ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 6- كۈنى سىنىپىمىزدا ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقى خاتىرلەندى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، مەكتىپىمىزگە تۇرپاندىن پىراكتىكا قىغىلى كەلگەن بىر مۇئەللىم، ئۆزىنىڭ ئابدۇخالق ئۇيغۇر ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەنلىكى، ھەمدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىردىن باشقا، يەنە " باقاكامنىڭ دەردى" ناملىق بۇ ھېكايىنى يازغانلىقىنى، كېيىن بۇ ئەسەر تۇرپان ژورنىلىدا قايتا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېيىتقان. مەن ئىزدەپ- سوراپ مۇئەللىمدىن بۇ ماقالىنى كۈپەيتىۋالغان ئىدىم. بەلكىم كۆپ تورداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا مۇنبەرگە تېما شەكلىدە يوللىدىم. كۈرۈپ باققايسىلەر!
باقى ئاكامنىڭ دەردى
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
بىزنىڭ مەھەللىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە بىر كەمبەغەل ئائىلە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. باقى ئاكام شۇ ئائىلىنىڭ باشلىقى بۇلۇپ، ئۆزى 40 ياشلار چامىسىدا، قار. كۆرەڭ يۈزلۈك ئارا بويلۇق،كۆزلىرى تىرەن-تىرەن، چىرايىدىن پەقەت كۈلكە چىقمايدىغان قاش كىرپىكلىرىدىن بىر تۈرلى ھەسرەت ۋە بىر تۈرلى مەيۈسلۈك تۈكۈلۈپ تۇراتتى. ساقاللىرى ھەر تەرەپ شاخ-شاخ بۇلۇپ توزىغان ھالەتتە تەرتىپسىز، ھەتتا يىل،ئاي،ھەپتىلەردە بىرەر مەرتىۋە ساتىراچخانىنىڭ ئىشىكىگە يۇلۇقمىغاندەك كۈرۈنەتتى. باقى ئاخۇننىڭ ئائىلىسىدە خوتۇنى روزىخان ۋە 16 ياشلىق قىزى مەسەۇمخان ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغۇللىرىدىن ھاشىم، نۇرالىدىن، ۋاجىدلەر بۇلۇپ مەزكۇر ئائىلىدە باقاخۇن بالىق يەتتە جاندىن ئىبارەت ئىدى.
باقى ئاخۇن ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ھەر يىكى يازدا ئىشلەپ تاپقىنىنى ئىقتىساد قىلىپ، قىشتا يەپ دېگەندەك ئارانلا تۇرمۇش كەچۈرۈپ يۈرەر ئىدى. قىش كۈنلىرى بولسىمۇ بەزى بايلارنىڭ يەڭگىل ئىشلىرى چىقىپ قالسا ئاندا-ساندا قىلىپ پۇل تاپار ئىدى. ئۇندىن باشقا توي-تۆكۈن ئولتۇرۇشلاردا ۋايىزلىق قىلىپ، ناخشا ئېيىتىپ قىلار ئىدى.
كەچكۈ كۈز كۈنلىرى ئىدى. ئۈزەمنىڭ بىر ئىشى ئۈچۈن باقى ئاخۇننىڭ مەھەللىسىگە باردىم. ئىشكى ئالدىدا كۈرۈشۈپ قېلىپ، ئۆز-ئارا سالام قىلشىپ بولغاندىن بىر ئاز سۆھبەتلەشىنپ قالدۇق. ئاندىن سۆز ئاچتىم.
- باقى ئاكا ئەھۋالىڭىز قانداق؟ ياخشى كىتىپ بارامسىز؟
- ھەي ئۇكام، بۇ يىل – يىل قاتتىق بۇلۇپ بىز كەمبەغەللەرگىلا كەلدى.ھەريىلى مۇشۇنداق كۈزنلەردە ئانچە-مۇنچە ئىشلەپ، « ئىشلىسەڭ، چىشلەيسەن» دېگەندەك قىشلىق ئۇزۇقىمىز ئۈچۈن ئاز- تولا بىر نەرسە توپلاپ ئالدىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدىكى بالىلارمۇ ئورما ۋاقتىدا ئاز-تولا باش تېرىپ، ئېتىزدىن لاۋا-لۇتقا يىغىپ بىر ئاز ھەرىكەت قىلىپ چەرخ ئىگىرىپ بوز تۇقۇپ دېگەندەك پارچە- پۇرات ئىشلارنى قىلىپ ھەريىلى خېلى نەرسە توپلاپ قىش خېلى ياخشى ئۆتەتتى، بۇ يىل بولسا يىل شۇنداقمۇ؟ باشقا كەلگەن ئىشمۇ بىلمەيمەن بالىلارنىڭ ئانىسى ياز بۇيى كېسەل بۇلۇپ كىسەلدىن ساقىيالماي، كېتىپ ياتادۇر.ئىككىنجىدىن قىزىم مەسۇمخان ھەم چوڭ بۇلۇپ قىلىپ تالا تۈزگە چىقالماي ھەم ئانىسىنىڭ كىسىلىگە قاراپ، تاپقىنىنى ئۇكىللىرىگە يىگۈزۈپ ئۆيدە ئولتۇردى.شۇنىڭ بىلەن تارپقان ئاشلىق بالىلارغا كەتتى، تاپقان پۇل بىلەن ئاپىسىنى داۋالاتتىم ھېيىت كۈنلىرى ھەم ھېيىت قىلالمىدۇق. كىيىم كىچەكنى بولسا ئۆتكەن يىللاردا بايلاردىن سوراپ كېيگەن، ئەمما بۇيىل يىل قاتتىق بۇلۇپ ئۇلارمۇ بەرمىدى. كىيىم ھەم كىيمىدۇق. ھازىر ئۆيگە قارىسىڭىز ئۆينىڭ توت تېمىدىن بۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. يېمەكلىكىمىزگە ساڭدىكى يەتتە شىڭ قۇناقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق. ئىشلەي دېسەم قېرىلىق يېتىپ قالدىمىكىن بېلىم ئاغرىدۇ. ئەمدى ھېچ بىرەر ئېلاج قىلالماى بىشىم قېتىم. بۈگۈن مۇشۇ يەردە سۇپا تۆپىسىدە ئاپتاپ سۇنۇپ خۇداغا شۇكىرى دەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ــ ئەلۋەتتە، شۇ چوڭ قىزىم مەسۇمخان ئۇغۇل بولغان بولسا ماڭا ياردەمدە بولار ئىدى. ئوغۇللىرىم بولسا ئەڭ چوڭى سەككىز ياشتا. ئىشتىن كېلىپ، ئۆيگە كىرسەم ئاران نان دەيدۇ. ئۇلارنى بۇيىل تويغۇزۇشقا كۈزۈم يەتمەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ياراتقان ئىگەن رىسقىمنى يەتكۈزۈپ بىرەر دەپ ئولتۇرىمەن. ئۇھ...! خۇداغا شۇكرى!- دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. مەنمۇ ئارتۇقچە سۆز قىلىشنى قۇيۇپ،ــ ئويلانماڭ، تۇرمۇشتىن قىينالمايسىز، - دەپ بىر مۇنچە ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ كۆڭلىنى يۇرۇتۇپ ئۆز ئىشىمغا ماڭدىم.
قىش كۈنلىرى ئىدى، كەچ بىلەن تالاغا چىقسام پۈتۈن يەرجاھاننى قار قاپلىغان ئاسمان يۈزىدە بىرەر پارچە بۇلۇتمۇ يوق. يۇلتۇزلار تۇرۇپ يىراقتىكىدەك،تۇرۇپ يېقىندىكىدەك پارقىراپ كۈرۈنەتتى. ئاينىڭ ئۆن تۆتىنچى، ئون بەشىنجى كېچىللىرى تۈن سۈتتەك ئايدىڭ. جاھاننىڭ ئىچى، جىم-جىت بىر ھالدا، جەنۇپ مەھەللە تەرەپتىن توي ئۈستىدە ئېيتىلدىغان قوشاقلار ئېيتىلىپ تۇرۇپ-تۇرۇپ «مۇبارەك ئىلە» دېگەن ئاۋاز چۇقانلىرى كۈتۈرلۈپ تۇرىدۇ.
شۇ ئارىدا بىر ئاتلىق كىلىپ:
- سىلىنى بۈگۈن ئاخشام مەشرەپكە ئېيتىپ كەلدىم. پات يۈرسىلە ! – دەپ ئۆيگە كىرىشكە ھەم قويماي، ئارقىسغا مېنى مىندۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى.باردىم، قارىسام باقى ئاخۇن ئاكامنىڭ مەھەللىسى ھەم شۇلارنىڭ خوشنىسى زەپەر ئاخۇننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. ئاتتىن چۈشۈپ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئۆيگە كىرسەم، ئۆينىڭ ئىچىدە بەك كۆپ ئادەم ئولتۇرىدۇ. ئولتۇرۇشتا بىر ئاز تەرتىپ بولسىمۇ ئۆينىڭ ئىچى چاڭ- تۇپا، بىر تەرەپتىن تاماكا ئىدى. يەنە بۇلۇڭدا ئىككى ئادەم ئولتۇرۇپپ قەدىمكى ناخشىلارنى ساتار ۋە داب بىلەن ئېيىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مېنى يۇقىرىغا ئۈتۈشكە تەكلىپ قىلدى. « خوش» دېدىم-دە، مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. قارىسام زەپەر ئاخۇننىڭ تۇيى ئىكەن. بۇنىڭغا ھېلى باقى ئاخۇننىڭ قىزى مەسۇمخاننى نىكاھكا بىرىپتۇ.
بۇ مەھەللىدە نەغمىچى ھاپىزلار كەم بولغانلىقتىن ، باشقا يەردىن ئېلىپ كىلىنىپ ، شۇ كىچىسى مەشرەپ قىلغان ئىكەن.
مەشرەپ قىززىدى. نەغمىچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى چىققانچە قۇيۇپ بىرىپ:
فەلە جەبرى يامان ئىكەن،
باشىمغا سالدى كۆپ سەۋا.
دەردى كۆپ جاھان ئىكەن،
كۆڭۈلگە سالدى كۆپ غەۋغا.
جەفا جورى ئەلەم چەكتىم،
كىمگە ئەرز ئەيلەرمەن.
غېرىپلىقتا سىتار چالدىم،
ئۆزۈم ئېيىتقانچە يىغلارىمەن.
دەپ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىنىشلىق ناخشىلارنى ئېيىتماقتا. بىر ئاز ئېيتقاندىن كېيىن نەغمىنى توختىتىپ، دەستىخان سېلىپ تەييارلىغان توي تائامىنى مېھمانلارغا بەردى. تەييارلىغان تائامى شويلا بۇلۇپ، شويلا ئېچىلىپ دۇئادىن داستىغان يېىغىلىپ ھەممە ئۆز ئۆيلىرىغا قايتىشتى. مەن ھەم قايىتتىم.
بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن سوڭ ئىچىم پۇشۇپ باقاكام بىلەن پاراڭلىشىپ كىلەي دەپ ئۆيىگە بارغان ئىدىم. ئۆيگە كىرىشىم بىلەن تەڭ مېنىڭ ئارقامدىن تۇرمۇشقا چىققان قىزى مەسۇمخان بىر پارچە خەت كۈتۈرۈپ يىغلىغان پېتى ئۆيگە كىرىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن باقاكام، پىشانىسىنى سېلاپ:
- نېمە بولدى؟ يېىنىپ كەپسىزغۇ؟- دېدى.
قىزى جاۋاب بەرمەستىن يىغلىدى. ئانىسى زورىخان:
-نېمە بولدى قىزىم، ئۇرۇشتۇڭلارمۇ؟ نېمە يىغلايسەن؟ قۇلۇڭدىكى نېمە خەت ؟ دەپ سورىغان ئىدى. سوڭ قىزى:
- نەچچە كۈن بولدى ئۆيدە ھەر كۈنى ئۇرشىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئاز دېگەندە 7- 8 قېتىم ئۇرۇشتۇق، « ئۆي ئىشىنى ياخشى قىلمايسەن، سۆزنى ئاڭلمايسەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇششاق سۆز تاپىسەن دەپ ئۇردى.ئىككىمىز قاتتىق ئۇرۇشۇپ ، مېنى ئۇرغاندىن كېيىن، خېتىمنى ئېلىپ يېنىپ كەلدىم.-دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان باقاخۇن بىچارە، نېمە قىلىىنى بىلمەۇ، ماڭا قاراپ يىغلىدى،...
- ئۇكام،ئۇلارنىڭ تۇيىنى قىلغىلى ئەمدى بىر ئاي بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئارسىدا ئۇششاق-چۈششەك سۆز كۆپ ئۈتۈلۈش نەتىجىسىدە،كۆيۈسى زەپەر ئاخۇن ئاخۇن بىلەن كۆپ ئۇرۇشۇپ،بەزىبىر كېلىشمەسلەك ئىشلىرى بۇلۇپ بىر قانچە مەرتىۋە قېچىپ كەلگنىدى. بۇ توغرىدىن مېنى ھەم ئارامىمدا قويماي، ئاتا-بالا بىرقانچە نۆۋۋەت دەۋاغا باردۇق. مانا كۈرۈڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇ بولدى. ھازىر جاھاننىڭ ئىچى قىستاڭچىلىق.بىز كۈندە تاپقاننى كۈندە يەيدىغان ئادەم. تۇرمۇشنىڭ دەردىن تارتالماي تۇرغان مەزگىلدە، ئەمدى بۇ دەرىتقى قانداق تارتاي-، دەپ يىغلىدى.
شۇ ئارىدا خوتۇنى روزىخان:
- نېمىگە يىغلايسىز، خېتىنى ئېلىپ كەلگەن بولسا بوپتۇ. ئەر كەممۇ؟ - دېدى. بۇ تۇزى يوق گەپنى ئاڭلىغان باقاخۇن:
- بۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان سەن ئىكەنسەن- دەپ خوتۇنىنى ئۇرۇپ، چىقىرىپ ئېلىپ خېتىنى ئالسا ئالسۇن دەپ كىمگە بەرمەكچى ئىدىڭ؟ بىردىن چىقىرىپ بىرىگە بەرسەك ياخشىمۇ؟ ئەر كۆپ سەنمۇ ئۆيدىن چىق،- دەپ خوتۇنى روزىخاننى ھەم ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. نەتىجىدە 4 بالىسىنى يىتىم قىلىدى...
1923-يىلى يېزىلغان
داۋامى تېپىلمىدى
1947 –يىلى 23-نويابىر «شىنجاڭ گېزىتى» ، « ئەدەبىيات گۈللۈكى» بېتىدە ماخمۇت ئەكبەر ئېلان قىلغان.\
تۇرپان ژورنىلىنىڭ مەلۇم يىللىق 1- ساندىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 09:38 PM