مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 18444|ئىنكاس: 164

«ئۇيغۇر بولساڭ تارقات»قا رەددىيە بەرگۈچىلەرگە دىيىلگەن سۆز.   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102862
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1277
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 08:35:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏«ئۇيغۇر بولساڭ تارقات دىگۈچىلەرگە» ئوچۇق خەت يازغان دوستىمىزغا : توغرا بىز بۇلارنى تۈركىيەدە ، ئىستانبولدا تۇرۇپ يازدۇق ھەم تارقاتتۇق . خەتلىرىڭىزدە بىزنى خەقنىڭ دۆلىتدە تۇرۇپ خەقنى تىللايدىغان نانكورغا چىقىرىۋىتىپسىز. سىز بىر ئاز ھاياجانلىنىپ قاپسىز . بىزنىڭ تەنقىدلىگىنىمىز بارلىق تۈرك مىللىتى ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ دىنىي ۋە پەننىي تۈرك ئالىملىرى ھەر ۋاقىت تەنقىدلەۋاتقان ، ياۋرۇپالىشپ كەتكەن ، ئۆزىنىڭ تۈركىي مىلەتلەر سىستىمىسغا تەۋەلىكىنى ، دىنىنى ، ئەجدادىنى ئۇنۇتقان ئاز ساندىكى تۈرۈكلەر خالاس ! سىزنىڭچە بىز بۇلارنىڭ دۆلىتىدە ياشاۋاتقانىلىقمىز ئۈچۈن چوقۇم باش ئىگىپ ئۇلارنىڭ ئاق-قارا ، ھەق-ناھەقلىرىگە سۈكۈت قىلشىمىز كېرەكمۇ ؟ ئۇنداق قىلساق بىزدە نە ۋىجدان ؟ نە غورۇر ؟! توغرا ، سەن دىگەندەك تۈرۈكلەر بىزنى ئاتا تۈرك ، ئەجدادىمىز دەپ چوڭ بىلىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ . ئەمما سەن قاراپ باق، بىزنى چوڭ بىلىدىغان ئاشۇ تۈرۈكلەر قانداق تۈرۈكلەر، سەن توختىماي بىزنى قوللاۋاتىدۇ، بىزنى تونۇتىۋاتىدۇ دەۋاتقان ناخشىچى تۈرۈكلەر قانداق تۈرۈكلەر ؟ ھەممە يەردە ئادەمنىڭ ياخشى يامىنى بار . بىلگىنكى بارلىق تۈرۈكلەر ئوخشاش ئەمەس. ئەمما ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بىزنىڭ قوبۇل قىلىۋاتقىنىمىز ئاشۇ ياۋرۇپالىشىپ كەتكەن تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ يامان تەرەپلىرىدۇر . تېخى تەپ تارتماي يەنە( رەفاتقا كونسىرت ئازمىتى،بىزنى چوڭ كۆرگەچكە بېيجىڭغا بارماي ئۈرۈمچىگە كەلدى) دەپسەن . سىنىڭچە رەفات بىكارغا كونسىرت ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇدە بىزگە ! ئۇلاردىن بىرەرسى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ھىچ ھەق ئالماي ،كونسىرتتىن چۈشكەن پۇللارنى ئىئانە قىلىپ كەتكەن بولسا نىمە دە بولغۇيتىڭ ؟! بىلىپ قوي ، رەفاتنىڭ كىچلىك VİPبىلىتى ھەر بىرى 800يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا سېتىلغان. ھەممە كىشى بەس-بەستە بېرىپ زال لىق ئادەم بىلەن تولۇپتۇ . ئەمما بىزنىڭچۇ؟ تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئابدۇللاھ ئابدۇرىھىم ئىستانبولغا كىلىپ كىچلىك ئۆتكۈزدى ،ئۇنىڭغا بارغان تۈرۈكلەرنىڭ سانى20(يىگىرمە) مىگە يەتمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلەت ئاساسىي جەھەتتىن بىكارغا تارقىتىلدى. سېتىلغانلىرىمۇ 10لىرا( تۈرك پۇلى تەخمىنەن 30يۈەن خەلق پۇلى)غا سېتىلدى. مانا بۇ سەن چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەپ كەتكەن بىر قىسىم تۈركلەر . كىم كىمنى ھەقىقىي قوللاۋاتقىنىنى مانا مۇشۇنىڭدىنلا بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار پۇل ئۈچۈن قىلماي بىزنى چوڭ كۆرۈش، ھۆرمەتلەش ئۈچۈن قىلغان بولسىتى، بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز كەلگەندە بىرەرسى كىلەر بولاتتى. بىز ھەتتا رىياسەتچىلىكنىمۇ ئۆزىمىز قىلىپ تاماملىدۇق. دىمەك، ئۆز قەدرىمىزنى ئۆزىمىز قىلمىساق خەق دىگەن ھامىنى خەق ! ئۇلارنىڭ بىزدىن ئېلىپ كەتكىنى پەقەت پۇل بولسىلا مەيلىتىغۇ. ئۇلار ماددىي جەھەتتە بىزدىن پۇل ئېلىپ كەتكەن بىلەن مەنىۋىي جەھەتتىن قىزلىرىمىزدىن ھايا ، ئوغۇللىرىمىزدىن جاسارەتنى ئېلىپ كەتتى.  