مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15857|ئىنكاس: 60

چىراقنى ئۆچۈرمەڭ(قورقۇنۇشلۇق ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102587
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 04:43:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  چىراقنى ئۈچۈرمەڭ(قورقۇنۇشلۇق ھىكايە)
قىشلىق تەتىلدە ئۈيىدە ئولتۇرۇپ زىرىككەن ئەسقەر ئاتا-ئانىسىغايالۋۇرۇپ يېزىدىكى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۈيىدە تۇرۇپ كىلىشكە ماڭدى،ئۇيېزىغا كەلگەندىن كىيىن بوۋا-مومىسى بىلەن كۈرۈشۈپ ئۇلارغا ئاتا-ئانىسىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى،ئەسلىدە نەۋرىسىنىڭ كىلىپ قۇنۇپ كىتىشى  سەھرادا ياشاۋاتقان چوڭلارغا ئالەمچە خۇشاللىق بولسىمۇ بىراق بوۋاي ئانچە خۇشال ئەمەستەك كۈرنەتتى،چۈنكى بوۋاينىڭ نەزرىدە بۇ ئاي جىن شاياتۇنلارنىڭ زىمىندا ئەركىن يۈرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئاي بۇلۇپ 16ياشلىق نەۋرىسىگە نىسپەتەن بۇ تۇلۇمۇ خەتەرلىك ھىساپلىناتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسقەرنىڭ مىجەزى تۇلىمۇ كاج بۇلۇپ چوڭلار بىلەن بىر ئۆيدە يېتىشقا قەتئى قۇشۇلمايتتى،بوۋاينىڭ ئەنسىرىشىدە يەنە بىر سەۋەپمۇ بار ئىدى. ئەسقەرتۇغۇلىشتىن ئىلگىرى ئەسقەرنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ سەھرادا تۇراتتى ،ئەسقەر تۇغۇلۇشقا ئاز قالغاندا مۇنداق بىر ۋەقە بولغان ئىدى.ئەسقەرنىڭ دادىسى ئالىمجان ساقچى بۇلۇپ ئەسقەر تۇغۇلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن بىر غەلىتە دىلو تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى، بۇ دىلونى بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىككى ساقچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا نىمىشقىكىن  دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىككى كۈن ئوتمەستىنلا يۇشۇرۇن يۈرەك كىسىلى بىلەن ئۈلۈپ كەتكەن ئىدى ،  ئالىمجاننىڭ بۇدىلونى پەقەت ئىشلىگۈسى بولمىسىمۇ بىراق ھەل بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان شەھەرگە يۆتكىلىش ئىشى ئۇنى بۇدىلونى ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى،بۇ بىر مۇرەككەپ دىلو بۇلۇپ ئۆلگۈچىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆلگۈچى ئۆزى ئۈلىۋالغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ پەقەت ئۈزىنى ئۆلتۇرۋېلىش دىلوسىغا ئوخشىمايتتى،شۇڭا تەشكىل بۇدىلونى قايتا تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ بىراق بۇدىلونى ئىلگىرى-كىيىن تاپشۇرۋالغان ئىككى ساقچى ئوخشاش ئۇرۇن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنى ئۆز ئىشخانىسىدا قازا تاپقان ئىدى،ئالىمجان يۈرىكى تىترىگەن ھالدا دىلو يۈزبەرگەن ئورۇنغا ماڭدى.
دىلو يۈزبەرگەن ئورۇن يېزا مەركىزىگە ئەڭ يىراق بىر كەنتىدە بۇلۇپ بۇكەنتىنىڭ ئاھالىسى ئاز ئولتۇراق ئۆيلەرمۇ ناھايىتى شالاڭ ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگۈچى يالغۇز ئۇغۇل بۇلۇپ تېخى ئۆيلەنمىگەن بولسىمۇ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ،دىلو دەل ئۇنىڭ تۇرۋاتقان ئۈيىدە يۈز بەرگەن ئىدى، بۇھال يىپ ئۇچچى ئېلىشقا تۇلىمۇ پايدىسىز بولغاچقا ئالىمجان ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭ 300 مىتىر دائىرسىدىكى ئەڭ يېقىن ھىساپلىنىدىغان خوشنىسىنىڭ ئۈيىگە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ماڭدى،ئۇ بۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن تۇيۇقسىز شامال چىقىپ ئۆينىڭ كونا ياغاچ دەرۋازىسى ئىنتايىن يېقىمسىز غىچچىرلاپ ئالىمجانغا بىرخىل ۋەھىمە سېلىۋاتاتتى،ئۇ ئاستاغىنە بېرىپ ئىشىكنى چىكىشكە باشلىدى .تاك، تاك،تاك....يەنىلا ھېچقانداق شەپە يوق ئۇ ئەتراپىغا بىر قارۋەتكەندىن كىيىن تېخىمۇ كۈچەپرەك ئۇرۇشقا باشلىدى.تاك،تاك،تاك.....
بىرەئىشىڭىز بارمىدى،خۇددى يەر ئاستىدىن چىقىۋاتقاندەك ئىنتايىن زەئىپ ئاۋازدا دىيىلگەن بۇ سۆز ئالىمجاننى ئىتتىكلا كەينىگە قاراتقۇزدى،چاچلىرى چۇۋۇق،يۈزكۆزلىرىنى تۇپا باسقان ،كىيىملىرى جۇل-جۇل بىر موماي ئۇنۇڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل مۇدھىش نۇر چىقىپ تۇراتتى.
مەەەەن ساااقچىىىى شۇۇۇ سىىز دىىىىن ئاازرااق سۇۇئال سۇۇۇراپ بااقااي دىىىگەەەن،دىيەلىدى ئالىمجانمۇ قورققىنىدىن تىترەپ تۇرۇپ ئۇكۆڭلىدە نىمىشقىمۇ باشقا ئۆيگە بارمىغان بولغۇيتتۇم دەپ ئۆز-ئۆزىگە كايىدى.
-ھە!شۇنداقمۇ ئەمدى سىز كەپسىزدە ،سوراڭ،سورىغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق ،قېنى ئۆيگە كىرىڭ.
دىگىنىچە ئالىمجاننى ئۆيگە باشلىدى.بۇچاغ ئەتراپ گۇگۇم ۋاختى بۇلۇپ ئالەم ئۈزىنى زۇلمەت قوينىغا شۇڭغۇتىۋاتاتتى.
سىزمۇ نۇرمەمەتجان توغۇرلۇق كەلدىڭىزغۇ دەيمەن .موماي مۇدھىش كۆزلىرىنى ئالىمجانغا تىكىپ تۇرۇپ،
-ھە شۇنداق ،ئالىمجانمۇ گۇمان بىلەن جاۋاپ بەردى.
-ئالدىنقى ئىككى ساقچىمۇ مۇشۇ ئىش توغرىسىدا مەندىن بەك كۆپ سۇئال سورىغان ،ئۆھۆ.ئۆھۆ. موماي يىنىك يۆتىلىۋەتكەندىن كىيىن سۆزىنى داۋام قىلدى،
-ئەمما ھېچ قانداق نەتىجە چىقىرالمىدى،ھەي شۇنداق بۇلىدۇدە،نۇرمەمەت جىن شاياتۇنلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىغا ئۆي سېلىپ ئولتۇرغان تۇرسا،موماي ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى،رەھمەتلىك تېخى ياش ئىدى،قاچانكى مۇشۇ ئۆيگە كۈچۈپ كەلدى،چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىدى،مەن ئۇنۇڭغاكۆپ قېتىم نەسىھەت قىلساممۇ ئاڭلىمىدى ،ئاقىۋەت بېشىغا چىقتى،موماي ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى،
-بولدى،كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا ،دىدى ئالىمجان ،نۇرمەمەت ئۈللىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىگە بىرە ئېغىز گەپ قىلمىغانمىتى،
-نىمە؟ئۆلىۋالغان،دىدى موماي قورقۇنۇش ئىچىدە بالام ئۇنداق كۇپۇر گەپ قىلمىسىلا ئۆتكەن كەلگەن ئىككى بالىمۇ سىلىدەك كۇپۇر گەپ قىلىپ بېشىغا چىقتى ،ئۆزلىرى تېخى ياشكەنلا بۇگەپلىرىنى ئۇلارئاڭلاپ قالمىسۇن يەنە،موماينىڭ تۇرقىدىن قورقىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى،
ئالىمجان ئازراق سۇئال سورىغاندىن كىيىن دىلو يۈزبەرگەن ئۆيگە ماڭدى،
-بارمىسىلا بالام دىدى موماي ئۈتۈنۈش تەلەپپۇزىدا ھازىر بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى ،ئۇلارنى ئارام ئالغىلى قويسىلا
-ئۇلار دىگەنلىرى كىمۇ ؟ دىدى ئالىمجان ھەيرانلىق ئىلكىدە،
-ئۈش،موماي جىددىيلىشىشكە باشلىدى،بۇنداق كەچتە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشقا بولمايدۇ.
ئالىمجان كۈلۈپ قۇيۇپ دىلو يۈزبەرگەن ئۆيگە مېڭىيۋەردى،موماي قورقۇنۇش ئىچىدە نىمىلەرنىدۇ ئۇقۇغىنىچە ئۈيىگە ماڭدى.

داۋامى جىددىي يېزلىۋاتىدۇ....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarag17 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 04:53 PM  


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5034
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1423 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 05:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەپ خەپ.....
ۋاي داۋامىچۇ؟يەۋاتقان تاماقنىمۇ قويۇپ ئوقۇۋاتاتتىم،تۈگەپ كەتتىغۇ؟.....
تېزرەك بولىلى ھە
ما كۆز 888888888888888 بولۇپ كەتمىگەي

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 05:20:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچىسى يوللىغان بولسىڭىز ، بەرزى تورداشلا ئۇخلىيالماسلىقى مۇمكىن داۋامىغا ئىنتىزارمىز !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102473
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 05:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق ئازراقىنىلا يىزىپ قويغانسىز.......داۋامىنى تىزراق يوللاڭە،،،،،،
مەن مۇشۇنداق ھېكايىلەردىن بەك قوقايمەن، لىكىن قوقاپ تۇرۇپ كۆرىمەن دىسە،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102587
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 05:35:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriban يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 05:20 PM
كېچىسى يوللىغان بولسىڭىز ، بەرزى تورداشلا ئۇخلىيالماس ...

ئاخىرى كەچتە يوللىنىدۇ ›

ئالىم بۇلۇپ دۇنيانىڭ جاپاسىنى تارتقۇچە ،ساراڭ بۇلۇپ دۇنياغا جاپا سال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 06:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى،يەنە بىر قورقۇنۇشلۇق ھېكايە،،كۈندە كەچتە يوللاڭ ،مەن كۈندۈزى ئوقىۋالاي ھە،،جىق جىق يوللاڭ ،،،،

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 06:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ،،، شۇنداق قىززىقىپ قاپتىكەنمەن، ئازراق ئۇقۇپلا

داۋامىنى تېزراق يوللاڭە،،، بەك ئىنتىزار قىلىۋەتمەي...

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102587
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 06:42:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cubat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 06:29 PM
ئاخىرىچۇ،،، شۇنداق قىززىقىپ قاپتىكەنمەن، ئازراق ئۇقۇ ...

بۇ سەل ئۇزۇنراق ھىكايە توغرا چۈشۈنىشىڭىز ئۈمۈت قىلىمەن  داۋامىنى جىددىي يېزىۋاتىمەن

ئالىم بۇلۇپ دۇنيانىڭ جاپاسىنى تارتقۇچە ،ساراڭ بۇلۇپ دۇنياغا جاپا سال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102587
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 06:44:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilnaz911 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 06:25 PM
ئەجەپ ياخشى،يەنە بىر قورقۇنۇشلۇق ھېكايە،،كۈندە كە ...

ھى ھى  كۈندۈزىمۇ قورقىتىدىغان جايلىرى كۆپ جۇمۇ

ئالىم بۇلۇپ دۇنيانىڭ جاپاسىنى تارتقۇچە ،ساراڭ بۇلۇپ دۇنياغا جاپا سال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 08:33:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئا يەنبىر تىمىدىكى بىنادىن سەكرىۋىلىش دىلوسى بىلەن بىللە ئۇقۇب ، خۇددى رازۋىتكا ھىكايسىدەك تۇيلۇپ كەتتى ،
ئاخىرى  ئاخىرى  ...............

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش