مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2322|ئىنكاس: 37

رازۋېدكا خاتىرىسى— بىنادىن تاشلىنىش دېلوسى (3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 06:19:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فاسەينى دېلو پاش قىلىشقا تەكلىپ قىلىش؟
جى لىڭ گې فاسەينىڭ تازا چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ داۋاملىق دېدى: «مەن بىر ئاۋارىچىلققا يولۇقتۇم.بىر مۇرەككەپ دېلونى ئامال بار تېز پاش قىلغۇم بار ئىدى. ئىمكان بار ياردەم قىلغان بولسىڭىز» .

ئەگەر بۇ دېلو مۇنچە مۇرەككەپ بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭمۇ بۇ دېلونى تېزراق پاش قىلغۇسى بولمىغان بولسا ئۇ ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە باشقىلاردىن ياردەم سورىمايتتى.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دېلونىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئۇنىڭ تەھلىل قىلالايدىغان چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن.  ئەگەر فاسەيگە ئوخشاش مۇنداق سالاھىيەتتىكى كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، بۇ دېلوغا شۇنداق ماس كېلىدۇ.
شۇڭا ئۇ فاسەيدىن ياردەم سوراۋاتىدۇ.

فاسەي بۇچاغدا قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى بىرچەتتىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ، ئىككى قولىنى كىرىشتۈرۈپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشىكىگە يۆلىنىپ، ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ تۇرۇپ دېدى «باھاسىنى ھازىر دېمەي تۇراي. سەن مېنىڭ قانداق ياردەم قىلىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىسەن؟ ».
جى لىڭ گې بۇ سوئالنىڭ ئېنىق جاۋابىنى ئويلاپ باقمىغان. ئۇنىڭغا ھازىر  كېرىكى پەقەتلا بىر ئىقتىدارلىق دېلو يېشىش ماھىرى.
فاسەي ئەگەر بۇ تەپەككۇرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا، كىم بىلىدۇ، بۇ مۇرەككەپ دېلونى ئويۇن ئورنىدا ئوينىۋېتەمدۇ تېخى!
«جىنايەتچىنى جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرىسىز» دېدى جى لىڭ گې.
مۇشۇنداق مۈجىمەل سوئالغا ئۇمۇ مۇشۇنداق مۈجىمەل جاۋاپ بەردى. لېكىن قالغىنى يەنىلا فاسەيگە قالدى.
فاسەي سائىتىگە قاراپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن دېدى «ساقچى خانقىز، سىز دېلونى تېزراق پاش قىلماقچى. لېكىن چۈشتىن كېيىن مىنىڭ مۇسابىقەم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەچچە كۈن ئۇلاپ ئېلىنىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقە. مەنچە بولغاندا، مېنىڭ ۋاقتىم يوق ...»
«سىز مۇسابىقىدىن ۋاز كەچسىڭىز بولامدۇ؟ ئەگەر جىنايەتچى قولغا ئېلىنسا، ساقچى ئىدارىسى سىزگە ...»
«يۈزمىڭ يۈەن»
«ھە؟! »
خاتا ئاڭلىمىغاندىمەن؟ بۇ فاسەينىڭ قويغان باھاسى؟
«بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان چېمپىيونلۇق مۇكاپاتى.— دېدى فاسەي— ئەگەر مېنى ۋاز كەچسۇن دېسىڭىز، مېنىڭ چېمپىيون بولۇشۇمغا دەخلى قىلغان بولىسىز. شۇڭا سىز ماڭا  بۇنى تولۇقلاپ بېرىشىڭىز كېرەك»
چېمپىيون ....يۈزمىڭ؟
جى لىڭ گې بەكلا ھەيران قالدى. ئېلىكتىرونلۇق مۇسابىقىدە پۇلنى مۇشۇنداق ئاسان تاپقىلى بولامدۇ؟!
«بۇنىمۇ ئوڭاي چاغلاپ قالماڭ. چېمپىيونلۇق دېگەننى ھەممە ئادەمنىڭ ئالالىشى ناتايىن. ئىككىنچى بولغانغىمۇ تېگىدىغىنى پەقەتلا ئون مىڭ— فاسەي جى لىڭ گې نىڭ بۇ چۆچۈگەن قىياپىتىنى كۆرۈپ ئاغزىنى پۈشتۈرۈپ قويدى. خۇددى ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى قىززىقالىق ھېس قىلغاندەك— مېنى جىنايەتچىنى ئىقرار قىلدۇر دېسىڭىز ماڭا نىسبەتەن ئويۇننىڭ چېمپىيونلىقىنى  ئالغاندىنمۇ ئاسان ئىش. شۇڭا ماڭا  يۈزمىڭ بېرەلىسىڭىز، مەنمۇ خۇشاللىق بىلەن ھەمكارلىشىمەن. »
يۈزمىڭ مۇ؟ جى لىڭ گې نىڭ ئۇنچىلىك پۇلنى تاپمىقىمۇ ئاسان بىر مۇرەككەپ ئىش.

ئادەتتە ساقچى ئىدارىسىنىڭ بېكىتمىسىدە، بىرىنجى دەرىجىلىك مۇرەككەپ دېلولار ۋە بىرىنجى دەرىجىلىك خەتەرلىك دېلولار پاش قىلىنغاندا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى تەخمىنەن سەكسەن مىڭ ئەتراپىدا. بىراق ھازىرقى بۇ دېلو ئۇنداق بىرىنجى دەرىجىلىك مۇرەككەپ دېلو قىلىپ بېكىتىلگىنى يوق. ئەگەر تېخى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش دېلوسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنسا، بېرىلىدىغىنى ئېشىپ كەتسە نەچچە مىڭ يۈەن. ناۋادا جىنايەتچى تېپىلىپ قالسا، بەلكىم دېلونىڭ دەرىجىسىمۇ ئۆسۈشى مۈمكىن. لېكىن، بىرىنجى دەرىجىگە ئۆسەلىشى مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى بىرىنجى دەرىجىلىك مۇرەككەپ دېلولار ھەرگىزمۇ مۇنداق بىنادىن تاشلىنىش دېلوسىدەك ئاددىي ئەمەس.

جى لىڭ گې قىياس قىلىپ ھېساپلاپ باقتى. ئەگەر قاتىل تېپىلسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغىنى تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدا.
«مەن ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭ بېرەلەيمەن. ئۆزۈم بىر پۇڭمۇ ئالمايمەن. »دېدى ئۇ.
فاسەي بىرئاز سۈكۈتتە تۇردى. قارىماققا ئۇ جى لىڭ گې نىڭ ئۆزى بىلەن چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ باھا تالاشمايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئۇ دېدى «قىززىق ئەمەسكەن» .
ئەگەر جى لىڭ گې «يۈزمىڭ بولسا بولسۇن، لېكىن مۇنداق بىرقانچە تەلىۋىم بار ..»دېگەن بولسا،  فاسەينىڭ ئۇنى بىر ئوينىتىپ قويغۇسى بار ئىدى. لېكىن ئويلىمىغان يېرى، جى لىڭ گې ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىن خېلىلا ياۋاش ئىدى.
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن، ئۇنىڭ  ھەقىقەتەن بىر قىيىن دېلوغا يولۇقۇپ ياردەمگە موھتاج بولغانلىقىنى ھېس قىپ يەتكەن فاسەينىڭ ئۇنى يەنە ئويناتقۇسى كەلمىدى.
يىگىرمە مىڭ بولسا نېمە بوپتۇ؟ ھەر ھالدا ئىككىنچىدىن يۇقىرى ئىكەن.

ئايرىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، فاسەي كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىكتىن چىققاچ سورىدى: «قانداق دېلو؟ جىنايەتچى بەك قۇۋ بولغاچقا مېنىڭ ئۇنى ئىقرار قىلدۇرمىقىم كېرەك بولدىمۇ؟ »
جى لىڭ گې دەرھال سورىدى «قوشۇلدىڭىزمۇ؟ »
«ناھايىتى شۇ مېنىڭ مەشىق ۋاقتىمنى زايا قىلىدىغان ئىشكەن ..ناۋادا جىنايەتچىنى ئىقرا قىلدۇرسام، ماڭا ئون مىڭ بەرسىڭىزلا بولدى» .
تەڭ بۆلۈشسە، ئۇمۇ ئىككىنچى بولغانغا باراۋەر بولىدۇ. جى لىڭ گې مۇ زىيان تارتمايدۇ.
بىراق مەسىلە شۇكى، جىنايەتچى جىنايىتىنى ئىقرار قىلامدۇ؟ بۇنىڭدا يەنىلا فاسەيگە قارايمىز.
«فامىلەم جى، مىڭ خەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ رازۋېدكا ساقچىسى» دېدى جى لىڭ گې ۋە ئوڭ قولىنى چىقىرىپ فاسەيگە تەڭلىدى.
فاسەيمۇ قولىنى چىقاردى - يۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەستىن ئەكىسچە قولىغا يېنىك بىرنى شاپاللاپ ئۇرۇپ، چاۋاك ئاۋازى چىقاردى.
«Farsight.  مەن  Act  ھۇجۇم ئەترىتى,2 پىلانتىنىڭ ئەزاسى. Terron مىللىتىدىن(يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئويۇندىكى تۈرلەر ۋە ئىسىملار. ) »
ئۇ دەپ بولۇپ جى لىڭ گې دىن جىنايەتچىنىڭ نەدىلىكىنى سورىغان ئاساستا «ماڭا ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بېرىڭ. ئاندىن ئۇدۇللا بېرىپ ئۇنى ياسايمىز»
ئاقىۋەتتە جى لىڭ گې جىنايەت گۇماندارىنىڭ تېخى تېپىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
تېپىلمىدى؟ باياتىن بېرى ئۇ ئىزچىل جىنايەتچى تۇتۇلۇپ بولغاندەكلا سۆزلەۋاتاتتىغۇ؟
بىر گەپتە فاسەينىڭ ئىچى سىقىلدى. جى لىڭ گې ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئۇنى ئالداش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى، فاسەينىڭ خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
دېمەك، بۇ دېلونى تېخى باشتىن باشلاپ تەكشۈرۈش كېرەك.
«ئەمىسە تېخى مېنىڭ ئىشىم يوقكەن» دېدى جى لىڭ گې نىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرغان فاسەي.
«ياق، خاتالاشتىڭىز. قىلىدىغان بىرىنجى ئىش دەل سىزنىڭ ئىشىڭىز»
«نېمە ئىش؟ »
«چېچىڭىزنى قارا بويايمىز»
«ياق،  بويىمايمەن»
«سىز ساقچىلارنىڭ ئىشىنى قىلىسىز. شۇڭا بۇ پېتى تۇرسىڭىز بولمايدۇ» .
«قىلمايمەنا ...»
«مەن سىزنىڭ قوشۇلمايدىغىنىڭىزنى بىلىمەن. شۇڭا سىزنىڭ باشقا رەڭدە بويىشىڭىزغا قوشۇلىمەن. لېكىن، چوقۇم تاق رەڭدە بولۇشى كېرەك. بولمىسا بەك كۆزگە چېلىقىپ قالىدىكەن. بۇ بىزگە پايدىسىز بوپ قالىدۇ. »

جى لىڭ گې ئويلىدى. فاسەي چېچىنى قارا بويىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بۇ تۇرقى يەنىلا قالايمىقان تۇرغىنى تۇرغان. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلسا، مەيلى كىم كۆرمىسۇن، نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلار قاتارىدا كۆرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بىرىنجىدىن، ساقچى ماشىنىسى ھەيدىسە بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ساقچى ئەترىتى ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرسىمۇ بولمايدۇ. ئىككىلىسى پەقەتلا ئادەتتىكى پۇقرا شەكلىدە كىيىنىپ يۈرۈشى كېرەك.شۇڭا ئۇ ئىشنى باشلاشتىن ئاۋال ئۆزىنىڭ خىزمەت فورمىسىنى ئالماشتۇرىۋېتىش بىلەن بىرگە يەنە فاسەينىڭ چېچىنى بويىماقچى.
فاسەي كېيىن ئۇنىڭغا چېچىنى يېشىل بويايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ساتىراش دەماللىققا يېشىل رەڭلىك بوياقنى تاپالمىغاچقا، ئۇنى مىڭ تەسلىكتە چېچىنى قېنىق كۆك رەڭدە بوياشقا ماقۇل كەلتۈردى.
جى لىڭ گې مۇ ياتىقىغا بېرىپ ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيىپ، ساقچىلىق ئىزنىكىنى ئالدى - دە، ئادەم يوق تىنىچ بىر جايدا فاسەيگە دېلو ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى:
ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى لومەن. 23ياش، يالغۇز كىشىلىك تۇرالغۇدا تۇرۇشلۇق. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى سائەت 23:07 ئۆتكەندە، گۈيخەي گۈللۈكى مەيدانىدا بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن. ئۆلگەن ۋاقتىدا ئۆينىڭ ئىشىكى ئىچىدىن تاقاقلىق بولۇپ، ئىشىك ئاچقۇچى جەسەتنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويۇلغان.
«ۋاي، سىرلىق ھۇجرا ئىكەنغۇ» دېدى فاسەي.
«ياق ئۇنداق ئەمەس— جى لىڭ گې داۋاملىق سۆزلىدى— بۇنى سىرلىق ھۇجرا دېلوسى ئورنىدا كۆرۈپ قىلىش، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش دېلوسى ئورنىدا كۆرۈپ قېلىشىغا ئوخشايدۇ. ئۆلگۈچى دەرۋەقە گۈيخەي گۈللۈكى بىناسىدىن چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېنىق قايسى ئۆيدىن چۈشكەنلىكىنى جەشىملەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. »
باشقىلارنى سىرلىق ھۇجرا دېلوسى دەپ ئويلاندۇرۇپ قويغىنى، ئۆلگۈچىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ئۆينىڭ ئاچقۇچى .بىراق جى لىڭ گې نىمۇ گۇمانلاندۇرغىنى يەنىلا شۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچى .
بىنادىن سەكرىۋالسا نېمىشقا ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى بوينىغا ئېسىۋالىدۇ؟
ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بىنادىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچى، ئۆي ئاچقۇچىنى ياۋاشلىق بىلەن ئۆينىڭ مەلۇم بىر يېرىگە قويۇپ قويسا ئاندىن ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا جى لىڭ گې ئويلايدۇ، بۇ،  چوقۇم قاتىلنىڭ ئوينىغان ئويۇنى. قاتىل بۇ ئاچقۇچ ئارقىلىق ئىشىكنى سىرتىدا تۇرۇپ ئىچىدىن تاقىغاندەك تاقىۋىتەلەيدۇ. ئاندىن ئاچقۇچنى بوينىغا ئاسقان ئۆلگۈچىنى يەنە بىر تەرەپتىن تاشلىۋېتەلەيدۇ. شۇ سەۋەپ ساقچىلارغا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغاندەك خاتا تۇيغۇ بېرەلەيدۇ. جى لىڭ گې دېدى: «جەسەت تەكشۈرۈش ئىسپاتىغا قارىغاندا، ئۆلگۈچى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەن. شۇڭا باشقىلار ئۇنى مەستلىكتىن بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن دەپ  يەكۈن چىقارغان.بىراق كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەنلىكنىڭ ئۆزى،مەنچە بولغاندا  بۇنىڭ بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى قاتىل ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچۈرگەندىن كېيىن ئۇنى ئاسانلا ئىتتىرىپ تاشلىۋېتەلەيدۇ. »ئەينى چاغدا ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسى ئوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، جى لىڭ گې بۇنى قاتىلنىڭ «ئۆلگۈچى ئۆيىدىن سەكرىگەن» دېگەندەك بىر نەتىجە قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يالغاندىن «نەق مەيدان» ياسىغانلىقىنى ئەۋزەل بىلدى.
دېمىسىمۇ، ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدىكى ئۈستەل ئۈستىدە پەقەت بىر دانىلا  ھاراق رومكىسى ۋە بىرقانچە قۇرۇق ھاراق بوتۇلكىسى قويۇلغان ئىدى. قاتىل ئېنىقلا يەنە بىر رومكىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن.
ئۇنىڭ ھېچقانداق ۋەسىيەتنامە قالدۇرمىغىنى ھەمدە نېمە ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز مۇنچە كۆپ ھاراق ئىچكەنلىكىمۇ ئەقىلگە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس.

ئۇنىڭدىن كېيىن جى لىڭ گې ساقچىلارنى باشلاپ ئۆلگۈچىنىڭ كىشىلىك ئالاقە تورىنى تەكشۈرگەن. ئاقىۋەت ئۇ تېخىمۇ چوڭ بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەن:
ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدىن، ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق - تۇققان، دوست - بۇرادەرلىرىگە ئائىت ھېچقانداق ئالاقە ئۇچۇرى تېپىلمىغان. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ئۆيگە مۇقىم تېلفون ئورنىتىلمىغاندىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ يان تېلىفونىمۇ تېپىلمىغان. چاتاق تېخى بۇلارلا  ئەمەس، ئۇلار ئۇنىڭ خىزمەت كىنىشكىسىنىمۇ تاپالمىغان. كېيىنچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ لومەن ئىسىملىك ئۆلگۈچىنىڭ ئەسلى بۇ مىڭخەي شەھىرىنىڭ ئادىمى ئەمەسلىكىنى، ئەسلى يۇرتىنىڭ يىراق بىر جايدىكى بىر سەھرا ئىكەنلىكىنى، بىردىنبىر تۇققىنىنىڭ ئۇيەردىكى قېرىلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ھازىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىۋاتقان دادىسى ئىكەنلىكىنى؛ لومەن ئۆزىنىڭ ھېچقانداق خىزمىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەن. بىراق بۇلار يەنە بىر گۇمانلىنىش نۇقتىسى:
ئۇ تۇرىۋاتقان بۇ گۈيخەي گۈللۈكى شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئۆي ئىجارىسى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىدەك ئەرزان ئەمەس. ئۆي خوجايىنىمۇ ئۆلگۈچىنىڭ قارىماققا بەكلا باي ئىكەنلىكىنى، ئۆي ئىجارىسىنى ئەزەلدىن كەينىگە سۆرىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگۈچىنىڭ بۇ نەپىس بېزەلگەن ئۆيىدىن يەنە تېخى نۇرغۇن ئىلغار بولغان ئېلىكتىر بۇيۇملىرى بىلەن ئاياللار بۇيۇملىرى تېپىلغان.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىزمىتى يوق، دادىسى سەھرادىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىۋاتقان بىر ئايال سېتىۋالالامدۇ؟
يەنە بىر مۇھىم گۇمان نۇقتىسى شۇكى، ئۆي ئىچىدە شۇنچە كۆپ ئىلغار بولغان ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى تۇرغان يەردە نېمىشقا ئۆلگۈچىنىڭ تېلفونى بايقالمايدۇ؟ ئەجىبا ئۇنىڭ راستتىنلا تونۇش ئادىمى يوقمۇ؟ ئۇنىڭ پۇللىرى نەدىن كەلگەن؟ مۇنداق كىشىنىڭ ئالاقە قورالى ئىشلەتمەسلىكى مۈمكىنمۇ؟
«دېمەك ئۇنىڭ چوقۇم تونۇش ئادەملىرى بار. بىز ئۇنىڭ تېلفۇنىنى تاپالمىدۇق، بىراق بۇ ئەكسىچە بىزگە بۇنىڭ ئېنىقلا بىر قاتىللىق دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى ئۆلگۈچىنىڭ يان  تېلفونى ...»
«قاتىل سوقۇپ ئەكەتكەن» دېدى فاسەي. قاتىل چوقۇم ساقچىلارنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ كىشىلىك ئالاقە تورىنى تەكشۈرىشىدىن ئەنسىرىگەن.
«پەقەت بىز ئۇنىڭ تېلفونىنى تاپالىساق ..ياق، تېلفونى بولمىسىمۇ، تېلفون نومۇرىنى تاپالىساقمۇ ئۇنىڭ تېلفون ئالاقە خاتىرىسىنى تەكشۈرەلەيمىز. تېلفوننىڭ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى تېلفوننىڭ قاتىلغا تولىمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. »
بىراق ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ تېلفون نومۇرىغا ئائىت ھېچقانداق خاتىرە ياكى تېلفون دەپتىرى تېپىلمىغاچقا،  تەكشۈرۈشكە ئامال بولمىغان. تەكشۈرۈشكە بولىدىغىنى، پەقەتلا ھېلىقى ئىلغار بولغان ئېلىكتىر بۇيۇملىرىنى قايسى دۇكاندىن سېتىۋالغانلىقى.

«بۇ ئەسقاتمايدۇ، ئادەتتە پىرگازچىكلار ئاساسەن كىمنىڭ ئالغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمايدۇ» دېدى فاسەي.
«ياق، دەرۋەقە بىرسى باركەن» دېدى جى لىڭ گې. ئۇ ئۇ ئۆيدىكى ئەڭ قىممەت، ئازساندىكى كىشىلەر ئالىدىغان سىفىرلىق بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سېتىلىش خاتىرىسىنى تاپقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ بىر تال سېتىلمىقى تەس بولغاچقا، پىرگازچىك ئەينى چاغدا سېتىۋالغان كىشىنىڭ تەسۋىرىنى ئېسىدە تۇتالىغان.
دېيىشىچە، 30ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر كىشى ئىكەن.
«ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ كىشى نەق پۇل تۆلەپ ئاپتۇ. ھېسابات نومۇرىنى قالدۇرماپتۇ ...ئەگەر ئىناۋەت كارتىسى ئىشلەتكەن بولسىلا ياخشى بولاتتى. »جى لىڭ گې شۇتاپتا ئۆزىنى ئۇۋالچىلىق تارتقاندەك بىچارە ھېس قىلىۋاتاتتى.
ھەرھالدا، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى لومەننىڭ دوستى يوق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ.
«رەسىمى چۇ؟ »دېدى فاسەي.
جى لىڭ گې ئۇنىڭغا لومەننىڭ رەسىمىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بەردى.
«چىرايلىقكەن. شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئۇنى جايلىغۇسى كېلىپ ئۇنىڭغا نەرسە سوۋغا قىلىدۇ» دېدى فاسەي.
ئۇنداقتا بىر ئەركىشىمۇ ياكى بىرمۇنچە ئەركىشىمۇ؟ كىملەر؟ بۇلارنى يەنىلا تەكشۈرۈشكە ئامال يوق.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ دېلو مۇشۇنداق يېرىم يولدا ئۈزۈلۈپ قالغان. بىراق جى لىڭ گې فاسەيدىن ياردەم سورىغاندىكىن، چوقۇم يەنە ماڭغىلى بولىدىغان بىر يول مەۋجۇت. بىراق، بۇ يولدا مېڭىش بىر قەدەر قىيىن. بۇ نۇقتىنى خېلى بۇرۇنلا ئويلاپ يەتكەن فاسەي ئۇنىڭ دېيىشىنى ساقلاپ تۇرماقتا.
جى لىڭ گې  دېدى: «بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ئىدارىدىكى بەزى ساقچىلار بىلەن بۇ دېلونى تەھلىل قىلىۋېتىپ، بۇ دېلوغا بەكلا توغرا كېلىدىغان بىر ئىشنى ئاڭلىدىم. مىڭ خەي شەھەرلىك سودا - سانائەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چىن جوڭ يۈەن نىڭ بىر يوشۇرۇن سۆيگىنىنىڭ ئىسمى، دەل لومەن ئىكەن.
لومەن؟ ئىسمى ئوخشاپ قالغۇچىمۇ ياكى ئۆلگۈچى شۇمۇ؟
جى لىڭ گې ئۇلاپلا دېدى: «كېيىن مەن بېرىپ ئۇ كىشىنى تەكشۈردۈم. بىراق  ئۇنداق يوشۇرۇن سۆيگىنى توغرىلىق ھېچقانداق ئەھۋال ئىگەللىيەلمىدىم. ئۇ ئۆزىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىنكار قىلدى.
بىراق مۇھىمى، جى لىڭ گې ئۇنى يالغان سۆزلىدى دەپ گۇمان قىلدى.
«قانداق دەيسىز؟ »سورىدى فاسەي.
«ئۇنىڭ بەزى گەپلىرى ئانچە توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن <لومەن >دېگەن ئىسىمنى چىقارغىنىمدا،  ئۇ ئېنىقلا جىددىيلەشتى.
مۇنداق بولغاندا، ئۇ بۇ دېلونىڭ جىنايەت گۇماندارى ھېسابلانسا كېرەك. بىراق، جى لىڭ گې نىڭ ئۇنى جىنايەت گۇماندارى قىلىشقا قۇربى يەتمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى، قول ئاستىدىكىلىرى، دوستلىرى ھەمدە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، چىن چىڭ يۈەن بولسا بىر پاك - دىيانەتلىك، ھەققانىي بىر ئەمەلدار. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئايالى، ئۇنىڭ ئۇنداق يوشۇرۇن سۆيگىنىنىڭ بار بولۇشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
«ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭدىن گۇمانلانمايدىكەن. شۇڭا بەزىلەر مېنىڭ لومەن بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشۈمنى، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك دەپ قاراشتى» .
شۇ سەۋەپ جى لىڭ گې غا ھېچكىم ماسلىشىپ بەرمىگەچكە، ئۇنىڭ دېلونى تەكشۈرۈشى دەل مۇشۇ يەردە توختاپ قالغانىدى.
ئەگەر جى لىڭ گې نىڭ قىياسى توغرا بولسا، ئۇ چاغدا چىن جوڭ يۈەننىڭ گۇمانلىنىش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ. چۈنكى ئۇنىڭ لومەن بىلەن راستتىنلا مۇناسىۋىتى بولسا ...
بىرىنجىدىن، خىزمىتى يوق لومەننەڭ ئۆيىدە نېمە ئۈچۈن مۇنچە ئېسىل بۇيۇملارنىڭ بارلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. يەنى، چىن جوڭ يۈەن سوۋغا قىلغان بولىدۇ. يەنە شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، ئۇكۈنى كەچتە ئۇنىڭغا ھاراق ئىچكۈزگەن كىشىمۇ دەل چىن جوڭ يۈەن.
ئىككىنجىدىن، لومەننەڭ تېلفونىنى ئېلىپ كەتكەن كىشى چوقۇم ئۇنىڭدا چىن جوقا يۈەننىڭئالاقە نومۇرى بارلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ چوقۇم تېلفوننى ئېلىپ كېتىشى كېرەك. بولمىسا ساقچىلار ئۇنىڭغا تىكىلىپ قالىدۇ. ئەگەر قاتىل باشقىلار بولسا، چىن جوڭ يۈەنگە پايدىسىز تېلفوننى نېمىشقا ئېلىپ كېتىدۇ ؟تېلفوننى قويۇپ قويسا ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تامامەن ئۇنىڭغا تاشلاپ قويالايدۇ ئەمەسمۇ؟
«چۈشەندىم. بېرىپ ئۇنى جايلىسام بولغىدەك» دېدى فاسەي مەنسىتمىگەن ھالدا.
«بەلكىم ئىش ئويلىغىنىڭىزدەك ئۇنچە ئوڭاي بولماسلىقى مۈمكىن.— دېدى جى لىڭ گې— بىز ھازىر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پىتنىگە ئىشىنىدىغان ساقچىلارمىز ، شۇڭا سوراق قىلىشىمىزمۇ ئەپسىز بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر مەسىلە شۇكى، چىن جوڭ يۈەندە ئۇ  كۈنى 23:07 دە، نەق مەيداندا ئەمەسلىك ئىسپاتى بار ...
نەق مەيداندا ئەمەسلىك ئىسپاتى بار؟!
«ئالدىنقى ھەپتە ئارام ئېلىش كۈنىدە ئايالى بىلەن بىللە بىر كوللىكتىپ پائالىيەتكە قاتناشقا بولۇپ، دېڭىز ساھىلىگە ساياھەتكە بارغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغان ھەممە كىشى، ئۇنىڭ 23 ئەتراپىدا ئىزچىل دېڭىز ساھىلىدا ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولالايدىكەن» .
ئۇ دېڭىز ساھىلىدىن گۈيخەي گۈللۈكىگە بېرىش ئۈچۈن ماشىنىنى تېز ھەيدىگەن چاغدىمۇ ئاز دېگەندە 40 مىنۇت كېتىدۇ. كېلىشىنى قوشقاندىمۇ بىر سائەتتىن ئاشىدۇ. ئۇلار ئۇ كۈنى كەچتە بىللە توپ مۇسابىقىسى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. چىن جوڭ يۈەن ئارىلىقتا مېھمانسارايدىن ئالغان ياتىقىغا قايتىپ يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ چىققان. مەيلى قانداق ھېسابلاشتىن قەتئىينەزەر، بۇ ۋاقىت گۈيخەي گۈللۈكىگە بېرىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە يەتمەيدۇ.
«ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتىل ئۆلگۈچى بىلەن بىللە ھاراق ئىچىشكەن،  ئىچكەندىمۇ نەچچە بوتۇلكا ئىچكەن. بۇنىڭغىمۇ ئاز ۋاقىت كەتمەيدۇ. »
فاسەينىڭ ئەمدى يەنە ئاڭلىغۇدەك تاقىتى قالمىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى جى لىڭ گې نىڭ ئويلىغانلىرى خالاس. شۇڭا ئۇ كېسىپلا ئېيتتى«كىمنى ياسايمەن؟ »
جى لىڭ گې ئىزچىل ئۆزىنىڭ قىياسىنى سۆزلەۋاتاتتى. ئۇ يەنە تېخى فاسەيدىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشنى مەسلىھەتلەشمەكچى بوپمۇ تۇرغان. ئەمما كىم بىلسۇن، فاسەينىڭ ئۇلارغا قىزىقىشى يوقكەن. ئۇنىڭ بىلگۈسى بارى پەقەتلا نەگە بېرىپ، كىمنى تەكشۈرۈش؛ ئىشنى بالدۇر تۈگىتىپ، پۇلنى بالدۇر ئېلىپ كېتىش. شۇڭا جى لىڭ گې مۇ ئامالسىز دېدى: «ئەمىسە ...چىن جوڭ يۈەن بولسۇن ...»

چىن جوڭ يۈەن بۇرۇن جى لىڭ گې تەرىپىدىن ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ سوراققا تارتىلغان ھەمدە ئېغىز ئىسپاتى ئۈنگە ئېلىنغان.
ئۇنىڭ دېگىنى ئاساسلىقى بۇ ئىككى نۇقتا بولۇپ ،بىرىنجىسى، لومەننى تونۇماسلىقى؛ ئىككىنچىسى، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى ئۇ دېڭىز ساھىلىدا كۆپچىلىك بىلەن بىللە توپ مۇسابىقىسى كۆرگەن. ئارىلىقتا يېرىم سائەت ياتىقىغا قايتقان.
يۇقارقىلارغا ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئۇنى قايتا سوراق قىلىش تۈگۈل ،ئۇنىڭ قايتا ياخشى ماسلىشىپ بېرىشىمۇ ئەمدى ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىم بولغاندا، جى لىڭ گې ماشىنىسىنى سودا - سانائەت ئىدارىسىنىڭ ماشىنا توختىتىش ئامبىرىغا ئاپارماقچى بوپ تۇرغاندا، فاسەي ئاغزىغا تاماكا چىشلەپ تۇرۇپ دېدى: «خاتېرجەم بولۇڭ ، ئىككى - ئۈچ ئېغىز گەپ بىلەن ئۇنى چاندۇرۇپ قويىمەن. »
«سەل تۇرۇپ پوزىتسىيىڭىزنى ياخشىراق قىلالامسىز ؟—ئالدىدىكى بۇ ئىمارەتلەرنى كۆرگەن جى لىڭ گې سەل جىددىيلەشكەندەك قىلاتتى— سىزنىڭ بۇ تۇرقىڭىزغا قاراپلا كىرگىلى قويمامدۇ - تېخى ..»
ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياقلاشماستا، ئۇلارنىڭ ئالدىنى قاۋۇل بىر نەپەر ماشىنا توختىتىش ئامبىرىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى توستى ۋە «كىم بولىسىلەر؟ »دەپ سورىدى.
جى لىڭ گې بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشقا ئەپلىك بولۇشى ئۈچۈنلا كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، يالغان سالاھىيەت تەييارلاشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى .
ئۇ يالغاندىن ئۆزىنى مۇخبىر دەپ، يالغان. مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى ئىزدىمەكچى بوپ تۇرغىنىدا ،فاسەي ماشىنا ئەينىكىنى ئېچىپ، تەپ تارتماستىن دېدى: «ۋاڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ ماشىنىسى! »
ئامانلىق ساقلىغۇچى سورىدى: «قايسى ۋاڭ ئىدارە باشلىقى ؟»
«ھەقاسىڭنىڭ بۇ نېمە ئىدارىسىتى؟! »فاسەي بۇ گەپنى تولىمۇ قاتتىق تەلەپپۇزساپ قىلدىكى ،ھەتتا جى لىڭ گې نىمۇ قورقىتىۋەتتى. ئاقىۋەتتە ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئامانلىق قوغدىغۇچى دەرھال بىرنى سالام قىلىپ ،ھۆرمەت بىلەن دېدى: «قېنى كىرىڭلار !»
جى لىڭ گې ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ كىرگەچ بايىقى سوئالنى فاسەيدىن پەس ئاۋازدا سورىدى:«قايسى ۋاڭ ئىدارە باشلىقى؟ »
فاسەي قولىدىكى تاماكىنى دېرىزە سىرتىدىكى بىر ئېرىققا تاشلىۋەتكەندىن كېيىن جاۋاب بەردى: «مەن نەدىن بىلەي؟ »
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 06:32:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قېتىم يوللانغان تېما مۇشۇنداق تېز تەستىقلانغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى - ھە!

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102587
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 06:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆردە ئولتۇرۇپ ئالدىرماي ئوقاي

ئالىم بۇلۇپ دۇنيانىڭ جاپاسىنى تارتقۇچە ،ساراڭ بۇلۇپ دۇنياغا جاپا سال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 06:47:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sarag17 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 06:37 PM
تۆردە ئولتۇرۇپ ئالدىرماي ئوقاي

ياخشى ئويلاپسىز

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 07:19:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە داۋامىنى ئىڭىكىمنى يۆلەپ ساقلاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 07:29:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەقدىر07 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 07:19 PM
يەنە داۋامىنى ئىڭىكىمنى يۆلەپ ساقلاي.

ئەجەپ خىجىل قىلىپ قويدىڭىز مېنى ...ھى ھى  .

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 08:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف! تىزراق بۇلۇڭ..........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 178
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1124 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 08:13:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا   شەنبە -يەكشەنبىلەدە     ئىككى بۆلۈمدىن ياكى جېق بولسىمۇ مەيلى ، ئىشقىلىپ كۆپرەك يوللىسىڭىز      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 08:18:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆزەل يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 08:04 PM
ئۇف! تىزراق بۇلۇڭ..........................

ئۇف ...بولاۋاتىمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 08:20:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت فەچەت يىرگە كەپ قالغاندى

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش