن «ئايشەمگۈل»،«ئاسىيگۈل»،«لەيلىگۈل»ئاتۇش خەلق ناخشىسى«گۈلمەرەم»،«سەيدىگۈل»،«خالىدەم»،كۇچا خەلق ناخشىسى«مۇراجىخان»،«گۈليارىخان»،ئىلى خەلق ناخشىسى«قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم»،ئىجادىي ناخشىلاردىن«ئاي زوھرە»،«دىلبەر»...قاتارلىق قىز-ئاياللار مەدىھلەنگەن ناخشىلارنى چوقۇم ئەر ناخشىچىلار ئورۇنلىشى كېرەك.قۇمۇل خەلق ناخشىسى«ئەر بارمۇ؟»،بۇرۇن شىنجاڭدا كۆپ ئېيتىلغان ئەزەربەيجان خەلق ناخشىسى«موللا مەھەمەتجان»،ئىجادىي ناخشا«ئەللەي بالام»...دېگەنگە ئوخشاش ناخشىلارنى ئايال ناخشىچىلار ئورۇنلىسا مۇۋاپىق.ئەر ياكى ئايالنىڭ ئىسمى  يوق ئۇنۋېرسال تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن سۆيگۈ-مۇھەببەت ناخشىللىرى،ۋەتەن،يۇرت،ئاتا-ئانا،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى،دوستلۇق،ئىتتىپاقلىق كۈيلەنگەن،قەھرىمانلار،ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىكارلار،دېھقانلار مەدىھلەنگەن «يارو»،«تېرەك بوستان»،«ئەخلاق ئادەم زىننىتى»،«ئايدىڭ كېچە»،«تاغ سۈيى»،«كۆركەم تەڭرى تاغلىرى»،«گۈھەر زېمىن»«تۇرپانغا كەل»...قاتارلىق ناخشىلارنى ئەرلەرمۇ،ئاياللارمۇ ئورۇنلىسا بولىۋېرىدۇ.بىراق بىر قىسىم ئەرلەرگە خاس ناخشىلارنى ئاياللار ئورۇنلايدىغان،ئاياللارغا خاس ناخشىلارنى ئەرلەر ئورۇنلايدىغان ئىش تا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.بۇ ناخشىچىلىقتىكى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتمىسە بولمايدىغان بىر «ئۆسمە» دېيىشكە بولىدۇ.

مەنبە:ئۆزۈم

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 10:51:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(ئۆسمە) ئەمەستۇ؟ ئۇلارمۇ ئىيتىپ باققىسى كىلىپ ئىيتىپ قۇيغاندۇ.شۇنداقتىمۇ  ئالدىنقى پىكرىڭىزگە قۇشىلىمەن.

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 12:07:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ئوبدان تەھلىل قىپسىز

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14417
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11192
تۆھپە نۇمۇرى: 654
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 01:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆزەل يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 10:51 AM
(ئۆسمە) ئەمەستۇ؟ ئۇلارمۇ ئىيتىپ باققىسى كىلىپ ئىيتىپ ق ...

ئۆسمە ئەمەس دىگەن تەقدىردىمۇ «دانىخورەك» دىيىشكە بولىدۇ. ياخشى تەھلى بوپتۇ . تۈزىتىش كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 02:32:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان  پىكىر    بوپتۇ   .  قوللايمەن                         .  ھارمىغايسىز

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 04:23:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزبىك مەستانىلىرىنىڭ تەسىرى ...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 05:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹يار›› دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى تومۇرى يارىتىش، ياراشماق دىگەن سۆزلەردىن ئىبارەت، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ياير›› دىگەن گەپ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئېيتىش خاتا.

بەھرام710 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:21:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:34:49 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام710 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 12:21 AM
بۇرادەر ئۆزبېكلەرمۇ يارىم (yorim)دەيدۇ...

ھازىر مودا بولىۋاتقان مەستانىلەرچۇ ...ھېلىقى ئۇيغۇرچە ئۆزبىكچە ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلار ...
ئىشقىلىپ خۇداغا شۈكرى، مەن ئۇنداق دېمەيدىكەنمەن ...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 11:52:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا يارىم دىيىش كېرەك، يار سۆزىگە ىم قوشۇمچە بولۇپ مىنىڭ مۇھەببىتىم دىگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككىنجى قويغان مەسىلىگە كەلسەك مەن قوش قوللاپ قوللايمەن، دىمىسىمۇ بەزى ئايال ناخشىچىلارنىڭ يارىم سەيدىگۈل، جىنىم ئايشەمگۈل، .....دەپ ناخشا ئىيىتقىنىنى ئاڭلىسام سەل بىر قىسما بولۇپ قالىمەن....... دىمىسىمۇ ئايرىپ ئىيتىش كېرەك......

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش