مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 6

ئوغلۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59865
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 10:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئوغلۇم


ئۆمەر قوشتۇر



كۆز ئاچقان ئىدىڭ ئوغلۇم سەھەردە،

ئاينى ئاسماندىن ئۈزۈپ بەرگەندەك.

ئـېـغـىـزلانـدۇرغــان نـاۋات سـۈيـىــدە،

رەھمەتلـىـك موماڭ ئانـا كەپتەردەك.


دېگەنتى ئوغلۇم مەڭزىڭگە سۆيۈپ،

تاتلىق سۆزلىگىن ناۋات قوشقاندەك.

تۇنجى ئوزۇقۇڭ بولسۇن ساپ مېغىز،

سۆزلىگىن تاشتـا ياڭاق چاققـاندەك.


دېگـەنتـى بوۋاڭ قانسـۇن ئـوغـۇزغـا،

بـاتـۇر بـولـىــدۇ بـۆرە-قـاپـلانـدەك.

تۇپراققا ياققان جىسمىڭنى ئۈچ رەت،

روھىڭغـا ئالتۇن مۆھـۈر باسقـاندەك.


ئۇلـۇغ بوۋاڭـنىـڭ ئىسـمـىنـى سـاڭـا،

يادىكار بولسۇن ئات قىلىپ قويدۇق.

ئوغـۇللـۇقىڭـنىـڭ ھۆرمـىتـى ئۈچۈن،

يۇرتقا توي بېرىپ بىر تۆگە سويدۇق.


مېنـى بۆلـىگـەن كونـا بۆشۈكـكـە،

بۆلىـدۇق سېنـى-راسلىـدۇق سـاراي.

سەبىيـلىكىمـنـى سېغىنغـان چاغـدا،

ئوغلۇم سېنىڭدىن ھىدىمنى پۇراي.


تاتلىق كۈلۈشۈڭ ئوخشار ئاناڭغا،

ئۆينىڭ يوپيورۇق چىرىقى ئوغلۇم.

قـاپـقـارا كۆزۈڭ تارتـىـپـتـۇ مـېـنـى،

كۆزۈمنىـڭ نۇرى-قارىقـى ئوغلۇم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 10:03 PM  


بۇ جاھان ئىنساننى ھەر كويغا سالدى،
گاھىدا ماتەمگە ، گاھ تويغا سالدى.
تۈنۈگۈن توقلۇقتا كېرىلگەنلەرنى،
بىر بۇردا نان ئۈچۈن نى ئويغا سالدى.    ___خاتىرەمدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4420
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 999 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 10:09:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ،ئوغۇل دىگەن ئائىلىنىڭ يىلتىزى،ئۇلۇغ ئاللاھ ئوغلىڭىزغا ئىمان،ئىنساپ-ھىدايەت بەرسۇن! ئامىن!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13220
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 10:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ پاھ پاھ بۇ شېئىرنى ھەقىقەتەن ماختاشقا تېگىشلىك. بىر قېتىملا ئوقۇدۇم، شېئىر يازساق مانا مۇشۇنداق تىلى يەڭگىل، سۈزۈك، چۈشىنىشلىك شېئىرلارنى كۆپرەك يازساق بولاتتى. شېئىرنى تاللاپ ئوقۇيدىغان ئادىتىم بار ئىدى، ئەمما بۇ شېئىر بۈگۈن ئوقۇغان شېئىرلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى شېئىرلارنىڭ قاتارىدا دېسەم يالغان ئەمەس. كۆپ تەشەككۈر! تىما ئىگىسىگە داۋاملىق سۈزۈك مەنزىل يار بولغاي!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20288
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2299 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 10:41:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىغا تەشەككۈر...

ئىسىل شېئىرلىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرۇڭ...
قەلەملەر بەركەتلىك بولغاي

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17982
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 02:57:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈر! تىما ئىگىسىگە داۋاملىق سۈزۈك مەنزىل يار بولغاي!
باركاللا ئاپرىن

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59865
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:35:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارغا رەھمەت . بۇ مېنىڭ دادام يازغان شېئىر ئىدى ، مەن يوللاپ قويغان .   ئىنكاس، پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر!

بۇ جاھان ئىنساننى ھەر كويغا سالدى،
گاھىدا ماتەمگە ، گاھ تويغا سالدى.
تۈنۈگۈن توقلۇقتا كېرىلگەنلەرنى،
بىر بۇردا نان ئۈچۈن نى ئويغا سالدى.    ___خاتىرەمدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103087
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 09:42:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل شۇنداق ئاتىنىڭ شاتلىقى !  ئىمانلىق ۋە بەخىت ئېگىسى بولسۇن!!!

[/cئۆلۈم يېتەرلىك نەسىھەت!!!olor]
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش