مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5167|ئىنكاس: 44

دۇنيادا بىشارەت مەۋجۇتمۇ ؟ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:24:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      
     دۇنيادا بىشارەت مەۋجۇتمۇ ?

  ئەلۋەتتە دۇنيادا بىشارەت مەۋجۇت!  شۇڭا قەدىمدىن ھازىرغىچە كىشىلەر بىشارەت ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن.     بىشارەت ھەققىدە ئىزدىنىش كەلگۈسىنى تەتقىق قىلىشتىكى  ئىزدىنىشلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر. جاھاندا بىشارەتكە قىزىقمايدىغان، بىشارەت ئارقىلىق ئۆز كەلگۈسىنى ئۆز خاراكتىرىنى بىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر، يوق بولىشى مۈمكىن. چۈنكى ئەقلى-ھۇشى نورمال ئادەملەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۆز كەلگۈسىگە قىزىقىدۇ.  مەنمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى. شۇڭا بۇھەقتىكى ماتىرياللارنى توپلاشقا كىرىشتىم. ئەجداتلىرىمىزمۇ بۇھەقتە «قىياپەتنامە ۋەسائەتنامە»،«چۈش تەبىر»،«ئەزالارتارتىش بىشارىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان.   ھازىرقى زامان كىشىللىرىمۇ بۇ ھەقتە تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن؛ 1998-يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان، 2001-يىلى 12-ئايدا مەشھۇر تەرجىمان توختى باقى(ئارتىشى) ئاكىنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان،«ئادەملەردىكى بىشارەت» ۋە چۈش  تەتقىقاتچىسى يۈلياڭ 1989يىلى تۈزگەن. 1994-يىلى قادىر ھاپىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىنغان«چۈشنىڭ ئىلمى تەبىرى» دىگەن كىتاپلار بۇنىڭ مىسالى. «ئادەملەردىكى بىشارەت»، «چۈشنىڭ ئىلمى تەبىرى» ناملىق  كىتاپلار ھازىر قى ئىلىم-پەن ئارقىلىق چۈش ۋە ھەرخىل بىشارەت ھەققىدىكى ئىلىمىنىڭ تارىختىن بىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلمى نۇقتىدا تۇرۇپ ئىلمى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان.  بۇكىتابلار ۋە ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ چۈش ھەققىدە بەرگەن بىشارەتلىك ئىلمى يەكۈنلىرى، مىنى بىشارەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشكە ئېلىپ كىردى.
ئەجداتلىرىمىز تۈزگەن  «  قىياپەتنامە ۋەسائەتنامە»، «ئەزالار تارتىش بىشارىتى»،« چۈش تەبىر بىشارىتى »، «يىل ۋە ئايلار بىشارىتى»،  قاتارلىق  كەلگۈسىدىن ئالدىن بىشارەت بىرىدىغان ئەسەرلەرمۇ دۇنيادا
بىشارەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. . بۇكىتاپلاردىكى بىشارەتلەر، ئەجداتلىرىمىزنىڭ نەچچە-مىڭ يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇلارنى تەتقىقات ئارقىلىق تەكشۈرمەي تۇرۇپ قارىسىغىلا ئىنكار قىلىۋىتىش، نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  مىنىڭچە بۇ ئەسەرلەر  ئادەم بەدىنى ۋە ئادەم ھاياتى كەلگۈسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتىرياللاردىن بولۇپ پايدىلىش قىممىتى يۇقىرى  ئەسەرلەردۇر. بەزىلەر  «كەلگۈسىنى ئاللادىن باشقىسى بىلمەيدۇ»دىيىشى مۇمكىن. توغرا بۇئالەمدە كەلگۈسىنى ئاللادىن ياخشى بىلىدىغان بىرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە، چۈنكى ئاللا بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقۇچى ۋە بارلىق بىلىمنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارچە بىلمنى ۋە كەلگۈسىنى بىلىش جەھەتتە تەڭداشسىزدۇر ، يىگانىدۇر. لىكىن بىلىم ئىگەللىگەنلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئۆتمۇشىنى، ھازىرىنى، ۋەكەلگۇسىنى بىشارەتلەر ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ بىلەلەيدۇ. بۇنىڭغا دائىر مىساللار ئەتراپىمىزدا تولۇپ ياتىدۇ.شۇڭا ئاللا قۇرئاندا«ئوقۇ!بىلىم ئال! بىلىملىكلەر بىلەن بىلىمسىزلەر تەڭ بولالمايدۇ.»دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنداقتا بىشارەت دىگەن نىمە؟ بىشارەت دىگىنىمىز كەلگۈسىدىن خەۋەر  بەرمەك، ئالدىن خەۋە بىرىش، دىگەن مەنىلەرنى بىرىدۇ.  <ھازىر>غا نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەربىر سائەت، ھەربىركۈن، ھەربىر ئاي، ۋە ھەربىر يىل <كەلگۈسى>دۇر. ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولغان ئادەملەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزكەلگۈسىنى بىلىشنى خالايدۇ. ھەم كەلگۈسىگە سەل قارىمايدۇ. چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى بىلىشى ئۇنىڭ غەلبىسىدىن دىرەك بىرىدۇ. ھازىرمۇ ۋەتارىختىمۇ پەقەت كەلگۈسىنى ھەرخىل ئۇچۇرلارغاھەم ئەقلى قىياسلارغا تايىنىپ بىلەلىگەنلەر غەلىبە قىلىپ كەلگەن. ئىزدىگەنلەرگە بۇ توغرىدىكى ئىسپاتلار ناھايىتى كۆپ تۇرۇپتۇ.......
ئادەم بەدىنىمۇ بىشارەت بىرىشتە ئاجايىپ بىر دۇنيا. ئۇستا تىۋىپلار چىرايغا قاراپ، ۋە بەدەندىكى ھەرخىل ئالامەتلەرگە قاراپ ئىچكى كىسەلدىن بىشارەت بىرەلەيدۇ. مەسىلەن؛ تارىخىمىزدىكى (مەشھۇر تىۋىپ سوپاخۇنۇم)ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن باللىرىغا خەۋەر بىرىپ بارلىق تەييارلىقلىرىنى قىلىپ بولۇپ راستلام دىگەن ۋاختىدا ئۇ ئالەمگە ئۆز ئەجىلى بىلەن سەپەر قىلغان. ئادەم چىرايى ۋە ئادەم چۈشىمۇ ئادەمگە بىشارەت بىرەلەيدۇ. بەدەن ئەزالىرى تارتىشىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىن بىشارەت بىرەلەيدۇ. ئادەمدىكى بەش ئەزا ئادەمنىڭ ئىچكى ساغلاملىقىدىن بىشارەت بىرەلەيدۇ. بۇھەقتە ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ ( چىرايغا قاراپ كىسەلگە دىئاگۇنۇز قويۇش) ئۇسۇللىرىدىن نۇرغۇنلىرىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.  مىنىڭچە ئادەم بەدىننى تەتقىق قىلىش، بارلىق پەن شۇناسلىقنىڭ ئەڭ مۇھىمى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىلگەندە، ئۆزىنى ھەم ئۆز بەدىنىنى ياخشى چۈشۈنەلىگەندە  ھەرخىل بىشارەتلەردىن ۋاقىپ بولۇپ، تەييارلىق قىلىۋالالايدۇ. ھەمدە ئۆزىنى ھەرخىل كىسەللىكلەردىن، مەغلۇبىيەتلەردىن، بالاھى-ئاپەتلەردىن ساقلاپ  ساغلام بولۇپ ياشىيالايدۇ. لىكىن ھازىر شۇنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ھازىرقى ئۆزىنى «مەدەنى ئادەملەر» دەپ قارايدىغانلارمۇ <بىشارەت> ھەققىدىكى بىلىم جەھەتتە تېخى قەدىمقى بەدەۋى ئادەملەردىنمۇ  تۆۋەن ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.  ئۇلار؛  «غەيىبنى ئاللادىن باشقىسى بىلمەيدۇ» دەپ بىشارەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ. غەيىپنى ئاللادىن باشقىسى بىلمەيدىغانلىقى راست. لىكىن ئاللا ھەردائىم  ئىنسانلارنىڭ چۈشى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەربىر ئادەمنىڭ كەلگۈسى توغرۇلق بىشارەتلەرنى بىرىپ ئۆزىنىڭ بىرلىك ۋەبارلىقىنى نامايەن قىلىپ، قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مىساللار بەك كۆپ. بەزى سەزگۈر بىلىملىك ئادەملەر، بىلىمى ۋە  ئاللا بەرگەن ئەقىل-پاراسەتنى ئىشلىتىپ  كەلگۈسىدىكى بىشارەتلەردىن ۋاقىپ بولۇپ بەزى خەۋىپ-خەتەر ئاپەتلەردىن ئامان قالغان مىساللارمۇ تارىخلاردا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.
مەسىلەن؛ بەزى ئادەملەر خەۋىپكە ئۇچراشتىن ئىلگىرى چۈشى بۇزۇلۇپ يامان چۈشلەرنى كۆرۈپ بىشارەت ئالىدۇ. بەزىدە بىر ئائىلىگە ھەتتا بىر ئۇرۇققا كىلىدىغان ئاپەتلەردىن شۇئائىلە ،شۇ ئۇرۇقتىن بىرەرپاك سالىھ كىشى بىشارەت ئېلىشى مۈمكىن. بۇنداق مىساللارنى بەلكى كۆپىنچىمىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان بولىشىمىز مۈمكىن. ئەمىلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا ئاددى ئىشلاردىمۇ بىرقىسىم مەسىللەرنى ئالدىن مۆلچەرلەپ پەرەز ئارقىلىق بىشارەت تاپىمىز. مەسىلەن؛ياز تۈگىسە قىش كىلىدىغانلىقى، كەچ بولسا كىچە كىرىدىغانلىقى  تاڭ ئاتسا كۈن چىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىشارەت  ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىشارەتكە ئايلاندى. پىشقەدەملەر ئۆز تەجرىبىللىرى ئارقىلىق« كەچتە كۈن ئولتۇرغان تەرەپ بەك قىزىرىپ كەتسە ئەتىسى ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ» دىگەن بىشارەتنى ئۇزاق يىللىق تەجرىبىللىرى ئارقىلىق يەكۈنلىگەن. ھازىر زامانىۋى ئىلىم-پەن ئارقىلىق ھاۋا رايى بىشارەتلىرى ناھايىتى توغرا ئۇقتۇرۇلماقتا.  دىمەك؛ بىز ئەتراپىمىزدىكى بىشارەتلەرنى قارىسىغا ھۆكۈم بىلەن ئەمەس، ئىلىم-پەن ئارقىلىق تېپىشىمىز كىرەك. دەل شۇندىلا بىشارەتنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز. مەلۇم بولمىغان ساھەلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەم ئۇنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئىلىم-پەننىڭ ۋەزىپىسى ھەم ماھىيىتى. ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ئىلمى ئىزدىنىشتىن ئايرىلالمايدۇ.
  ئادەمىزات تارىخىدا بىشارەتسىز دەۋرىلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ، مەسىلەن؛ ئىسلام دىنى كىتاپلىرىدىمۇ ، پەيغەمبىرىمىز كىلىشتىن بۇرۇنلا كىشىلەر «مۇھەممەد»دەپ پەيغەمبەر كىلىدىغانلقى ھەققىدە بىشارەتلەرنى بىلىپ بولغانىكەن.  ئىسلام دىنى كىتاپلىرىدا ئاقار  يۇلتۇزنى تونۇشتۇرۋىتىپ، ئاقار يۇلتۇزنىڭ ساقىپ ئېقىشى ئاسمانغا كەلگۈسى بولىدىغان ئىشلارنى تىڭشىغىلى چىققان جىن شەيتانلارنى قوغلىغان كۆرۈنىشىدۇر دىيىلگەن. چۈنكى  ( ئاسماندا پىرىشتىلەركەلگۈسى بولىدىغان ئىشلارنى  دىيىشىدۇ، جىن-شەيتانلاربولسا ئاشۇ بولىناۋاتقان گەپ سۆزلەرنى ئاسماندىن ئاڭلاپ چۈشۈپ ئۆزىنىڭ يېقىن ئىنسانلىرىغا دەپ بىرىدۇ.) دىگەن راۋايەتلەرمۇ بار.  مۇسا پەيغەمبەر قىسسىدە پىرئەۋىن مۇنەججىملەر ئارقىلىق بەنىئىسرائىلدىن بىرئوغۇل تۇغۇلۇپ ئۆزى ۋەتەختىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، بەنىئىسرائىلدا تۇغۇلغان بارلىق بالىلارنى  ئالا قويماي ئۆلتۈرۈشكە باشلىغان. بىراق پىرئەۋىن شۇنچە قىلسىمۇ راستلام بەنىئىسرائىلدىن تۇغۇلغان مۇسا پەيغەمبەر  قولىدا بىر ئاللاغا ئىشەنمەي ئاخىرى ھالاك بولغان. يەنى شۇبىشارەتتە دىيىلگەندەك بولغان.  ئامرىكا زوڭتوڭى لىنكولىن ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىدىن، ئىككى كۈن بۇرۇن يامان چۈش كۆرۈپ بىشارەت تاپقانىكەن. بۇۋەقەنى ئامرىكىدا ھەممە ئادەم دىگۈدەك بىلىدىكەن.  ئەمىلىيەتتە سەل-پەل دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئوبىكتىپ ھادىسە بولغان بىشارەتنى تۇرمۇشىمىزدا ھەرقاچان ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. تۇرمۇشتا يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ چىرايىغا ياكى مەلۇم بىرئىشنىڭ ئىزناسىغا قاراپ، كىيىن پەيدا بولىدىغان ئىشلاردىن ۋە ئۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەردىن پەرەز ئارقىلىق بىشارەت تاپىمىز. بۇلارنىمۇ ھەرقاندىقىمىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان بولىشىمىز مۈمكىن. بىرقىسىم ھايۋانلارمۇ ئالدىن كىلىدىغان ئاپەتلەردىن(يەر تەۋرەش، يامغۇر يېغىش..قاتارلىقلاردىن)  بىشارەت بەرگەن مىساللار ياز مىلاردا ۋە ئەمىلىيەتتە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.  دىمەك ئەستايىدىل كۈزەتسەك <بىشارەت>ئەتراپىمىزدا بار نەرسىدۇر.  شۇڭا تارىختىن تارتىپ ھازىرغىچە دۇنيادا نۇرغۇن بىشارەتچىلەر ئۆتكەن، لىكىن ئۇلار ئىنسان بولغاچقا بەزى بىشارەتلىرى توغراچىقمىغان. مەسىلەن؛
1 - جوڭگۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىشارەتچى مۇنەججىم لى چۈنپىڭ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۈزىتىش ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسىدىن كىيىنكى 2000يىلغىچە يۈز بىرىدىغان چوڭ ۋەقەلەر بىشارىتىنى ھىساپلاپ چىققان. ئۇ بىشارەتنامىسىدە 60تۈرلۈك بىشارەتنى ئوتىرىغا قويغان. ئۇنىڭ 5-بىشارىتىدە «ئۆڭلۈك-سۆيگىن»توپىلىڭىدىن،25-بىشارىتىدە موڭغۇللارنىڭ جوڭگۇنى بېسىۋىلىشىدىن،33-بىشارەتتە مانجۇلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ جوڭگۇنى 300نەچچە يىل سورىشىدىن، 37-بىشارەتتە 3000يىللىق خاندانلىق تۈزىمىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىدىن،53-بىشارەتتە جوڭگۇنىڭ قەد كۆتۈرىشىدىن،56-بىشارەتتە ئىنسانلارنىڭ مىسىلسىز ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئەجدىھا يىلىدا ھالاكەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەر گەن. ئۇنىڭ بەزى بىشارەتلىرى توغرا چىققان، يەنە بەزىللىرى توغرا چىقمىغان.
2-فىرانسىيەلىك يەھۇدى بىشارەتچى نوستىرا دامۇسنىڭ؛ فىرانسىيەدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپ، گىتلىرىنىڭ باش كۆتۈرىشى، 11-سىنتەبىر ۋەقەسى، ۋىنچۈئەندىكى يەر تەۋرەش، ئايروپىلان ۋە ئاتوم بومبىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، قاتارلىق مۇھىم ۋەقەلەردىن بەرگەن بىشارىتى توغرا چىققان بىلەن ، لىكىن  1999-يىلى 7-ئايدا زامان ئاخىر بولىدۇ دىگەندەك  بىشارەتلىرى توغرا چىقماي قالغان،
3-بىرازىلىيەلىك بىشارەتچى جۇسېلېنو نوبۇلېگانىڭ%90 بىشارىتى توغرا چىققان. مەسىلەن؛ ئۇنىڭ1993-يىلى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى، 2001-يىلىدىكى 11-سىنتەبىر ۋەقەسى، 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ھىندى ئوكياندا دېڭىىز تاشقىنى بولىدىغانلىقى ، ھەققىدىكى بىشارەتلىرى توغرا چىققان. ئۇ 2043-يىلىغىچە بىشارەت بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە2043-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى %80ئادەم تۈرلۈك تالاپەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىپ،پەقەت جوڭگۇنىڭ غەربى قىسمىدا ياشىغۇچى ئادەملەرلا ئامان قالىدىكەن. دىمەك يۇقارقىلار ئارقىلىق بىز شۇنى ھىس قىلا لايمىزكى  بىشارەت ھەقىقەتەن   دۇنيادا ئەتراپىمىزدا بار نەرسە، ئۇنى پەقەت يۇقىرى بىلىم سەۋىيەسى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ ھىس قىلىپ بىلەلىگەنلەرلا دەپ بىرەلەيدۇ. غەيىپنى پەقەت ئاللا بىلىدىغانلىقى راست، بىز بەندىلەر كەلگۈسى غەيىپ توغرۇلۇق قالايمىقان سۆزلىسەك، قارىسىغا بىرنەرسە دىسەك ئىمانغا دەخلى يىتىدىغانلىقىمۇ راسىت، بىراق بىز ئاللانىڭ« دۇنيا بىلىملىرىنى ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك-تۈمەن بىشارەتلەرنى تونۇسۇن » دەپ بىزگە بىلىم ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەقىل بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىغىمىز لازىم.  مەسىلەن ئاللا بىز بەندىلەرنى ئۆزىنىڭ بىرلىك ۋەبارلىقىنى تونۇسۇن دەپ دۇنيادا ھېچقانداق بىر نەرسە بىرسى ياراتمىسا ئۆزلىگىدىن پەيدا بولمايدىغان بىر قانۇنىيەت تەقدىرنى بىكىتتى. يەنى دۇنيادا  ھەرقانداق نەرسە جۈپ يارىتىلغاندەك، تەقدىرمۇ ئىككى خىل يارىتىلغان. بىرى بىز ھازىر دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىنسانلار ئۆزى سەۋەپ قىلىش ئارقىلىق ئىرىشىدىغان تەقدىر. يەنە بىرى تەقدىر ئەزەلدە بەلگۈلىۋىتىلگەن ئۆزگەرمەس تەقدىر. شۇڭا مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى «تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش»تۇر. بۇدىمەك (ئاللا ئەزەلدە بەلگۇلىۋەتكەن تەقدىرنى يەنى يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ مېڭىشى، ئۆز ئوقىدا 24سائەتتە بىرقېتىم ئايلىنىپ چىقىشى، ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ ئۆلۈم تەمىنى تېتىيدىغانلىقى ….