بىز ۋە تۈرۈكلەر مەيلى دىن مەيلى ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە بىر-بىرىمىزگە يىقىن قېرىنداش مىللەت. توغرىسدا بىز ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلشىمىز كېرەك. ناخشا ئۇسۇلنى ئەمەس ، پەننىي دىننىي بىلىملەرنى. خۇددى ئۇلار بىزنىڭ چولپانلىرىمىز ئۆتكۈزگەن كىچلىككە كەلمىگىنگە ئوخشاش، بىزمۇ ئۇلارنىڭ چولپانلىرى كەلگەندە بار بىساتىمىزنى سىتىپ بىلەت ئالماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىرەر ۋاق نەپلە ناماز ئوقۇساق كەلگۈسىمىزدىن بىر ئاز ئۈمىد تۇغىلىدۇ. بىزمۇ ئۇلارغا بىزگە كېرىكنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئەمەس بەلكى ئىلىم-ئىرپان ئىكەنلىكنى تونۇتۇپ قويغاندا ئاندىن بىزگە كىلدىغان چولپانلار ئازىيىپ ئالىملار كۆپىيدۇ . دۇنياغا بىزنى تونۇتىدىغبنى ناخشا-ئۇسسۇل ئەمەس، بەلكى ئىلىم-ئېرپاندۇر !سىز بىرەر يەردە بىر كوچىغا (ئابدۇللاھ ئابدۇرىھىم كوچىسى) ياكى ( دىلنار ئابدۇللاھ كوچىسى) دەپ ئىسىم قويغىننى ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەمما مەن نۇرغۇن دۆلەتتىكى بەزى كوچىلارغا (مەھمۇت قەشقىرى كوچىسى) (يۈسۈف خاس ھاجىپ كوچىسى ) ( فارابىي كوچىسى) دەپ ئىسىم قويغانلىقنى كۆرگەن . دېمەك نىمنىڭ مۇھىملىقى ، نىمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكمىز بۇنىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ . بۇ ھەقىقەتلەر ئالدىدا يەنە نىشانىڭىزنى تاپمىسڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئۇيغۇرلىقدىن گۇمانلانسىڭىز بولىدۇ . بارلىق تورداش قېرىنداشلار بۇنى ھەممە كىشى كۆرگىچە تارقىتىڭلار . 2014.2.9(ئىستانبول) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 09:50 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
amanturk + 300
miskin380 + 39
nurjula + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
Jaldur + 10 پەسكەش تېما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 549   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92472
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 541
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:04:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسمى توغرا گەپ مەن قوللايمەن .   مەن تۈنۈگۈن يوللىغان  «سىگان ۋە ئۇيغۇر »    دىگەن تېمىدىمۇ  مۇشۇنداق مەزمۇن بار ئىدى .    باشقۇر غۇچىلار غا  نەرى ياقمىدىكى  بىردەمدە ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.    بۇ تېمىمىۇ  ياقمىسا بىردەمدە ئۆچۈرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98146
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:04:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇنچە دۆت مىللەت ئەمەسمىز.. بەزىلەر چەتئەلگە چىقىۋىلىپلا بىزدىن كەچتىمۇ ئۇنى بىلمىدىم.. نەگىلا قارىسا ئۇيغۇر بولساڭ تارقات .. مۇسۇلمان بولساڭ تارقات،  مۇشۇ  سۆزلەر بىشىغا قوشۇپ قويۇغلۇق... قوشمىسىمۇ بىزدىمۇ ئاڭ سەۋىيە بولغاندىن كىيىن. نىمىنى تارقىتىشنى نىمىنى تارقاتماسنى ئۆزىمىز بىلەلەيتۇق....

مەسىلەن مەن. ماۋۇ يەردە مانداق ئىش بوپتۇ ئۇيغۇر بولساڭ تارقات دەپ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارسام چوقۇم تارقىتىدىغانلار چىقىدۇ... دىققەت قىلىدىغان تەرەپلەر ئەسلى مۇشۇ ئىدى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99873
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:05:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېگەنلىرىڭىز ناھايىتى ئ‍ورۇنلۇق قېرىندىشىم ! مېنىڭچىمۇ ئ‍اق - قارىنى پەرىق ئ‍ەتمەي ئ‍ۆگىنىۋەرمەي، ئ‍ۆگىنىشكە تىگىشلىكىنى ئ‍ۆگىنىش كېرەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2971
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:06:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا! ئابدۇللانىڭ بىلىتى بىكالىق تارقىتىلىپتىما؟ ئۇ يەرگە چىققۇچە بىزنىڭ يىزىغا كىلىپ قۇيسىچۇ  ھەقلىق بۇلسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7819
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 5959 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:09:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەق ياقتۇرغانغا چاۋاك چالسا، خۇشاللىغى ئۈچۈن پۇل خەجلىسە تامامەن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىگى. كىملەر كەلمىدى شىنجاڭغا ، تۈركلەر كەلسە نېمە بوپتۇ..؟! قاچان تۈگەر بىزدىكى مۇشۇنداق پىتنىخورلۇق، ئەبگالىق..؟؟!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7347
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1782 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:13:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا-اللا، بۇ تۈرك يېقىنلار مېھماننىڭ ھۈرمىتىنى قىلمايدىغانلاردىنمۇ - نېمە! ئابدۇللايىمىزدەك ئادەملىرىمىزگە بىرەرسى ھەمراھ بولۇپ سەھنىگە چىقىشىپ بەرمىگىنى تازا بولماپتۇ! ئەمدى يۈزىمىزنى داپتەك قىلىپ بېرىۋەرسە بولىدىغان ئوخشايدۇ بىزنىڭ ئاغىينىلەرمۇ!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8667
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1967 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:21:00 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 11:09 AM
خەق ياقتۇرغانغا چاۋاك چالسا، خۇشاللىغى ئۈچۈن پۇل خەجل ...


ياشىسۇن ئەركىنلىكىڭىز ، ئون يىل ، يۈز يىل ، تۈمەن يىللار ياشناپ كەتسۇن 。
بۇنى يازغۇچى قىرىندىشى قاتارىدا كۆرگەچكە مۇشۇنچىلىك گەپلەرنى يىزىپتۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mercury تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 11:21 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:48:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما تېما يۈرەكتىكى گەپلەرنى قىلىپتۇ جۇما !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:56:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىت كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە ئۆز يۇتۇڭدا ئۇلتان بول ، سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ  قەدرىنى خەق قىلماپتۇ ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش