ماۋزۇسىز
(قوشاقچى)
يېنىپ باقتىم بىر مەھەل ، ئۆچۈپ قالدىم توساتتن ،
يىقىلغىنىم ئېسىمدە دوستۇم قۇرغان توزاقتىن .
ئاقكۆڭۈللۈك ئاقىۋەت قىلدى مېنى ۋەيرانە ،
ئۆتەلمىگەچ تۈلكىلەر توسۇپ قويغان توساقتىن .
بىرنى تاپسام تەڭ بۆلۈپ سۇنغان ئىدىم دوستلارغا ،
تالاتساممۇ ئۆزۈمنى دوستلار ئۈچۈن ئىتلارغا .
بوردا نانغا سېتىپتۇ ، مېنى بۈگۈن دوستلۇرۇم ،
مەنپئەت ئۈچۈن ئۇلارمۇ سېتىلىپتۇ ياتلارغا .
بىر پەلەكتە خەمەك بىز ، چىن ۋاپادار دوست دېسە ،
ھالاۋەتتە ، جاپادا بىللە قورغان سەپ دېسە .
كەم ئەقىللىق ۋەجىدىن ئىشىنىپ ھەم قەسەمگە ،
بىلمەپتىمەن كەينىمدىن تىغنى تەڭلەپ خەپ دېسە .
ئەسلى بىلسەم دوستلۇرۇم تۈلكە ئىكەن ، بۆرىكەن ،
قايغۇم ئەمەس ، ئەزەلدىن پۇل مېلىمغا جۆرئىكەن .
دوستقا بولغان ئىنساپنى ئۆلچەپتىكەن نەپ بىلەن ،
ھەر سورۇندا شۇڭلاشقا ئورنۇم مېنىڭ تۆر ئىكەن .
قاۋاپ كەلگەن ئىتلاردىن ، قاۋىمىغان يامانكەن ،
يوللۇرۇمنىڭ تېگى سۇ ، ئۈستى قۇرۇق سامانكەن .
خەپ دېمەيمەن دوستلارغا ، كەم ئەقىللىق ئۆزۈمدىن ،
بىر خاتادىن بىر ساۋاق ئالالىغان ئامانكەن .
مەيلى دەيمەن دوستلارغا ، دوستسىز ياشاش قىيىنمۇ ؟،
ھاجەت بولسام سىلەرگە ئىزدەڭ بۇندىن كېيىنمۇ .
قۇربۇم يەتسە يەنىلا نەپسىڭلارنى قاندۇراي ،
نىجاسەتكە تويغاندا ئۇچۇپ كېتەر چىۋىنمۇ .
قادىر ئەمەس مەن ئۆزۈم ، ئۆزگەرتىشكە سىلەرنى ،
تەس ئىكەنغۇ تازلىماق ، قەلىبدىكى كىرلەرنى .
قوي تېرىسىگە ئورۇنۇپ ، دوست شەنىگە داغ سېلىپ ،
قويغانسىلەر داغدا ھەم مەندىن باشقا كىملەرنى .
ئالەم دېگەن ئۆتنىدۇر ، تەڭشىلەر تارازىسى ،
بەزىلەرگە ئۇزۇندۇر جازانىڭ ھەم تانىسى .
بولسىمۇ گەر ئوۋچىنىڭ مىلتىقى ، ئوق - دورىسى ،
ئۇنۇتمىغىن باردۇر ھەم ئېيىقنىڭمۇ خۇداسى .
مەنبە : قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 02:01 PM