دىن ئىبارەت بولغان قانۇنىيەت تەقدىرنى   ئىنسانلار ھەرقانچە قىلىپ بولسىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ) دىگەنلىكتىن ئىبارەت. شۇڭا بىرقىسىم   كىشىلەر ھەرقانچە تىرىشسىمۇ يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. يەنە بىرقىسىم  ئوقمىغان كىشىلەر تۇيۇقسىز باي بولۇپ كىتىۋاتقان، ياكى ئەمەلدار بولۇپ قېلىۋاتقان  ئىشلار ئەتراپىمىزدا يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىشلارغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەي، گاڭگىراپ قالىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «تەقدىر ھەققىدە كۆپ تالاش قىلماڭلار!»دىگەن. بەزى تەقدىرىمىز تەقدىرى ئەزەلدە پۈتۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ.شۇڭا  بىز مىڭ قىلساقمۇ شۇ تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. يەنە بەزى تەقدىرىمىزنى ئاللا ئۆزىمىزنىڭ سەۋەپ قىلىپ ئىرىشىىگە قويۇپ قويغان بولىدۇ.  بىراق بىز قايسى تەقدىرىمىزنىڭ تەقدىرى ئەزەلدە پۈتۈلۈپ كەتكەن، قايسى تەقدىرىمىزنىڭ سەۋەپ بىلەن قولغا كىلىدىغانلىقنى بىلمەيمىز. شۇڭا بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۈمۈد بىلەن ياشىشىمىز كىرەك ئەلۋەتتە«ئۈمۈدسىز شەيتان» دىگەن ھىكمەتمۇ بار. شۇڭا داۋاملىق تەقدىرىمىزنى ياخشىلاشقا تىرىشىشىمىز كىرەك.  ئەگەر تىرىشىپ سەۋەپ قىلساقمۇ تەقدىرىمىز ئۆزگەرمىسە ئاندىن«تەقدىرى ئەزەلدە پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ »دەپ ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ.    ئەنە شۇ ئۆزگەرمەس تەقدىر قانۇنىيىتى بولغاچقا بىرقىسىم بىشارەتچىلەر ھەرخىل ئۇسۇل -چارىلەر ئارقىلىق كەلگۈسىدىن بىشارەت  بىرىپ كىلەلىگەن.  . دۇنيانىڭ «سەۋەپلىك ئالەم »ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىنسانلار سەۋەپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزگەرىتكىلى بولىدىغان يەنە بىر  تەقدىرقانۇنىيتى بولسا بىر ئاللانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدىغان كاتتا بىشارەتتۇر. بۇ قانۇنىيەت بولغاچقا ھەرقانداق بىر يارالغۇچى يەنى ياسالغۇچى نەرسە، ئۆزىنى ياسىغان بىرسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.  يەنى  ھەرقانداق ئەقلى ھۇشى جايىدا بولغان بىر ئادەم، بىرنەرسىنى ياسىغان ئادەمنى كۆرمىسىمۇ چوقۇم ياسىغان بىرىنىڭ بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ، چۈنكى ھېچ نەرسە ئۆزلىكىدىن ياسالمايدۇ-دە!  بىز ئەنە شۇنداق بىشارەتلەر ئارقىلىق ھەقىقەتەن دۇنيانى ياراتقان ئىنسانىيەتتىن تاشقىرى قۇدرەتلىك بىر ئىلاھى كۈچنىڭ بارلىقنى ھىس قىلالايمىز. چۈنكى ئاي، كۈن،يەرشارى قاتارلىقلارنى ياساش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە!.مىنىڭچە   تەقدىرنىڭ بۇنداق ئىككى خىل يارىتىلىشىداچۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە چوڭقۇر ھىكمەتلەر بار.

دىمەك كۈزەتسەك بىشارەت تارىختىن بۇيان دۇنيادا ئەتراپىمىزدا بار نەرسىدۇر.

مەنبە : ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 11:39 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
arkakzat + 101 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 101   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:29:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمام خەلقىمىزگە بىشارەت ھەققىدە ئازراق بىلىم بىرەلىسە, بۇجەھەتتە تاتقان ھاردۇقۇم چىققان بولاتتى! ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94134
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 176
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:47:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى تېمكەن.كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87665
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:54:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن شەھرىنىڭ ئاۋات سودا رايۇنغا شۇنداقلا مەخسۇس ئەرەنچە كىيىم كىچەك دۇكىنىغا لايىق قولاي ئورۇنغا جايلاشقان كىيىم كىچەك دۇكىنى ئوتۇنۇپ بىرىلىدۇ،ياكى كىيىم كىچەك سودىسىغا قىزىقىدىغان باشلاشنى بىلەلمەيۋاتقان دوستلار بولسا ھەمكارلاشساقمۇ بۇلىدۇ،بۇنداق پۇرسەت كىلىۋەرمەيدۇ،قولدىن بەرمەڭ،ئاللاھ خالىسا تاللىغان تۇر،سودا ئورۇن،دۇكان كۇلەم ،دۇكان بىزەكچىلىكى قاتارلىقلار ھەممسى مۇكەممەل بولغان ياخشى تۇر ئىدى،ۋاقىتلىق مەبلەغ قىيىنچىلىقى بۇلۇپ قالدى،
تەپسىلاتنى تىلفۇندا بىلگەيسىز،قىلغۇسى يوقلار سوراپ گەپكە تۇتماڭ،(120مىڭيۇەندىن 300مىڭيۇەنگىچە نەخ پۇل كىتىدۇ)ئۇچۇق ئاشكارە نەخ سودا،
كەچۇرۇڭلار  مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يوللاپ قويدۇم،بەك مۇھىم ئىدى،،،،،
تەپسىلاتنى تىلفۇندا سۇرۇشتۇرۇڭ 18139159299
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SUGER تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 12:03 PM  


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 12:09:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىشارەت مەۋجۈت
مەسىلەن بالا قازا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇلۇغ بولغانلىقى ئۈچۈن ئاۋال ئىنسانغا كەلمەي شۇ كىشىنىڭ چارۋا مېلىغا كېلىدۇ....

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4553
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8854
تۆھپە نۇمۇرى: 386
توردا: 5073 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 12:13:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ،،،،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
پىكىر يۇرگۈزسەك بىشارەت،مۆجىزىدىن جىق نەرسە يوق......
تۈرلىلك ۋابا خاراكتىرلىك يامان كىسەللەر كۆپىيىۋاتىدۇ،ئەتراپىمىزدا دىگۈدەك ئۆلۈم_يىتىم بوپ تۇرۋاتىدۇ،،،،ئاشۇلارنىڭ ئۆزىلا چوڭ ساۋاق ئېلىشقا يىتەرلىك دەلىل...
مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم دەششت ۋەھىمىلىك چۈشلەرنى كۆردۈم،بەزىسىدە چىلىق تەرگە چۆمۈلدۈم،،،بەزىسىدە يىغلاپ ئويغىنىپ كەتتىم.....ئىشقىلىپ ئىبرەت ئېلىپ ئۆزىمىزنى تۈزەيدىغان ۋاقىت كېپ قالدى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4553
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8854
تۆھپە نۇمۇرى: 386
توردا: 5073 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 12:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SUGER يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 11:54 AM
خوتەن شەھرىنىڭ ئاۋات سودا رايۇنغا شۇنداقلا مەخسۇس ئەر ...


بىر ئوبدان تىمىغا يېزىلغان ئەخلەت ئىنكاس.خۇددى مۇشۇ تىمىدىن باشقا تىمىغا يوللىسا بولمايدىغاندەك.....باشقۇرغۇچىلار يوقىتىۋەتسەڭلەرمۇ بوپتىكەن،،،،ھەم ئايرىم تىما بوپ يوللىنىپمۇ بوپتۇ...   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkakzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 12:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50844
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 12:59:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن، ئاللا  دۇنيانى ھېكمەت بىلەن ياراتقان، گەپ بىزنىڭ مۇشۇ ھېكمەتلەرنى چۈشىنىشىمىزدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 01:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بېشارەتچىلەردىن نۇستىرا داماس بەك داڭلىققۇ. ئۇ ئادەم 20 _ ئەسىر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئەسىر دەپتىكەن. ھەقىقەتەن ئىككى قېتىم دۇنيا ئۇرۇشى بولدى.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103245
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 01:25:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا   رەھمەت   ياخشىتېمىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش