|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار ! تورنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،توردىن مال سېتىۋالىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى ،تۈۋەندە تور دۇنياسىدا بىر قەدەر نامى بار تاۋباۋ تورىغا قانداق تىزىملىتىشنى رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ قۇياي .
بىرىنچى قەدەم ،تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندىكى قىزىل كاتەكچە ئىچىدىكى تىزىمغا ئالدۇرۇش دىگەن خەتنى باسىمىز .
ئىككىنچى قەدەم ،رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تۆت كاتەكچىنى تولدۇرىمىز ،بىرىنچى كاتەكچىگە تىزىملىتىپ كىرىدىغان ئىسىمنى ،ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كاتەكچىگە مەخپى نۇمۇرنى ،تۆتىنچى كاتەكچىگە ئوڭ تەرەپتىكى بېرىلگەن سان ۋە ھەرىپنى تولدۇرۇپ ئاستىدىكى تىزىملىتىشقا قوشۇلىمەن دىگەن خەتنى باسىمىز .تۈۋەندىكى رەسىم ،
ئۈچىنچى قەدەم ، تىزىملاتقان نۇمۇرنى قوزغۇتىش . نۇمۇرنى قۇزغىتىشتا ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللانساق بۇلىدۇ ،بىرىنچىسى يانفون نۇمۇرى ئارقىلىق قوزغىتىش ،يانفون نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرۇپ يوللاش دىگەننى باسسىڭىز بۇلىدۇ .ئىككىنچى خىل ئۇسول ،ئىلخەت ئارقىلىق قوزغىتىش ،بۇنىڭدا رەسىمنىڭ ئاستىدىكى ئىلخەت ئارقىلىق قوزغىتىش دىگەن خەتنى بېسىپ ،ئاندىن ئىلخەت ئادىرىسىنى كىرگۈزسىڭىز بۇلىدۇ .ئېسىڭىزدە بولسۇن يانفون نۇمۇرى بىلەن ئىلخەت ئادىرىسى بۇرۇن بۇ تورغا تىزىملاتمىغان بۇلىشى كېرەك .
تۈۋەندىكى رەسىمدىكى كاتەكچىگە يانفون نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ،يوللاشنى بېسىۋەتسىڭىز ،يانفونىڭىز بىر قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالىدۇ ،قىسقا ئۇچۇردىكى ئالتە خانىلىق ساننى كۆزنەكتىكى كاتەكچىگە تولدۇرۇپ يوللاشنى بېسىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ .
ناۋادا تىلفون نۇمۇرى ۋە تىلفوندا ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى توغرا تولدۇرۇپ يوللاشنى باسقان بولسىڭىز تىزىملىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ .تىزىملىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ .
ئەمدى ئىككىنچى خىل ئۇسول ،بايام دىگەندىكىدەك ئىلخەت ئادىرىسى ئارقىلىق تىزىملىتىش ،بايامقى يانفون ئارقىلىق تىزىملىتىش دىگەن كۆزنەك يەنى ئۈچىنچى پارچە رەسىمگە كەلگەندە ،
ئاستىدىكى قىزىل كاتەكچىنى باسىمىز ،بۇنى باسساق تۈۋەندىكىدەك ئېچىلىدۇ ،
ئىلخەت ئادىرىسىڭىزنى توغرا تولدۇرۇپ ئاستىدىكى يوللاش دىگەننى باسسىڭىز تۈۋەندىكىدەك يەنە يانفون نۇمۇرى تولدۇرىدىغان كۆزنەك ئېچىلىدۇ ،يانفون نۇمۇرىنى تولدۇرۇپ ئەۋەتىشنى باسسىڭىز ،يانفونىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ ،قىسقا ئۇچۇردىكى ئالتە خانىلىق ساننى كاتەكچىگە تولدۇرۇپ يوللاشنى باسسىڭىز بۇلىدۇ .
بۇنى يوللاپ بولسىڭىز تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ ،
ئاستىدىكى ئىلخەتنى ئېچىپ ،تىزىملىتىش نۇمۇرىنى قوزغىتىش دىگەننى بېسىپ بايام تولدۇرغان ئۆزىڭىزنىڭ ئىلخېتىگە كىرىسىز ،كىرسىڭىز تۈۋەندىكىدەك چىقىدۇ ،
قىزىل كاتەكچىنى بېسىپ ئىلخەتنى ئېچىپ كۆرۈڭ ،تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ،
كاتەكچە ئىچىدىكى تىزىملىتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش دىگەننى بېسىۋەتسىڭىز تاۋباۋ تورىغا تىزىملاتقان بۇلىسىز .قانداق مال سېتىۋېلىشنى ئالدىنقى بىر تېمىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم ،سىزگە ياردىمى بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا ئىنكاس ئارقىلىق سورىسىڭىز بۇلىدۇ،كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە جاۋاپ بېرىمەن .
|
|
|
|
|
|