مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 928|ئىنكاس: 9

مىكروسوفىتقا يېڭى CEO تەيىنلەندى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 04:39:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6-چىسىلا ھىندىستانلىق ساتىيا نادېللا 100 دىن ئارتۇق نامزات ئارسىدىن تاللىنىپ مىكروسوفىت ئۈچىنجى قېتىملىق باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى بولدى. تاكى ئالدىنقى قېتىملىق CEO سىتېۋ بېلمېر ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان 5 ئايدىن بېرى مىكروسوفىت 100دىن ئارتۇق نامزاتنى ئويلاشقان بولۇپ بۇلار ئاساسەن دۇنياغا تونۇشلۇق داڭلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، مەسىلەن فورد شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى قاتارلىقلار.  

                         20140205231708494373233.jpg


ئىچكى خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە :
پايچىكلار يېڭى CEO تاللاش جەريانىدىكى بۇ ئارلىقتا 30 يىللىق ياخشى دوستلاردىن بولغان مىكروسوفىتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گېيتىس بىلەن سىتېۋ بېلمىرنىڭ مۇناسىۋېتى گاھ ياخشى،گاھ ناچار بولغان بولۇپ جىددى ئەھۋاللار كۆپ قېتىم يۈزبەرگەن. يەنە كېلىپ پايچىكلارنىڭ يېڭى CEO تاللاش ئۇسۇلىنىڭ باشقىلارغائوخشىمايدىغان بولشى ۋە مېدىيالارنىڭ بۇ ئىشقا ھەدىدىن زىيادە دىققەت قىلىشى بۇلارنى غەزەپلەندۈرۈپ قويغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پايچىكلار يېڭى نامزاتى ئاۋال 100 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ، كېيىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتۈلۈپ كىچىك دائېردىن بىرنى ھاسىل قىلغان ھالەتتە 30 كىشىلىك تىزىملىكتىن بىرنى رەتلەپ چىققان، تىزىملىكتە شىركەت ئىچكى خادىملىرى ۋە سىرتقى شىركەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر بار بولۇپ مەقسەت بولسا شىركەت ئىچكى خادىمىدىن بىرنى تاللاپ دەرىجىسىنى بىۋاستە ئۆستۈرۈشنى ،ياكى بولمىسا سىرتتىن ئىلغار كىشىدىن بىرنى ۋەزىپىگە قويۇپ شىركەتنى باشقىدىن تەڭشەشنى ئويلاشقان.

تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بەزى نامزاتلار مىكروسوفىتنىڭ تەكلىپنامىسىنى بىۋاستە رەت قىلىۋەتكەن، يەنە بىر قىسىملىرى بولسا، مەسىلەن فورد شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئەيلىن.مۇلالى پايچىكلاربىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ ئەگەر بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئىچكى قىسىمدا بىلگېيتىس ياكى بېلمىرنىڭ تەنقىد قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋاز كەچكەن. خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە مىكروسوفىت ھەر بىر نامزات بىلەن سۆھبەتلىشىپ باققان.

ئاخىرى، 1-ئاينىڭ قەھىرتان سوغۇق بىر كۈنى كەچتە، مىكروسوفىت پايچىكلىرى نىيۇيۇرۇكتىكى بىر ئادۇۋكاتلىق مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا مىكروسوفىتتا ئىشلىگىنىگە 22 يىلدىن ئاشقان ھىندىستانلىق ساتىيا نادېللانى ئۈچىنجى قېتىملىق شىركەت باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى قىلىپ بىكىتىلگەن. ئۇ كۈنى بىكىتىلگەن پەقەت  نادىللانىڭ مەسىلىسىلا ئەمەس...

پايچىكلەر يەنە، بىل گېيتىسنىڭ شىركەت مۇدىرىيەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن رەسمى تۈردە ئايرىلغانلىقىنى، ۋاقتىنىڭ 1\3 نى نادىللانىڭ خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش، مەسلەھەت بېرىش ، شىركەت خادىملىرىنىڭ مەھسۇلات ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بىكىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ! شىركەت مۇدىرىيەت رەئسىنىڭ باش ياردەمچىسى جون.زومپىسىن مۇدىرىيەت رەئىسلىكىگە تەينلەنگەن.14 يىللىق شىركەت باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى بېلمېر شىركەتتىن ئايرىلغان،بىراق يەنىلا مۇدىرىيەت ئەزالىق سالاھىتىدە.

مىكروسوفىت خىزمەتچىللىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىنتايىن تەقەززالىق ئىچىدە گېيتىس بىلەن   نادىللانىڭ ھەمكارلىقى شىركەت كەلگۈسىگە قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سورىغىنىدا مۇدىرىيەت ئەزاسىدىن بىرى: نادىللاغا گېيتىسنىڭ تالانتى ئىنتايىن ئايان،ئۇ گېيتىسنىڭ قارا سايىسىغا ئايلىنىپ قېلىشدىن ئەنسىرمەيدۇ ! دەپ جاۋاپ بەرگەن.

مۇدىرىيەت 2013 -يىلى 1-ئايدىن تارتىپ ئالدىنقى قېتىملىق ئىجىرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋ،بېلمىرنى ۋەزىپىسىدىن تېزىراق ئىستىپا بېرىشكە ،شىركەتنى قايتىدىن رەتكە سېلىشقا قىستىغان.چۈنكى ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇزاق يىللار مابەينى، يېڭى تېخنىكىلىق بازار ئەھۋالىغا دىققەت قىلماسلىق ۋە بازارنى كەتكۈزۈپ قويغانلىق سەۋەبى،مىكروسوفىتنىڭ پايچېكدە ئۇزاق ۋاقىت چۈشۈش كۆرۈلۈپ خەتەرلىك ئەھۋاللار شەكىللىنىشكە باشلىغان.بېلمېر ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا بىر يىل ئىچىدە ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى..(تۈگىدى)

تېڭشۈن تېخنىكا سەھىپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
سەھەر ( 4:34 )


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Zulpikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 11:34 PM  


بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 04:55:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېلگەيتىس ئىستىپا بېرىپ چېكىنگەندىن كېيىن، يېڭى CEO تەيىنلەش ئاسانغا توختىماپتۇ ھە؟

ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى - ئۇيكوم ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى http://www.uzdil.com

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 05:23:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzdil.com يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 04:55 AM
بېلگەيتىس ئىستىپا بېرىپ چېكىنگەندىن كېيىن، يېڭى CEO تەي ...

گېيتىس ئورنىنى بېلمېرغا بىۋاستە ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ھىچقانداق مەسىلە يوق ئىدى ئۇ چاغدا. گەپ بېلمېردىن باشلانغان مىكروسوفىتنىڭ ھاياتى ..

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 09:32:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستاننىڭ ئۇچۇرتىخنىكا يۇمشاق دىتال ساھەسى خىلىلا تەرەقى قىلغان. ئەمدىلىكتە ھىندىستانلىقلارمۇ داڭلىق كىرىمىنى جىلغىسىنى ئىگىلەشكە باشلاپتۇدە

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10310
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2986 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 10:04:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولمىرنىڭ ئىستىپا بېرىشىدىكى سەۋەپ مىكروسوفتنىڭ پايچىكلىرى بولمىرنىڭ ئىسلاھات سۈرئېتى ، ئىسلاھات ئۈنۈمى ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ساھەسىگە قاراتقان ئىستىراتېگىيەسىدىن نارازى بولغان ، ئەقلىيفون ۋە تاختا كومپيۇتېر بازىرىدا مىكروسوفت كونا رەقىبى گۇگىل ۋە ئالما شىركىتىنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالدى ، بۇ ئىككى بازارنىڭ %90 تىن يۇقىرى قىسىمىنى گۇگىل Android ۋە ئالما ios سىستېمىسى ئېگەللىدى ، مىكروسوفت ئىككى ئەۋلات surfacr proۋە surfacr RT تاختا كومپيۇتېرىنى بازارغا سالغان بولسىمۇ لېكىن ئانچە ئۈنۈمى بولمىدى ، بولمىر مىكروسوفتنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنە جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن نوكىيانىڭ يانفون كەسىپىنى سېتىۋالدى ، لېكىن پايچىكلەر يەنىلا رازى بولماي بولمىرنى ئىستىپا بېرىشكە قىستىدى.

ئەينى يىلى بىل گايتىس ئىنتېرنىت دەۋىرىگە قەدەم قۇيۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتىنى قولدىن بېرىپ قۇيۇپ ئىنتېرنىت ساھەسىگە گۇگىلدىن بىر قەدەم كىيىن كىرگەن ، بولمىر بولسا ئەقلىيفون ۋە تاختا كومپيۇتېر بازىرىغا كىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇپ بۇ بازارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى گۇگىل ۋە ئالما شىركىتىگە تارىتقۇزۇپ قويدى .

لېكىن مىكروسوفتقا يەنىلا پۇرسەت بار ، پەن تېخنىكا ساھەسىدە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75088
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3759
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:24:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىنى نېمانداق ئوقۇغىلى بولمايدۇ. «مىكروسوفىت يېڭى CEO تەيىنلەندى !» دېگەن جۈملىنىڭ خەۋرى قايسى.، ئىگىسى قايسى؟
تەۋسىيە (ئەڭ توغرىسى دېگىنىم يوق)1: مىكروسوفىت يېڭى CEO تەيىنلىدى
تەۋسىيە (ئەڭ توغرىسى دېگىنىم يوق)2: مىكروسوفىتقا يېڭى CEO تەيىنلەندى
ماۋزۇنىڭ ئاخىرىغا نېمىشقا ئۈندەش بەلگىسى قويىلىدۇ؟ (ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، ماۋۇزلارغا تىنىش بەلگىسى قويۇلمايدۇ. ) يا بۇ بەك مىكروسوفت ئۈچۈن بەك ئالاھىدە خەۋەر بولغاچقا شۇنداق قويۇلدىمۇ؟
ئاندىن خەۋەرنىڭ ئالدىدا ياكى ئاخىرىدا تەرجىمە قىلغۇچى (ياكى مۇھەررىر) CEO ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسە ياخشى بولاتتى. ئىنگلىزچە ئۆگەنگەنلەر CEO نىڭ قانداق ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى قىسمەن بىلگەن بىلەن، بىزنىڭ ئۇيغۇلار ئارىسىدا بۇنداق ۋەزىپە ئۆتەش ئۇسۇلى تېخى بەك ئومۇملاشمىغاچقا ئومۇمىي تور خەلقىنىڭ بۇنى تولۇق چۈشىنىشنى سەل تەس.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:48:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇز116 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 11:24 AM
بۇ خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىنى نېمانداق ئوقۇغىلى بولمايدۇ. «مى ...

قوللايمەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 09:03:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
CEO دىگەن سۆز  Chief Executive Officer دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى.
يەنى بىر كارخانىنىڭ ھوقۇقى ئەڭ چوڭ 1-جى قول باشلىقى دىگىنى. يەنى شۇ كارخانىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى دىگەنلىك.

توغرا تەرجىمىسى( 行政总裁).
行政总裁 نىڭ يەنى  CEO نىڭ ھوقۇقى  总裁  دىنمۇ چوڭ بولدۇ.
ھەم يەنە شۇ كارخانىنىڭ پاي چېكى باياناتچىسى.
ھەم يەنە ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى بەنزىسىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىمۇ باشقۇردۇ.
مەنمۇ بىلگىنىمنى دەپ باقتىم، كەم قالغان يەرلىرىنى باشقىلار قوشۇپ قوياسىلەر

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 11:21:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇز116 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 11:24 AM
بۇ خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىنى نېمانداق ئوقۇغىلى بولمايدۇ. «مى ...


مەن سەل كىچىپىكپ كۆرۈپتىمەن ئىنكاسىڭىزنى،مىنىڭ ئورنۇمدا نازىگۈل CEO غا چۈشەنچە بېرىپ بوپتۇ.ئەمدى سىزگە تېما ماۋۇزۇسى ھەققىدە چۈشەنچەمنى بېرەي.
ئەسلى مەنمۇ ماۋزۇسىنى مىكروسوفىتقا يېڭى CEO تەيىنلەندى دەپ يازغىنىم ئىسىمدە ،قانداق بولۇپ ئۇنداق بولۇپ قالدى مەنمۇ بىلمىدىم ....
ئۈندەش بەلگىسىنىڭ نىمىشقا قويىلىدىغانلىقىنى دىمىسەممۇ سىز بىلىدىكەنسىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Zulpikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 11:33 PM  


بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75088
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3759
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 02:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Zulpikar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 11:21 PM
مەن سەل كىچىپىكپ كۆرۈپتىمەن ئىنكاسىڭىزنى،مىنىڭ ئورن ...

شۇڭا دەيمەن. ئوقىسام ھېچ قاملاشمايدۇ. مەن تېخى نېمە ئىشكىن دەپتىمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 50 ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش